تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش يولىنى بويلاپ، چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا باسايلى

−پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى تور ئۇچۇر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا مۇلاھىزە

    دۇنيادا ئۇچۇرلاشتۇرۇش دولقۇنى ئۆركەشلەپ ئالغا بېسىپ، رەڭگارەڭ تۈس ھاسىل قىلدى.

    جۇڭگونىڭ تور ئۇچۇر ئىشلىرى پۇختا، تېز قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىدى.

    پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇردى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈردى. دۆلىتىمىزنىڭ ئالاقە تورى تەرەققىياتى ۋە باشقۇرۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى، تور بوشلۇقى بارغانسېرى ئوچۇقلاشتى، ئۇچۇرلاشتۇرۇش نەتىجىسىدىن مىليونلىغان ئامما نەپ ئالدى، تور بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، تور بوشلۇقى تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇش تەشەببۇسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. جۇڭگونىڭ تور ئۇچۇر ئىشلىرى دەۋر ئالدىدا تۇرۇپ، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋرگە چوڭ قەدەم تاشلىدى.

     «تور بوشلۇقى مىليونلىغان ئاۋامنىڭ ئورتاق مەنىۋى يۇرتى»

   − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تور مەزمۇنى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئاكتىپ، ساغلام، ئىنتىلىشچان، ياخشىلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان تور مەدەنىيىتىنى يېتىلدۈرۈپ، تور ئەھلى، بولۇپمۇ ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان تور بوشلۇقى يارىتىپ بەردى

    2018-يىلىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزدىكى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلار تور سىن كۆرۈنۈشلىرىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا سۆھبەتلىشىش، تەرتىپكە سېلىش، توردىن چىقىرىۋېتىش قاتارلىق بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، شىددەت بىلەن كېتىۋاتقان تور سىن كۆرۈنۈش كەسپىنى جىددىي «تورمۇزلىدى».

    بۇ پەقەت پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تورنى قانۇن بويىچە باشقۇرغانلىقىنىڭ، قاتتىق تەدبىر قوللانغانلىقىنىڭ بىر ئىخچام كارتىنىسى.

   «تور خۇددى قوش بىسلىق شەمشەرگە ئوخشايدۇ، توردىكى بۇ قالايمىقان ئەھۋاللارغا چوقۇم قاتتىق زەربە بېرىپ، ئۇنى ياخشى تەرتىپكە سېلىش كېرەك»، «تەرتىپكە سېلىشنى قوللايمىز! جەمئىيەتكە پاسسىپ كۈچ ئېلىپ كەلگەن بۇ تارقاتقۇچىلارنى قاتتىق باشقۇرۇش كېرەك»... تور ئەھلىنىڭ قوللاپ، مەدەت بېرىپ قالدۇرغان بۇ سۆزلىرىدە خەلقنىڭ توردا گۈزەل مەنىۋى يۇرت قۇرۇشقا بولغان ئۈمىدى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

   تور بوشلۇقى مىليونلىغان خەلقنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانى. تور مۇھىتى ھاۋاسىنىڭ ساپ، ئېكولوگىيەسىنىڭ ياخشى بولۇشى خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. تور مۇھىتىنىڭ ئىس-تۈتەك بىلەن قاپلىنىشى، ئېكولوگىيەسىنىڭ ناچارلىشىشى خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە زىت.

   باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىز جەمئىيەتكە، خەلققە مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەمىز بىلەن، تور بوشلۇقىنى ئىدارە قىلىشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، تور مەزمۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، توردىكى ئىجابىي تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، پائال، ساغلام، ئىنتىلىشچان، ياخشىلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان تور مەدەنىيىتىنى يېتىلدۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت نەتىجىلىرى بىلەن كىشىلەر قەلبىنى، جەمئىيەتنى ئوزۇقلاندۇرۇشىمىز، ئاكتىپ كۈچى تولۇق، ئاساسىي مېلودىيەسى ياڭراق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تور ئەھلىگە، بولۇپمۇ ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان تور بوشلۇقى ھازىرلاپ بېرىشىمىز كېرەك.

   پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا: ئالاقە تورىنىڭ مەزمۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تورنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ساپ تور مۇھىتى يارىتىش لازىم، دەپ كۆرسىتىلدى.

   پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، «ئاكتىپ كۈچ − ئومۇمىي تەلەپ، باشقۇرالايدىغان بولۇش − چىڭ قائىدە» دېگەن تەلەپكە ئاساسەن، ئالاقىدار تارماقلار زىچ ماسلىشىپ، ھەمكارلىشىپ كۈچ چىقىرىپ، ھەر تەرەپلىمە تۈزىدى.

   − تور بىخەتەرلىكى قانۇنى، «ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»، «ئالاقە تورى ئابۇنىچى ئاممىۋى ھېسابات نومۇرى ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»، «ئالاقە تورىدا گۇرۇپپا ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» قاتارلىق بىر تۈركۈم قانۇن-نىزاملار ئارقا- ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقىپ، تورنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، بېجىرىش، ئىشلىتىشنى تۈپ ئاساسقا ئىگە قىلدى.

   − «تورنى ساپلاشتۇرۇش»، «تورنى قوغداش»، «مەنبەدىن تازىلاش»، «مايسىنى قوغداش» قاتارلىق بىر قاتار مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى ۋە تور بېكىتىنى باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ لەۋزىدە تۇرمىغانلار قارا تىزىملىكى تۈزۈمى مۇكەممەل جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، توردىكى پىتنە-پاساتلار، توردىكى شەھۋانىيلىق، «ساختا ئاساسىي پونكىت» قاتارلىق توردىكى قالايمىقانچىلىقلار ئۈنۈملۈك تۈزىتىلىپ، تور بوشلۇقى كۈندىن- كۈنگە ساپلاشتى.

   − «تور تاراتقۇلىرى ئاساسىي قاتلامغا بېرىش، ئىستىلنى ئۆزگەرتىش، يېزىقچىلىق ئىستىلىنى ياخشىلاش»، «جۇڭگو ياخشى تورداش قۇرۇلۇشى»، «تور ئاممىۋى پاراۋانلىقى قۇرۇلۇشى»، شۇنداقلا دۆلەت تور بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ھەپتىلىكى قاتارلىق بىر تۈركۈم تۈرلەر مۇۋەپپەقىيەتلىك يولغا قويۇلۇپ، پۇقرالارنىڭ تور مەدەنىيەت ساپاسى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلۈپ، ساغلام، ئىنتىلىشچان تور ئېكولوگىيەسى ئاكتىپ كۈچ تارقاتتى.

    «بىر بەلباغ، بىر يول»دىن «كىچىك ھېسابات دەپتىرىگە باغلانغان چوڭقۇر مۇھەببەت»كىچە، «جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل»دىن «قالتىسسەن، ۋەتىنىم»گىچە، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، زور باش تېمىنى تەشۋىق قىلىشتا ئالاقە تورىدا تارقىتىش شەكلى، ۋاسىتىسىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، «ئەمەلىي بولۇش، چوڭقۇر بولۇش، قەلبكە يېقىنلىشىش»تەك ئۈنۈم شەكىللەندۈرۈلدى.

   «جۇڭگو ئارزۇسى»نى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلەر ھېكايىسىنى توردا تارقىتىش قۇرۇلۇشىدىن جۇڭگونىڭ ئىجادىي ئېسىل ئويۇنلىرىنى نەشر قىلىش قۇرۇلۇشىغىچە، «مىكرو بىلوگ، ئۈندىدار ۋە ئاخبارات تېرمىنالى»دا 100 ياخشىنى باھالاشتىن توردىكى ئاكتىپ كۈچ «بەش بىر يۈز» نادىر ئەسەرلەرنى تاللاشقىچە، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى توردا تارقىتىش بىلەن ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ ئاكتىپ كۈچىنى تارقىتىش تەڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، توردا، تور سىرتىدا «مەركەزداش چەمبەر» دۆلەت ھېسسىياتى تەشۋىق قىلىندى.

