تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

چاي ئىچىش مۇۋاپىق بولسا زىيادە سەزگۈرلۈكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

ماتېرىيال سۈرەت

    مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن داڭلىق چاي تېتىش مۇتەخەسسىسى شۈ سىشۇ «چاي باياننامىسى» دا چاي ئۈزۈش مەزگىلى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «چاي ئىچىشكە چىڭمىڭ بايرىمى بەك  بالدۇر، باش ياز بەك كېيىن، قىزىلكوسنىڭ (24 مەۋسۇمنىڭ بىرى) ئالدى-كەينى ئەڭ مۇۋاپىقتۇر». قىزىلكوس مەزگىلىدە قىزىلكوس چېيى بازارغا كىرىدۇ، بۇ مەزگىلدە تېمپېراتۇرا مۇۋاپىق، ھۆل-يېغىن مىقدارى تولۇق بولغاچقا، چاي دەرىخى بىخلىرى يۇمران ئۆسىدۇ، رەڭگى ياپيېشىل، يوپۇرماق سۈپىتى يۇمشاق بولۇپ، كۆپ خىل ۋىتامىن ۋە ئامىنو كىسلاتاسى مول بولىدۇ، شۇڭا بۇ مەزگىلدە چاي ئىچكەندە تەمى يېڭى ۋە تىرىك بولىدۇ. خۇشپۇرىقى ھەممە ئادەمگە ياقىدۇ، چاينىڭ تەمى ياخشى بولۇپلا قالماي، ئادەمگە قۇۋۋەت بولىدۇ. ئۇنداقتا قىزىلكوس مەزگىلىدە چاي ئىچكەندە قانداق ساقلىقنى ساقلاش ئۈنۈمى بار؟

ماتېرىيال سۈرەت

    تېرىنى ئاسراپ، زىيادە سەزگۈرلۈكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

    قەدىمكىلەرنىڭ «قىزىلكوس مەزگىلىدە مېڭىش» ئادىتى بار، قىزىلكوس كۈنى ياش ئەر-خوتۇنلار كەنتلەرگە بېرىپ تۇغقانلىرىنى يوقلاپ كېلىدۇ ياكى دالىلاردا مېڭىپ تەبىئەت بىلەن بىرلىشىپ، بەدىنىنى ساغلاملاشتۇرىدۇ. ئەمما بەدىنىگە رىئاكسىيە قىلىدىغان ئادەملەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، قىزىلكوس مەزگىلىدە گۈل چىڭى، سۆگەت توزغىقى ۋە چىنار تۈكلىرى نىسبەتەن كۆپ بولغاچقا، تېرىگە رىئاكسىيە قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. قىزىلكوس چېيى قىممەت بولغاچقا، ئېشىپ قالغان چاينى تۆكۈۋېتىش بەك ئەپسۇسلىنارلىق بولىدۇ. جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھەرلىك جۇڭگوچە-غەربچە داۋالاش دوختۇرخانىسى تېرە بۆلۈمىنىڭ ھۆسن تۈزەشكە مەسئۇل دوختۇرى ليۇ مىڭجۇ مۇنداق دېدى: ئاشقان چايدا يۈز يۇيۇپ بەرسە، تېرە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي، تېرىنى پارقىراق، سىلىق، يۇمران قىلىدۇ، داكىنى چايغا چىلاپ كۆز ئەتراپىدىكى قارىداپ قالغان يەرگە كۈنىگە بىر، ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 30-20 مىنۇتقىچە يېقىشنى داۋاملاشتۇرسا كۆز ئەتراپى قارىداشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. چاي تەركىبىدىكى مول بولغان چاي پونېفىنولىنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى رولى بولۇپ، تېرە قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. چاينىڭ يەنە رادىياتسىيەگە قارشى تۇرۇش رولى بار، بولۇپمۇ ئۇزۇن مەزگىل كومپيۇتېر ئالدىدا خىزمەت قىلىدىغان خانىم-قىزلار چاي ئىچىپ بەرسە تېرە پىگمېنتىنىڭ ئولتۇرۇپ كېتىشىنى تورمۇزلاپ، زىيادە سېزىمچانلىق ئىنكاسىنى ئازايتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، چاينىڭ تاننىك كىسلاتالىق رولى تېرە قۇرغاقلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ، نەملىكنى يوقىتىدۇ.

