تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

تىيانشاننىڭ ئىچكىرىسىدىكى «قىزىل قەلئە»

     تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز لى جىڭخەي خەۋىرى، فوتوسى: مۇخبىر 4-ئاينىڭ 18-كۈنى توقسۇن ناھىيەسى ئىلانلىق بازىرى ئاقتاغ كەنتى بىلەن بۇئېرشېن كەنتىنىڭ ئارىلىقىدا قىزىل رەڭلىك كىچىك تاغلارنىڭ تىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. يىراقتىن قارىغاندا خۇددى «قىزىل قەلئە»گە ئوخشايدىغان بۇ قاتار كەتكەن تاغلار تىيانشاننىڭ ئىچكىرىسىدە قەد كۆتۈرۈپ، كىشىنى جەلپ قىلىپ تۇراتتى.

  توقسۇن ناھىيەسى ئىلانلىق بازىرى ئاقتاغ كەنتىدىن يولغا چىقىپ، تەخمىنەن 20 كىلومېتىرچە كېلىدىغان مۇساپىنى باسقاندا تاشيولنىڭ سول تەرىپىدە ئېگىزلىكى 10 مېتىر، كەڭلىكى 20 مېتىر ئەتراپىدا كېلىدىغان قىزىل رەڭلىك بىر كىچىك تاغ مەزمۇت قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. تاغ گەۋدىسى قىزىل رەڭدە، چوققىسى سېرىق توپا بىلەن قاپلانغان بولۇپ، تاغ گەۋدىسىنىڭ ئاستى تەرىپىدە قىزىل رەڭلىك تاش ئۇۋۇندىلىرى چېچىلىپ تۇراتتى، بەلكىم بۇ تاغ گەۋدىسىنى شامال ئۇرغانلىقتىن پارچىلىنىپ چۈشكەن ئۇۋۇندىلار بولۇشى مۇمكىن. بۇ تاغلارنىڭ چوققىسى خۇددى چۆچەكلەردە تىلغا ئېلىنغان قەلئە چوققىلىرىدەك كۆرۈنەتتى، قاتار كەتكەن بۇ تاغلارغا كۆز تاشلىغاندا كۆك بىلەن بوي تالاشقان «قىزىل قەلئە» كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولاتتى. بۇ «قىزىل قەلئە»گە يېقىنلاپ كەلسىڭىز ئەتراپتىكى شەكلى غەلىتە كىچىك قىزىل تاغلار سىزنى كۈتۈۋالىدۇ. بۇ تاغلارنىڭ بەزىلىرى سېپىل، بەزىلىرى قورغان، تۇرا قاتارلىقلارغا ئوخشاپ كېتەتتى. «قىزىل قەلئە» خۇددى باشقا جايلاردىن يۆتكەپ كېلىنگەندەك قىزىل رەڭدە ئالاھىدە گەۋدىلىنىپ، ئەتراپتىكى سېرىق رەڭلىك تاغدىن پەرقلىنىپ، روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلىپ تۇراتتى.

  توقسۇن ناھىيەسى تىيانشان تېغىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغا، تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ غەربىي چېتىگە، جەنۇبىي شىنجاڭ، شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭدىن ئىبارەت ئۈچ رايون كېسىشىدىغان جايغا جايلاشقان. توقسۇن ناھىيەسىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ئۆزگىچە بولۇپ، مەملىكىتىمىز بويىچە بىردىنبىر دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى نۆل بولغان، قەدىمكى يىپەك يولىدىكى مەشھۇر ئۆتەڭ ھېسابلىنىدۇ. پارچە ساقال يېڭى تاش قوراللار دەۋرى خارابىسى، خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى تاش تۇرا خارابىسى، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تۇرا خارابىسى، كۆجەي سۇ سىستېمىسى خەرىتىسى ۋە ئۇست جىلغىسى قەدىمكى زاڭزۇچە تاش ئويمىسى قاتارلىق خارابىلەرنىڭ بايقىلىشى توقسۇن ناھىيەسىنىڭ قات-قات قويۇق مەدەنىيەت بىلەن ئورىلىپ تۇرغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