   ئاپەتتە ھەمدەم بولۇش، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىشتىكى خالىس ۋە قورقماس روھ، قوشنىلار ئارا ياردەملىشىش، غەمخورلۇق قىلىش، پاراۋانلىق ئىشلىرىدا سېخىيلىق بىلەن ياردەم بېرىش... پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئالاقە تورى پەيدىنپەي سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنىڭ پايدىلىق تارقاتقۇچىسىغا ئايلىنىپ، جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن ياخشى ئادەم، ياخشى ئىش، قەلبلەرگە سىڭىپ كىرگەن ئەخلاقىي پەزىلەت، ھەققانىي ئىشلار ھەقىقىي، ئىجابىي، ساغلام يوللار ئارقىلىق تور ئەھلىگە يەتكۈزۈلۈپ ۋە ئاممىغا تونۇتۇلۇپ، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

   تور بوشلۇقى بارغانسېرى ئاكتىپ كۈچنىڭ مەنبەسى ۋە مىليونلىغان ئاممىنىڭ ئورتاق روھىي ماكانىغا ئايلاندى.

    «تور ئۇچۇر ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى جەزمەن ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك»

   − خەلقنىڭ يېڭى ئارزۇسىغا ماسلاشتى، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئۇچقاندەك راۋاجلىنىشى مىليونلىغان خەلقنى ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىپ، ئۇلارنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى

   گەنسۇ لۇڭنەننىڭ تاغلىرى ئېگىز، جىلغىلىرى چوڭقۇر بولۇپ، تەبىئىي بايلىقى ناھايىتى مول. كۆپ يىللاردىن بۇيان، قاتناش راۋان بولمىغانلىقتىن، يەرلىك پۇقرالار بۇ «گۆھەر»لەرنى ساقلاپ جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەنىدى.

   80-يىللاردا تۇغۇلغان، سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان قىزچاق لياڭ چيەنجۈەن يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ تور دۇكىنى ئېچىپ ئىگىلىك تىكلىگەندىن كېيىن، كەنتتىكىلەرنى ھاڭ- تاڭ قالدۇردى: بىر تال تور سىمىغا تايىنىپ، كۇنۇپكا تاختىسىنى يېنىك بېسىپلا ئېتىزدىكى زىرائەتلەر، دەرەختىكى ياڭاقلار، تاغدىكى ياۋا كۆكتاتلارنى پۇلغا ئايلاندۇردى، ئۇنىڭ سودىسى بارغانسېرى روناق تاپتى. بۈگۈنكى كۈندە، لياڭ چيەنجۈەننىڭ توردا سېتىش كىرىمى جەمئىي 4 مىليون 500 مىڭ يۈەنگە يەتتى، ئۇ يەنە كەنتتىكى 30 دىن ئارتۇق نامرات ئاھالىنى تور دۇكىنىغا ئۇزاق مۇددەت مال يەتكۈزۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىنى تېپىشىغا تۈرتكە بولدى.

   تور تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رەقەمنىڭ كۈچىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش − جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرۇشتىكى ئۇل قۇرۇلۇش. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، «تور ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ھەرىكىتى» باھار شامىلىدەك ھەممە يەرنى ئىللىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا كۈچ قوشتى.

   − ھازىر ئېلىمىزدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات كەنتلەردە كەڭ بەلباغلىق تورنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى %86 تىن ئاشتى، بۇ يىل 13-بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «كەڭ بەلباغلىق تور بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى نامرات كەنتلەردە %90 تىن ئاشۇرۇش» نىشانىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇنداشتىن ئۈمىد بار.

   دۆلەت دەرىجىلىك 499 نامرات ناھىيە ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېزىلارغا كىرگۈزۈشتىكى ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىشنى قوللاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، بارلىق نامرات ناھىيەنىڭ %60 ىنى ئىگىلىدى.

