تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەتىيازلىق ساياھەت باش تېما پائالىيەتلىرى قىزىپ كەتتى

    مۇساجان مۇھەممەد خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندىن بۇيان، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جاي – جايلىرىدا ئەتىيازلىق ساياھەت باش تېما پائالىيەتلىرى ئارقا–ئارقىدىن باشلىنىپ، ئەتىيازلىق ساياھەت قىزغىنلىقى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى.

    ئۇقۇشىمچە، 3–ئاينىڭ 31–كۈنىدىن باشلاپ، قومۇلدا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سانائەت ساياھىتى ئارقىلىق يېڭى تۇرمۇشنى بايقاش پائالىيىتى؛ يەكەندە تۇنجى نۆۋەتلىك يېزا–كەنت گىلاس چېچىكى سەيلىسى؛ كۈنەستە گۈل سەيلىسى دوستلۇق پائالىيىتى؛ تۇرپاندا بىر كۈنلۈك ئەتىيازلىق ساياھەت پائالىيىتى؛ ئۇچتۇرپاندا ‹‹بۇلاق شەھىرىگە مۇھەببەت  ئۆرۈك چېچىكى سەيلىسى›› قاتارلىق ساياھەت پائالىيەتلىرى باشلانغان. بۇ ساياھەت باش تېما پائالىيەتلىرىدە، جايلارنىڭ ئۆزگىچە ساياھەت ئەۋزەللىكى تولۇق نامايان قىلىنىپ، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېھقان–چارۋىچىلارنىڭ بېيىش قەدىمىنى تېزلىتىشكە شارائىت يارىتىلغان.

   شىنجاڭ كاڭخۇي تەبىئەت ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك شىركىتى قومۇل شۆبە شىركىتى سانائەت ساياھىتى تۈرىنىڭ دىرېكتورى ما لىمېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، سانائەت ساياھىتى بىر خىل يېڭى ئۇقۇم ۋە يېڭى مەھسۇلات سۈپىتىدە بارغانسېرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىغان. بۇ قېتىملىق پائالىيەت قومۇلنىڭ سانائەت ساياھىتىدىكى بىر قېتىملىق ئىزدىنىش ئىكەن، ساياھەتچىلەر قومۇلنىڭ تارانچى كان رايونىدىكى كونا ئىشلەپچىقىرىش رايونى ۋە يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان پار پويىزىنى ساياھەت قىلىپ، يەرلىكنىڭ سانائەت تەرەققىيات تارىخىنى چۈشىنىپ، ئۆزگىچە تەسىراتلارغا ئىگە بولغان.  

    يەكەن ناھىيەسى تۇنجى نۆۋەتلىك يېزا–كەنت گىلاس چېچىكى سەيلىسى پائالىيىتىدە، يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئۆزگىچە يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق، سۇ، تۇپراق ئەۋزەللىكلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، كۈنسېرى تەرەققىي قىلىۋاتقان باغۋەنچىلىكنى ۋاسىتە قىلىپ، دېھقانلارغا ساياھەتچىلىكنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى ھېس قىلدۇرغان، يېزا–كەنت ساياھىتىنىڭ يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېھقان–چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى رولىنى نامايان قىلغان.
يەكەن ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى مو فۇچېڭ مۇنداق دېدى: مىشا بازىرىمىزدا 6000 مو گىلاسلىق بار، باشقا يېزا–بازارلاردىمۇ سەككىز خىل سورتتىكى گىلاسلىق بار بولۇپ، ھەر يىلى 4–ئايلاردا چېچەكلەپ، 5–ئايلاردا پىشىدۇ. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ئېكولوگىيەلىك ئىستىراھەت ساياھىتى ئاساس قىلىنىپ، ساياھەت مەدەنىيەت بازىرى ئېچىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا شارائىت ھازىرلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