ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 4-ئاينىڭ 19-كۈنى قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى «ھاجەتخانا ئىنقىلابىنى قانات يايدۇرۇپ، تاشيول مۇلازىمەت رايونىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈشنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى لايىھە» نى تۈزۈپ بېسىپ تارقاتقان بولۇپ، كەلگۈسى ئۈچ يىلدا، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ تاشيول مۇلازىمەت رايونى ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ ئۆزگەرتىلىدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى قۇرۇلۇش باشقۇرۇش باشقارمىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇلنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يولغا قويۇش لايىھەسىنىڭ تەلىپى ۋە ئاپتونوم رايونىمىز «13-بەش يىللىق» قاتناش قۇرۇلۇشى تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، رايون ئىقتىسادى بىلەن ساياھەتچىلىك تەرەققىياتى، تاشيول بويىدىكى شەھەرلەر، بايلىقنىڭ تەقسىملىنىشى، قاتناش مىقدارىنىڭ ئېشىشى ۋە ئاپتوموبىل تىپى قۇرۇلمىسى قاتارلىق ئامىللار بىرلەشتۈرۈلۈپ، مۇلازىمەت رايونىنىڭ ئورنى، ئارىلىقى، كۆلىمى ۋە قۇرۇلۇش ئۆلچىمى ئىلمىي، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. دۆلەت يولى 30- لىنىيەسى، دۆلەت يولى 3012-لىنىيەسى، دۆلەت يولى 7-لىنىيەسى، دۆلەت يولى 0612-لىنىيەسى، دۆلەت يولى 0711-لىنىيەسى، دۆلەت يولى 216-لىنىيەسى، دۆلەت يولى 217-لىنىيەسى، دۆلەت يولى 218-لىنىيەسى قاتارلىقلار ئاساسىي لىنىيە قىلىنىپ، شىنجاڭغا كىرىپ-چىقىش يولى، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ ئىقتىساد كارىدورى بەلبىغى، قاتناش تۈگۈنى، ساياھەت مەنزىرە رايونى، شەھەر ئەتراپىدىكى ئالاھىدە تېما قىلىنغان ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت رايونى قاتارلىقلار نۇقتىلىق پىلانلىنىدىكەن ۋە قۇرۇپ چىقىلىدىكەن. ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت رايونىدا «ھاجەتخانا ئىنقىلابى» نى يولغا قويۇپ، مۇلازىمەت رايونىدىكى كونىرىغان، بۇزۇلغان، ئىقتىدارى مۇكەممەل بولمىغان ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ ۋە ئىسلاھ قىلىنىپ، ھاجەتخانىلارنىڭ ھاۋا ئۆتۈشۈشچانلىقى ناچار بولۇش، پۇرىقى كۈچلۈك بولۇش، سۇ بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولماسلىق، ئەسلىھەلەر مۇكەممەل بولماسلىق، ئەرلەر ۋە ئاياللار ھاجەتخانىسىدىكى ئورۇن سانىنىڭ تەقسىملىنىشى مۇۋاپىق بولماسلىق قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەر نۇقتىلىق ھەل قىلىنىدىكەن؛ ھاجەتخانىلاردا قىشتا ئىسسىق سۇدا قول يۇيۇش ئەسلىھەسى، مېيىپلار، ياشانغانلار، ئۆسمۈرلەر ئىشلىتىدىغان تازىلىق سايمانلىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدىكەن؛ ئۈچىنچى ھاجەتخانا(مېيىپلار ھاجەتخانىسى)، ئانا-بوۋاقلار ئۆيى كۆپەيتىپ سېلىنىپ، مېيىپلار توسالغۇسىز يولى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدىكەن، مۇلازىمەت رايونىنىڭ ئەسلىھەلىرى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارى كۈچەيتىلىدىكەن؛ ئاممىۋى سورۇنلاردىكى ئارام ئېلىش ئەسلىھەلىرى، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورۇنلىرىنىڭ سانى كۆپەيتىلىپ، ئاممىنى قولاي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
بۇ يولغا قويۇش لايىھەسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى يەنە شارائىت ھازىرلانغان تاشيول لىنىيەسى مۇلازىمەت رايونلىرىدا ئالاھىدە رۇخسەت قىلىنغان تىجارەتنى قانات يايدۇرۇپ، بازار رىقابىتى مېخانىزمىنى كىرگۈزۈپ، شىركەتلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، تىجارەت مۇلازىمىتىنىڭ دائىرىسى ۋە ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ، كۆپ مەنبەلىك يۇغۇرما تەرەققىياتتىن ھەمبەھرىلىنىدىكەن.
2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭنىڭ تاشيول قاتناش مۇساپىسى 150 مىڭ كىلومېتىرغا يەتكۈزۈلدى، نۆۋەتتە 78 ئورۇندىكى تاشيول مۇلازىمەت رايونى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مۇلازىمەت رايونىدىن 61 جۈپى (ئاپتوموبىل توختىتىش رايونىدىن بىر جۈپ)، ئىككىنچى دەرىجىلىك تاشيول مۇلازىمەت رايونىدىن 17 (ئاپتوموبىل توختىتىش رايونىدىن بىرى) سى بار.