   − تور ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ھەرىكىتى چوڭ سانلىق مەلۇمات ئانالىز سۇپىسى نامرات نوپۇسنى دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش، دەل جايىدا چېكىنىپ چىقىشتىكى ئۈنۈملۈك تىرەككە ئايلاندى.

   100 دىن ئارتۇق تور ئۇچۇر كارخانىسى ئېغىر نامرات رايونلار بىلەن قوشماقلىشىش- ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، تور ئارقىلىق ئوقۇشقا ياردەم بېرىش، «باھار غۇنچىلىرى پىلانى»، «ئانىلار مېھرى» قاتارلىق تور ئاممىۋى پاراۋانلىقى تۈرىنى يولغا قويدى.

   «تور ئۇچۇر ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوقۇم ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك». پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، «رەقەملىك پايدا» تېز تەرەققىي قىلىپ، «ئالاقە تورى +» پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا چوڭقۇر سىڭىپ كىردى.

   ئاپتوموبىللار موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان شېنجېننىڭ كوچىلىرىدا، شەھەر قاتنىشى چوڭ مېڭىسى ئالاقە تورى چوڭ سانلىق مەلۇماتىدىن پايدىلىنىپ، ئاپتوموبىل ئېقىمىغا ئاساسەن پۈتۈن شەھەرنىڭ قاتناش قىزىل-يېشىل چىرىغىنىڭ يېقىلىش ۋاقتىنى تەقسىملەپ، ئاپتوموبىل ئېقىمىنى تەكشۈرۈشنىڭ توغرىلىق نىسبىتىنى %95 تىن ئاشۇردى، يول يۈرۈش ئىقتىدارىنى %8 تىن كۆپرەك ئاشۇردى، يېرىم سائەتتىلا قاتناش ئۇچۇرىنى شەكىللەندۈرۈپ دەل جايىدا تەمىنلىيەلەيدىغان بولدى.

    ساياھەتچىلەرگە لىق تولىدىغان فۇجيەننىڭ ۋۇيىشەن تېغىدىكى 15 ئاساسلىق مەنزىرە رايونىدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ساياھەتچىلىك ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ساياھەتچىلەرنى تاماق، تۇرالغۇ، قاتناش، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگەندىن سىرت، يەنە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھېسابلاش ۋە ئىلمىي ئالدىن ھۆكۈم قىلىش ئارقىلىق ساياھەتچىلەر سانلىق مەلۇماتى، مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئەھۋالى ئانالىز قىلىنىپ توپلىنىدىغان بولدى.

    بېيجىڭ شەھىرىنىڭ فېڭتەي رايونىدىكى ئادەمگە لىق تولىدىغان كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش مەركىزىدىكى «بىر كۆزنەكتە ئىش بېجىرىش» ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت كۆزنىكىدە، ئامما ھەرقاچان پۇتىمىز ئۈزۈلگىچە قاتراپ قالىمىزمىكىن، دەپ ئويلىغان رەسمىيەتلەرنى بىر قېتىمدىلا بېجىرىپ بولۇپ، «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىرلا قېتىم قاتراش»تەك قولايلىقنى ئەمەلىي ھېس قىلدى...

   يىراق مۇساپىلىك دەرسخانا تاغ ئىچىدىكى بالىلارنى يېتەكلەپ، «رەقەملىك ھاڭ»دىن ھالقىشتىن تۇغقان ئىزدەش سۇپىسى ئارقىلىق ئىز-دېرەكسىز يوقالغان ئۆسمۈرلەرنى ئۆيىگە قايتۇرۇپ كېلىشكىچە، باغۋەنلەرنى توردا تەربىيەلەپ مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمدۈرۈشتىن مەمۇرىي ئىشلار ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ «ئاممىنى ئاز قاترىتىش»قىچە، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئەندىزىسى قولايلىق، راھەت ئېلىپ كېلىشتىن «ئالاقە تورى +» ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش دولقۇنىغا تۈرتكە بولۇشقىچە... پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ تور ئۇچۇر كەسپى خەلق تۇرمۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى كۈچەپ تولۇقلاپ، ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلدى. كارغا كېلىدىغان، ئىشلىتىشكە قۇربى يېتىدىغان، پايدىلانغىلى بولىدىغان ئۇچۇر مۇلازىمىتى تېخىمۇ كۆپ پۇقرانى نەپكە ئېرىشتۈردى، مىليونلىغان خەلق تور تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە بولدى.

