نۇرغۇن ئەر-ئايال تۇرمۇش كەچۈرۈش داۋامىدا كېلىشەلمىسە ئاجرىشىپ كېتىشنى بىردىنبىر تاللىشى، دەپ بىلىدۇ، ئاجرىشىپ كېتىشنى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇلى، دەپ قارايدۇ. ئاجراشقاندىن كېيىن ئىلگىرى شۇنچە ئامراق ئەر-ئاياللار گەپ قىلىشمايدىغان ناتونۇشلارغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئاخىرىغا بارغاندا پۇشايمانمۇ قىلىشىدۇ، ئەمما بۇ چاغدا ئاللىقاچان كېچىككەن بولىدۇ.
بىر قېتىملىق ساۋاقداشلار ئولتۇرۇشىدا ساۋاقدىشىمىزدىن بىرى : ساۋاقداشلار، نېمىشقا تۇرمۇش مۇشۇ ياشقا كەلگەندە ئولتۇرغانلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىمىز بويتاق قالدۇق،- دېۋىدى، ساناپ باقساق سىنىپىمىزدىكى يېرىمغا يېقىن ساۋاقداشنىڭ ھەممىسى ئاجرىشىپ كېتىپتۇ.
ئىلگىرى ساۋاقدىشىمىز ئەسقەر ئاپىسىنىڭ ئىدارىسىدە گۈلنۇر بىلەن تونۇشۇپ قېلىپ، ئۇنى بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا قىلىنغان تويدا ئەسقەر كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ :-گۈلنۇر، سىزنى سۆيۈشكە پۈتۈن ئۆمرۈممۇ ئازلىق قىلىدۇ،-دەپ كۆڭۈل ئىزھار قىلغان، گۈلنۇرمۇ تەسىرلىنىپ يىغلاپ كەتكەنىدى. بىزمۇ ئۇلارنى بەختىنى تاپتى، دېيىشىپ كەتكەنىدۇق. ئەمما تويدىن كېيىنكى ئائىلىنىڭ تۈرلۈك غەملىرى، بېسىملىرى مۇھەببەتكە تولغان ئائىلىنى بىر مەيدان بوران-چاپقۇنغا ئۇچراتتى.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا ئەسقەر خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىدى. كاتىپى ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن سىردىشىغا ئايلاندى. گۈلنۇر بۇنى قوبۇل قىلالماي ئاجرىشىپ كېتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. توي خېتىنىڭ ئورنىغا ئاجرىشىش خېتى ئالماشقان كۈنى ئىككىيلەن بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىشماي خوشلاشتى.
ئەتراپىمىزدىكىلەرنىڭ بىر-بىرلەپ ئاجرىشىپ كېتىشنى تاللىشىدا ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق سەۋەبى بار، ھەممە ئادەم ئۇچرىغان كۈلپەت ئوخشاش بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. يېقىندا ئەسقەر نەچچىمىزنى تاماققا تەكلىپ قىلدى، ئۇ يەردىن بۇ يەردىن گەپ باشلاپ، ئاخىرىدا گەپنى گۈلنۇرغا يۆتكەپ، ئۇنىڭ توي قىلغان-قىلمىغانلىقىنى سورىدى. بىز ئۇنىڭ ھازىرغىچە تۇرمۇش قۇرمىغانلىقىنى ئېيتتۇق.
كېيىنچە ئەسقەر بىلەن گۈلنۇرنىڭ بىللە كېتىۋاتقانلىقىنى نەچچە قېتىم ئۇچرىتىپ قالدۇق، چاقچاق قىلىپ: -ئەتراپىڭدا قىزلار پەرۋانە بولۇپ يۈرىدىغاندۇ، ئۇلارنىڭ نەرى ئىلگىرىكى ئايالىڭغا يەتمەيدىكەن،- دەپ سورىۋىدۇق، ئۇ:-ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئادەم يەنىلا دەسلەپكىسىنى سېغىنىدىكەن، ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى ھېس قىلىدىكەن،-دېدى.
بىز ئەركىن مۇھەببەتلىشىشنى ئۆگەندۇق-يۇ، مۇھەببەتنى ئاسراشنى ئۇنتۇپ قالدۇق. مۇھەببەت خوراپ تۈگىگەندە ھەممىنى قايتىدىن باشلاشقا يەنە پۇرسەت بولامدۇ-بولمامدۇ، بۇنىسى نامەلۇم.