    نەنجىڭ شەھەرلىك جۇڭگوچە-غەربچە داۋالاش دوختۇرخانىسى سۈيدۈك ئاجرىتىش تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى چېن جوجېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قىزىلكوستىن كېيىن ھاۋانىڭ نەملىكى تەدرىجىي ئاشىدۇ، نەم مۇھىت ئاسانلا ئادەم بەدىنىگە كىرىپ، ئاشقازاننى بىئارام قىلىش، باش ۋە بەدەننى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىش، بوغۇم مۇسكۇلى تېلىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا ھەر خىل بوغۇم كېسەللىكلىرى بىمارلىرى، مەسىلەن: رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى بىمارلىرى بۇنىڭغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. جۇڭيى تېبابىتى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، سۈيدۈك راۋانلاشتۇرۇش نەملىك يوقىتىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇللارنىڭ بىرى، قىزىلكوس چېيىنىڭ سۈيدۈك راۋانلاشتۇرۇش ئۈنۈمى ياخشى، شۇڭا قىزىلكوس مەزگىلىدىكى يامغۇرلۇق كۈنلەردە قىزىلكوس چېيى ئېچىپ، ساقلىقنى ساقلاپ، كۈتۈنسىڭىز ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    قېنىق چاي ئىچىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

     قىزىلكوس چېيى گەرچە ياخشى بولسىمۇ، ئەمما مۇۋاپىق ئىچىش، بەك قېنىق دەملەنگەن چاينى ئىچمەسلىك كېرەك. نورمال ئادەملەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار كۈنىگە 5-4 ئىستاكان چاي ئىچسە مۇۋاپىق. سۇس دەملەنگەن چاي ئەڭ ياخشى. قېنىق دەملەنگەن چاي ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار كۈنىگە 2-1 ئىستاكان ئىچسە كۇپايە. چاينى زىيادە ئىچكەندە بەدەندىكى سۇ مىقدارى ئارتىپ، يۈرەك ۋە بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىدۇ. قېنىق دەملەنگەن چاي چوڭ مېڭىنى زىيادە جانلاندۇرۇپ، يۈرەك سوقۇشنى تېزلىتىۋېتىدۇ، كىچىك تەرەتنى كۆپەيتىپ، ئۇيقۇنى قاچۇرىدۇ. چاينى قايناۋاتقان سۇغا سېلىپ دەملىگەن ياخشى. ئىلمان قايناقسۇدا چاي دەملىگەندە پايدىلىق خىمىيەلىك تەركىبلەرنى زىيانغا ئۇچرىتىش دەرىجىسى قايناقسۇغا دەملىگەنگە قارىغاندا كۆپرەك بولىدۇ. ئەمما ئىچكەندە ئىلمانراق ئىچىش، ئېغىزنى كۆيدۈرىدىغان قىزىق چاي ئىچىشتىن ساقلىنىش كېرەك، بولمىسا كېكىردەك، قىزىلئۆڭگەچ ۋە ئاشقازانغا تەسىر قىلىپ، بۇ ئەزالارنىڭ شىللىق پەردىلىرىدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشى مۇمكىن. ئەمما بەك ئۇزاق دەملەنگەن ۋە سوغۇق چاينى ئىچىشكىمۇ بولمايدۇ، سوغۇق چاينىڭ بەدەننىڭ سوغۇقىنى ئاشۇرۇش، بەلغەم يىغىشتەك ئەكس تەسىرى بولىدۇ.  ئۇزاق دەملەنگەن چاي ياكى بىر كېچە تۇرۇپ قالغان چاينىڭ ئۈنۈملۈك تەركىبلىرى تۆۋەنلەپ، چايدىكى زىيانلىق مىكرو جانلىقلار كۆپىيىپ كېتىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    تۆۋەندىكىدەك چاغلاردا چاينى ئاز ئىچىش كېرەك.

    بىرىنچى، ئاچ قورساق چاي ئىچىشكە بولمايدۇ، بولمىسا كۆكچاينىڭ سوغۇق تەبىئىيىتى ئاشقازان ۋە تالنى زەخمىلەندۈرىدۇ.

    ئىككىنچى، تاماقتىن ئىلگىرى ۋە كېيىنلا چاي ئىچىشكە بولمايدۇ، چۈنكى تاماقتىن ئىلگىرى چاي ئىچكەندە چاي ئاشقازان كىسلاتاسىنى سۇيۇلدۇرۇپ، تاماق تەمسىز تېتىيدۇ، ھەزىم قىلىشقىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    ئۈچىنچى، تاماقتىن كېيىنلا چاي ئىچكەندە چاي تەركىبىدىكى تاننىن كىسلاتاسى يېمەكلىكتىكى ئاقسىل، تۆمۈر قاتارلىقلار بىلەن ئۇيۇشۇپ، ئاقسىل ۋە تۆمۈر ماددىسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

    تۆتىنچى، چاي بىلەن دورا ئىچىشكە بولمايدۇ، چۈنكى چاي تەركىبىدىكى تاننىن كىسلاتاسى نۇرغۇن دورىلار بىلەن بىرلىشىپ، چۆكمە ھاسىل قىلىۋېلىپ، دورىنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    بەشىنچى، ھاراقتىن كېيىن چاي ئىچسە مەستلىكنى يېشىش رولى بولمايدۇ، ئەكسىچە بۆرەك ۋە يۈرەكنى زەخمىلەندۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