   4-ئايدا، فىكۇس شەھىرى دەپ ئاتىلىدىغان گۈزەل فۇجۇ شەھىرى «ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، رەقەملىك جۇڭگونى تېز قۇرۇش» تېمىسىدا تۇنجى نۆۋەتلىك رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇش باشلىقلار يىغىنىنى كۈتۈۋالىدۇ. بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تور كۈچلۈك دۆلىتىگە ئائىت ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى خەلقنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشقا يەنىمۇ يېتەكلەيدۇ، تېخىمۇ قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك رەقەمنى ھېس قىلىش پات ئارىدا ئىشقا ئاشقۇسى.

      «تور بىخەتەرلىكى بولمىسا دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىمۇ بولمايدۇ»

    − باش شۇجى شى جىنپىڭ دۇنياغا نەزەر سېلىپ، ئومۇمىيەتنى ئىگىلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ تور بىخەتەرلىكى سىستېمىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، توغرا تور بىخەتەرلىكى قارىشىنى تىكلەشكە نىشان كۆرسىتىپ بەردى

    2018-يىلى 3-ئايدا، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىنىڭ بىرى بولغان Facebook ئىشەنچ كىرىزىسىغا ئۇچراپ، 50 مىليوندىن كۆپرەك ئابۇنىچىنىڭ شەخسىي ماتېرىيالى ئاشكارىلىنىپ كەتتى، دەپ گۇمانلىنىلدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن، بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار كۆپ كۆرۈلگەن: دۇنيا زەنجىرسىمان مېھمانسارايلىرىنىڭ چىقىم سىستېمىسى قەستكارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، زور مىقداردىكى سانلىق مەلۇمات ئاشكارىلىنىپ كەتكەن؛ قاقتى-سوقتى قىلىش ۋىرۇسى دۇنيا بويىچە كەڭ دائىرىدە تارقالغان...

   «زېرەك كىشى شەپە كېلىشتىن بۇرۇن ئۇنى ھېس قىلىپ يېتەلەيدۇ، ئاقىل كىشى ئىش يۈز بېرىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ قانۇنىيىتىنى بىلەلەيدۇ». پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ «تور بىخەتەرلىكى بولمىسا دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىمۇ بولمايدۇ» دەپ چوڭقۇر كۆرسىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تور بىخەتەرلىكى سىستېمىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، توغرا تور بىخەتەرلىكى قارىشى تىكلەشكە نىشان كۆرسىتىپ بەردى.

   نەدە قانۇن-نىزاملارنى كۆزگە ئىلماي خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، شۇ يەردە ئالاقە تورى نازارەت قىلىنىپ باشقۇرۇلىدۇ ۋە قانۇن ئىجرا قىلىنىدۇ.

   − دۆلەت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسى ئۇچۇر تورىنىڭ مەخسۇس قانۇنىنى تۈزۈش يىرىك پىلانىنى باشلامچى بولۇپ تۈزۈپ، تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، تور بىخەتەرلىكى قانۇنى، ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر تورىنى قوغداش نىزامى قاتارلىق مۇھىم قانۇن- نىزاملارنى تۈزۈش جەريانىنى ئىلگىرى سۈردى.

   − «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېلېگراف نىزامى»، «كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالىنى قوغداش نىزامى»، «ئۇچۇرلارنى توردا تارقىتىش ھوقۇقىنى قوغداش نىزامى» قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن، نىزام، قائىدە ۋە ئەدلىيەلىك چۈشەندۈرۈشلەرنى چىقىرىش تېزلىتىلدى.

   − تور بىخەتەرلىكى قانۇنى رەسمىي يولغا قويۇلۇپ، تور بىخەتەرلىكىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرى قانۇنچىللىق يولىغا كىرگۈزۈلدى.

