تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

تىيانشان تورى كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى سىزنى ساقلاپ تۇرماقتا

    ئۆز خەۋىرىمىز: شىنجاڭنىڭ ئوخشىغان تائاملىرىنى، گۈزەل مەنزىرىسىنى ياقتۇرامسىز؟ شىنجاڭنى ياخشى كۆرۈشىڭىزدىكى سەۋەبنى ئېيتسىڭىزلا تورىمىز سىزگە « سېھرىي كۈچكە تولغان شىنجاڭ» يۈرۈشلۈك توپلىمىنى سوۋغا قىلىدۇ. قېنى، 4-ئاينىڭ 22-كۈنى، بىز بىرلىكتە يۇرتىمىزنى يەنىمۇ چوڭقۇر چۈشۈنۈپ باقايلى.

    4-ئاينىڭ 22-كۈنى، تورىمىز ئۈرۈمچى شەھىرى ئىچىدە كىتاب سوۋغا قىلىش، كىتاب ئوقۇش كۈنى پائالىيىتىنى ئۆتكۈزىدۇ، شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى 103 كىنو شەھەرچىسىدە، دېخۈي سودا-سارىيىدىكى پائالىيەت نەق مەيدانىدا، كىشىلەر تەشۋىقات تاختا ئۈستىگە شىنجاڭنى ياخشى كۆرۈشىدىكى سەۋەبىنى ئېيتسىلا  «سېھرىي كۈچكە تولغان شىنجاڭ» يۈرۈشلۈك توپلىمىنىڭ بىر قىسمى سوۋغا قىلىنىدۇ.

    بۇ قېتىملىق پائالىيەت ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇش، كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. ئېلېكتىرونلۇق ئوقۇشلۇق مودا بولۇۋاتقان ھازىرقى دەۋردە، قەغەز كىتابلارنىڭمۇ كىشىگە بېرىدىغان تەسىرى ئوخشاش بولمايدۇ. پائالىيەتتە تاللانغان ئوقۇشلۇق كىتاب سۈرەت ۋە يېزىق شەكلىدە شىنجاڭنى نامايان قىلىدۇ.

    تورىمىز 4-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» نى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، تور ۋە تور سىرتىدا «سىز كىتاب ئوقۇڭ، مەن سىزگە سوۋغا قىلاي» تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرىدۇ.

    بۇ قېتىمقى كىتاب ئوقۇش كۈنى پائالىيىتى «كوچىدا كىتاب سوۋغا قىلىش» پائالىيىتىدىن سىرت، يەنە ئىككى يۈرۈشلۈك پائالىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ : بۇنىڭ بىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى چوڭ تىپتىكى سودا-ساراي ئەتراپىدا «تىيانشان كىتاب ئوقۇش رايونى» قۇرۇش ئارقىلىق شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئەركىن كىتاب ئوقۇپ، كىتاب ئارىيەت ئېلىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش. يەنە بىرى، توردا ئاممىۋى پاراۋانلىق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تور سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ جەمئىيەتتىن بالىلار باغچىسى ياكى پاراۋانلىق ئورۇنلىرىدىكى 0 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان بالىلارغا كىتاب يىغىش ئارقىلىق، ئۇلارغا مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزۈش.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