شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى
مۇخبىرىمىز يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنىڭ 1 – يىغىنى 4 – ئاينىڭ 19 – كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، كېيىنكى باسقۇچلۇق تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەشنى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 2018 – يىلى 9 – ئايدا ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، ھازىر تۈرلۈك تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ.
شۆھرەت زاكىر مۇنداق كۆرسەتتى: بىز 9 – نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەنھەرىكەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم پۇرسىتى، ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقى دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم تەدبىرى، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەدەنىي تۇرمۇشىنى بېيىتىشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى قىلىپ، يۈكسەك سىياسىي بۇرچ ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش روھى بىلەن، كۈچەپ تىرىشىپ، بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ‹‹داغدۇغىلىق، ئېسىل، ئىتتىپاق، ئىناق، بىخەتەر، تېجەشلىك›› كاتتا مۇسابىقە قىلىپ ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك.
شۆھرەت زاكىر مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 9 – نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، بىز خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى تونۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنى تونۇش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تونۇش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تونۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تونۇش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.
شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار، ئالاقىدار تارماقلار دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا قەتئىي مۇجەسسەملەپ، تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىنى قەتئىي پۇختا ئورۇنلاشتۇرۇپ، نۇقسانسىز ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى؛ تەييارلىق كۆرۈش كومىتېتى ئىشخانىسى ۋە ئەزا ئورۇنلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، زىچ ھەمكارلىشىپ، تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشى؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ‹‹ئوننى ياخشىلاش، ئونغا يول قويماسلىق›› تۈرلۈك تەلىپىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، مۇسابىقىنى قەتئىي تىرىشچانلىق – ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئۆتكۈزۈش؛ مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى يۇقىرى ئۆلچەملىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، يۇقىرى سۈپەتلىك قىلىپ ئۆتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن لى پېڭشىن، جارۇللا ھېسامىدىن، مەڭلىك سىيىت، مۇتەللىپ مەتتوختى يىغىنغا قاتناشتى.
ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى مەسئۇل رەھبەرلەر، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلىرى، ئىلى ئوبلاستىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان تەييارلىق كۆرۈش كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق تەييارلىق كۆرۈش كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلارنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى يىغىنغا قاتناشتى.