   − «دۆلەت تور بوشلۇقى بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسى»، «ئالاقىلىشىش تور بىخەتەرلىكى مۇداپىئەسىنى باشقۇرۇش چارىسى»، «تېلېفون ئابۇنىچىلىرىنىڭ ھەقىقىي سالاھىيەت ئۇچۇرىنى تىزىملاش بەلگىلىمىسى»، «ئاممىۋى ئالاقە تورى بىخەتەرلىكى بويىچە تاسادىپىي ۋەقەلەرنى جىددىي بىرتەرەپ قىلىش لايىھەسى» قاتارلىق يانداش قائىدە، يىرىك پىلان ۋە سىياسەت- ھۆججەتلەر ئارقا- ئارقىدىن چىقىرىلدى.

   − ئۈندىدار، سىنا مىكرو بىلوگى، تاۋباۋ تورى، جىڭدۇڭ سودا شەھىرى قاتارلىقلارنىڭ تور مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتىگە چېتىلىدىغان ئون شەخسىي سىر ماددىسى تەكشۈرۈلۈپ، كارخانىلارنىڭ ئابۇنىچىلارنىڭ شەخسىي سىر ئۇچۇرىنى قانۇن- ئىنتىزامغا خىلاپ ھالدا يىغىش قىلمىشى ئۈنۈملۈك ئۆزگەرتىلدى.

  − تور بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ چېگرادىن چىقىش بىخەتەرلىكىنى باھالاش، شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش قاتارلىق مۇھىم تۈزۈملەر تەدرىجىي ئورنىتىلىپ، تور بىخەتەرلىكى ئۈچۈن «بۇزغىلى بولمايدىغان» تۈزۈم مۇداپىئە لىنىيەسى ئورتاق قۇرۇلدى.

   تور بىخەتەرلىكىنى ئاچقۇچلۇق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەسى ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

   كىچىككىنە بىر كارتا ئۇچراشمايدىغان شەكىلدىكى سەزگۈر ئۇچۇرغا ئىگە بولۇشنى توسۇيالايدۇ؛ توردا سالاھىيەتنى تەكشۈرۈپ ۋىزا بېرىش تېخنىكىسى چېگرادىن قانۇنسىز كىرىش قىلمىشىنى مەنبەدىن پەرقلەندۈرەلەيدۇ ۋە توسۇيالايدۇ؛ دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى تور بىخەتەرلىكى سۇغۇرتىسى كەڭ تور ئەھلىنى تېخىمۇ كۆپ كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ... پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، «فىزىكىلىق ئايرىش» مۇداپىئە لىنىيەسىگە تور ھالقىپ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىش، توك تەڭشەش بۇيرۇقىنى يامان غەرەزدە ئۆزگەرتىش، پۇل مۇئامىلە سودا ئۇچۇرىنى ئوغرىلاش قاتارلىق زور يوشۇرۇن خەۋپلەرگە قارىتا، پۇل مۇئامىلە، ئېنېرگىيە، ئېلېكتىر كۈچى، ئالاقىلىشىش، قاتناش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئاچقۇچلۇق ئۇچۇرلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەپ، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىلىپ، تور بىخەتەرلىكىنىڭ مۇداپىئە تورى زىچ قۇرۇلۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ ئالتۇن قوڭغۇراق قاپقىقى بارلىققا كەلتۈرۈلمەكتە.

   «تور بىخەتەرلىكى خەلق ئۈچۈن بولىدۇ، تور بىخەتەرلىكىدە خەلققە تايىنىلىدۇ، تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى بولۇپ، ئۇ، ھۆكۈمەت، كارخانا، ئىجتىمائىي تەشكىلات، كەڭ تور ئەھلىنىڭ ئورتاق قاتنىشىپ، تور بىخەتەرلىكى مۇداپىئە لىنىيەسىنى ئورتاق قۇرۇشىغا ئېھتىياجلىق».

