تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىكىدە تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە تەدبىرلىرى

  غەيرەت غوپۇر

  يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات يېزا ئىگىلىكى، يېزىلاردىكى يېڭى مەسىلە، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان زور ئىستراتېگىيە ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ زامانىۋىلىشىشى، شەھەرلىشىشى ۋە سانائەتلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپىدۇر. يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش دۆلىتىمىزنىڭ، جۈملىدىن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلىرىغا نىسبەتەن، تەمىنلەش قۇرۇلمىسى ۋە بايلىقنىڭ تەقسىملىنىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور ھاياتىي كۈچ بەخش ئېتىدۇ.

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: ‹‹زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشتا ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا قويۇپ، تەمىنات سىستېمىسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچەش يۆنىلىشى قىلىپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ سۈپەت ئەۋزەللىكىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇش لازىم›› دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى بولۇپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئېلىمىز ئىقتىسادىي خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى.

  ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىكىدە تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى

  يېزا ئىگىلىكىدە تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى يولغا قويۇش دۆلىتىمىزدىكى، جۈملىدىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى بولۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق يەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى، يېزا ئىگىلىك بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى ۋە ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى بىلەن رىقابەت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئاشلىق قاتارلىق ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرغىلى ۋە يېزا ئىگىلىكىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا:

  بىرىنچى، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش يېزا ئىگىلىكىدە يېشىل مەھسۇلاتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قارىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. يېڭى تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتىنى سان جەھەتتىكى تەلەپكە ئەھمىيەت بېرىشتىن پەيدىنپەي تەننەرخنى تېجەش، سۈپەتكە ئەھمىيەت بېرىش، سىجىل تەرەققىيات يۆنىلىشىنى قوغلىشىشقا بۇرايدۇ، شۇنداقلا ئورگانىك يېزا ئىگىلىكى، ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى، يېشىل يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش ۋە تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

  ئىككىنچى، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى تېخىمۇ كۆپ مەنبەلەشتۈرىدۇ. يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىدۇر. يېزا ھۆددە يەرلىرىدىكى ‹‹ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش›› ئىسلاھاتىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى يېڭىچە ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرى ۋە مۇلازىمەت سۇبيېكتلىرى يېزا ئىگىلىكىدە كۆلەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىدىكى بۇرۇلۇشنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.

  ئۈچىنچى، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تۈزۈلمە – مېخانىزمىدا تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىقلارنى يارىتىدۇ. تۈزۈلمە – مېخانىزم جەھەتتىكى ئىسلاھات يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ ئاساسلىق يولى. يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە بولغان تەڭشەش – تىزگىنلىشى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىپ، بازار مېخانىزمىنىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىدىكى رولى تېخىمۇ تولۇقلىنىدۇ. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى نىشانلىق باھاسى ۋە يىغىۋېلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىكى باھانى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمى راۋانلاشتۇرۇلۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش ۋە قوغداش تۈزۈمى تېخىمۇ مۇكەممەللىشىدۇ.

  تۆتىنچى، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش دۆلىتىمىزنىڭ، جۈملىدىن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ئاشلىقنى ئۆز جايىدا ساقلاش، تېخنىكىلىق ساقلاش ئىستراتېگىيەسىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاشلىقنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قوغدايدۇ ۋە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ؛ ئاشلىقنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، دانلىق زىرائەت ئىشلەپچىقىرىشىدا ئۆز – ئۆزىنى تەمىنلەش ئاساسىدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا بازار تەلىپىنىڭ ئۆزگىرىشىنى چۆرىدەپ، تەمىنلەشنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۈنۈملۈك تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى نىشان قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش قۇرۇلمىسى ۋە تەمىنلەش قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، ئاشلىق قاتارلىق ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ بازاردىكى تەمىنلىنىشىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ.

  بەشىنچى، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتىدۇ. دېھقانلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلەش يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ ئاساسلىق نىشانى ھېسابلىنىدۇ. يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى مۇقەررەر ھالدا دېھقانلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا يېتەكلەپ، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن كەڭ دېھقان، نامرات رايون ۋە نامرات ئاممىنى مەنپەئەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆز – ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىدۇ. يېزا يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ تەرەققىياتى يېزا ئىگىلىك كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، دېھقانلار كىرىمىنىڭ سىجىل ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ بېيىش يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىدۇ. يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ يەنىمۇ ئايدىڭلىشىشىغا ئەگىشىپ، دېھقانلارنىڭ مال – مۈلۈك خاراكتېرلىك كىرىمى داۋاملىق ئاشىدۇ.

  ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىكىدە تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشتىكى چارە – تەدبىرلەر

  بىرىنچىدىن، ئاشلىق ھوسۇلىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كېۋەز كۆلىمىنى تەڭشەپ، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن: (1) ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، ئاشلىقتا ئېشىنچا بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم. (2) ئاشلىق ھوسۇلىنى مۇقىملاشتۇرۇش بىلەن بىللە، كېۋەزنىڭ كۆلىمىنى مۇۋاپىق دەرىجىدە ئازايتىش كېرەك. بازارنى يېتەكچى قىلىپ، رايون ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە سورت قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كېۋەز تېرىقچىلىقىنىڭ يۇقىرى ھوسۇللۇق ۋە ئەلا سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىغا مەركەزلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. (3) تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

  ئىككىنچىدىن، چارۋىچىلىقنى يۈكسەلدۈرۈپ، باغۋەنچىلىكنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇش لازىم. يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنى كۈچەپ تەڭشەش ۋە ئەلالاشتۇرۇشتا: (1) چارۋىچىلىقنى يۈكسەلدۈرۈپ، چارۋىچىلىقنى ئىسلاھ قىلىپ، نەسىلنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋى چارۋىچىلىق سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش لازىم. (2) خاس باغۋەنچىلىكنى ئەلالاشتۇرۇپ، باغۋەنچىلىك كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى تېزلىتىپ، باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى ماركىسىنى يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ خاس باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا بازىرىدىكى تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىپ، باغۋەنچىلىكنىڭ يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش جەھەتتىكى تۈۋرۈك كەسىپلىك ئورنىنى كۈچەيتىش لازىم.

  ئۈچىنچىدىن، 1 –، 2 –، 3 – كەسىپنى يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى زور كۈچ بىلەن تەڭشەش ۋە ئەلالاشتۇرۇش لازىم. (1) يېزىلاردىكى كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلاردىكى 2 –، 3 – كەسىپنى شەھەر – بازارلار، رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈشكە يېتەكلەش لازىم. (2) يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. (3) يېزا ئىگىلىك تىجارىتى سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە قارىتىپ، دېھقانلارنى ھەمكارلىشىش ۋە بىرلىشىش شەكلى ئارقىلىق كۆلەملەشكەن تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش ۋە يېزا مۇلازىمىتى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەش لازىم. (4) دېھقانلارنى يەر تىجارىتى ھوقۇقى قاتارلىقلار ئارقىلىق دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانىلارغا پاي قوشۇشقا يېتەكلەپ، ‹‹تۆۋەن پايغا كاپالەتلىك قىلىش+پايغا ئاساسەن پايدىنى ئايرىش›› قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، دېھقانلارنى كەسىپ زەنجىرىدىكى قوشۇلما قىممەت پايدىسىدىن بەھرىمەن قىلىش لازىم.

  تۆتىنچىدىن، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسىدە تىرىشىپ يېڭىلىق يارىتىش لازىم. ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسىدە تىرىشىپ يېڭىلىق يارىتىشتا: (1) ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، رايون ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە سورت قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش لازىم. (2) ئەسلىھەلىك باغۋەنچىلىك، ئەسلىھەلىك سۇ مەھسۇلاتلىرى كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش لازىم.

  بەشىنچىدىن، يېشىل يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك ئايلانما يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش لازىم. بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش لازىم. يېزا ئىگىلىكىدە سۇ، يەر، ئوغۇت تېجەش تېخنىكىسىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى دائىرىلىك بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىپ، ئېكولوگىيەنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، تېرىلغۇ يەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، يېشىل ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئورمانچىلىقنى بىرلەشتۈرۈش ۋە ئېكولوگىيەلىك تېرىقچىلىق – باقمىچىلىق قاتارلىق ئايلانما ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسىنى كېڭەيتىپ، يېشىل ئايلانما يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش لازىم. يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېشىل، ئېكولوگىيەلىك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