ئەگەر يۈزدىكى دانىخورەك ئىزى سۇس بولسا، لازېر نۇرى ئارقىلىق دانىخورەك ئىزىنى يوقىتىش ئوپېراتسىيەسىنى بىر نەچچە قېتىم قىلدۇرسا يۈزدىكى دانىخورەك ئىزى پۈتۈنلەي يوقايدۇ. ئەگەر دانىخورەك ئىزى كۆپ ھەم روشەن بولسا، ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق دانىخورەك يوقىتىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇش كېرەك.
بىرىنچى قېتىم لازېر نۇرى ئارقىلىق دانىخورەك ئىزىنى يوقىتىش ئوپېراتسىيەسىنى قىلدۇرۇپ بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن ئىككىنچى قېتىملىقىنى قىلدۇرۇش كېرەك، چۈنكى تېرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن مەلۇم ۋاقىت كېتىدۇ، شۇڭا ئاز دېگەندىمۇ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئىككىنچى قېتىملىقىنى قىلدۇرسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
لازېر نۇرى ئارقىلىق دانىخورەك ئىزىنى يوقىتىش ئۇسۇلى دانىخورەك ئىزىنى ئەڭ تېز، بىخەتەر ھەم ئۈنۈملۈك يوقىتىش ھېسابلىنىدۇ.