  «تور بوشلۇقى بىخەتەرلىكى» بىر دەرىجىلىك ئىلىمگە ئايلىنىپ، نۇرغۇن ئۇنىۋېرسىتېتتا «تور بوشلۇقى بىخەتەرلىكى ئىنستىتۇتى» قۇرۇلدى؛ جۇڭگو تور بوشلۇقى بىخەتەرلىكى جەمئىيىتى قاتارلىق تۈرلۈك يېڭى تور ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى ئارقا- ئارقىدىن قۇرۇلدى، ئۇدا تۆت يىل ئۇيۇشتۇرۇلغان دۆلەت تور بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ھەپتىلىكى مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈلدى... پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەرقايسى تەرەپلەر تەڭ تۇتۇپ، بىرلىكتە باشقۇرىدىغان ياخشى ۋەزىيەت شەكىللىنىپ، تور بىخەتەرلىكىنى ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق قۇرۇشنىڭ ياخشى مۇھىتى تەدرىجىي بەرپا قىلىندى.

    «تور ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ، ھەمراھلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئىشىنى كۆپچىلىك كېڭىشىپ بېجىرىشى كېرەك»

  − دۇنيا ئالاقە تورىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىردى، جۇڭگو «تور بوشلۇقى تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ» تور بوشلۇقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، جۇڭگو ئەقىل- پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم قىلىدۇ

   تورنىڭ دۆلەت چېگراسى بولمايدۇ.

   ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىنقىلابى دولقۇنى پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ئەندىزىسى، مەنپەئەت ئەندىزىسى، خەۋپسىزلىك ئەندىزىسىنى چوڭقۇر قاپلىغاندا، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا ئالاقە تورىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى مەنپەئىتى ئۆزئارا گىرەلىشىپ، بىر-بىرىگە زىچ باغلىنىدۇ.

   2015-يىلى 9-ئاي، ئامېرىكىنىڭ سېئاتىلدىكى مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ باش ئىشتابى. دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا ئالاقە تورى مۇنبىرىگە قاتنىشىۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە: بىخەتەر، مۇقىم، گۈللەنگەن تور بوشلۇقى بىر دۆلەت، ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا نىسبەتەن زور ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ تەكىتلىدى.

    «دۇنيا ئالاقە تورىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تور بوشلۇقىنىڭ تەرتىپىنى قوغداش ئۈچۈن، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇش، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، نۆل يىغىندىلىق كۈچ سىنىشىش، ئۇتقانلار ھەممىنى يېيىش قارىشىنى چۆرۈپ تاشلاش كېرەك»−بۇ، بىر تەشەببۇس، ئورتاق تونۇش، ھۆكۈم، شۇنداقلا خىتاب.

    پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «تور بوشلۇقى تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش» باشقا دۆلەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو ئەقىل- پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر يەتكۈزدى.

    بىزنىڭ «تۆت پىرىنسىپ»، «بەش تەشەببۇس»نى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىمىز خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە تور ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ، ھەمراھلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئىشىنى كۆپچىلىك كېڭىشىپ بېجىرىپ، تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، بىخەتەرلىكنى ئورتاق قوغداپ، ئىدارە قىلىشقا ئورتاق قاتنىشىپ، نەتىجىلەردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئۈمىد قىلغانلىقىمىزدۇر. − رەئىس شى جىنپىڭ 2017-يىلى 12-ئايدا ئېچىلغان 4- نۆۋەتلىك دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنىغا ئەۋەتكەن تەبرىك خېتىدە مۇستەقىل، روشەن، كۈچلۈك قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

    «<جۇڭگو تور قارىشى> كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ». «ئالاقە تورى ئاتىسى»، داڭلىق كومپيۇتېر ئالىمى روبېرت كاخن: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار بايانلىرىدا ئالاقە تورىنىڭ ناھايىتى ئۆزگىچە ئورتاق ماكان ئىكەنلىكى، ھەممە كىشى مەسئۇلىيەتنى ئورتاق زىممىسىگە ئېلىشى كېرەكلىكى چۈشەندۈرۈپ بېرىلدى، دېدى.

    قول تۇتۇشۇپ بىللە ئىلگىرىلىگەندىلا، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ.

   «تور بوشلۇقى خەلقئارا ھەمكارلىق ئىستراتېگىيەسى»نى ئېلان قىلىشتىن خاڭجۇ 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار ئۇچرىشىشىدا «20 دۆلەت گۇرۇھى رەقەملىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ھەمكارلىق تەشەببۇسى»نى ئىمزالاشقىچە، ئالاقە تورىدىكى ئاچقۇچلۇق بايلىقلارنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۆتكەشنى تاماملاشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئالاقە تورى دائىرە نامى ئادرېسلىرىنى تەقسىملەش ئاپپاراتىنى خەلقئارالاشتۇرۇش مۇساپىسىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشكىچە، جۇڭگو تور بوشلۇقى خەلقئارا ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالاقە تورى ۋە رەقەملىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات تېز پويىزىغا بىللە چىقىشىغا تۈرتكە بولدى.

    تور چوڭ دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو تور بوشلۇقى خەلقئارا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تور بوشلۇقىنى خەلقئارا ئىدارە قىلىش سىستېمىسى توغرىسىدا ئىزدىنىش قۇرۇلۇشى ۋە تور بوشلۇقى ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش قۇرۇلۇشىنى جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، يەنە تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق دۇنياغا جۇڭگو تەجرىبىسى ۋە جۇڭگو كۈچىنى تەقدىم قىلدى.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەتنىڭ رەقەملىك ئىقتىساد ساھەسىگە ئالاقىدار سىياسەتلىرىنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە ئىستراتېگىيەلىك جىپسىلاشتۇرۇشنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشى، جۇڭگو- شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئۇچۇر پورت قۇرۇلۇشى ۋە جۇڭگو- ئەرەب دۆلەتلىرى تور يىپەك يولى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىن يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر كارخانىلار چەت ئەلگە پائال يۈزلىنىپ، كەڭ بەلباغلىق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەسى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، چېگرا ھالقىيدىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق شەھەر قاتارلىق گۈللەنمە كەسىپ ساھەسىدە «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئۇچۇر مەھسۇلاتلىرى ۋە تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل- پاراسىتىنى تەقدىم قىلدى. سېربىيە سودا- ساياھەت ۋە خەۋەرلىشىش مىنىستىرلىقىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى تاتىيانا مادىچ كۆچمە چىقىم قىلىش، ئورتاق ۋېلىسىپىت، «قوش 11» قاتارلىق جۇڭگونىڭ ئالاقە تورى ئىقتىسادىدىكى «يېڭى نام كارتىلىرى»نى بەش قولدەك بىلىدۇ.

   تاتىيانا مادىچ مۇنداق دېدى: دۇنيا تور بوشلۇقىنى ئىدارە قىلىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بىرلىكتە بىخەتەر ھەم ئادىل بولغان يېڭى تەرتىپ ئورنىتىشىغا موھتاج. بىز جۇڭگو بىلەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق شەھەر، ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە تور ساياھىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، رەقەملىك ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.

     ئۇلۇغ دەۋر شانلىق ئىشلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ.

    ئىشنى تور سۈرئىتى سېكۇنتىغا ئاران 64 كىلوبىت كېلىدىغان تور لىنىيەسىدىن باشلاپ، 700 مىليوندىن ئارتۇق تور ئەھلىگە ئىگە بولغان تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت ھازىر 4-قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابىنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە تۇرۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئالاقە تورى تېخنىكىسى ۋە كەسىپ تەرەققىياتىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىۋاتىدۇ.

    يېپيېڭى مۇساپە مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە ئېلىپ بارىدۇ.

   5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە جۇڭگو شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دۇنيا تورىنى ئىدارە قىلىش يېڭى مەنزىلىنى ئېچىپ، ئالاقە تورىنىڭ نۇرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشى ۋە دۆلەتنىڭ كەلگۈسىنى يورۇتۇپ، ئىنسانلار دۇنياسى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇۋاتىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 19-ئاپرېل تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