تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ۋاڭ خەييەننىڭ رىشتى يايلاقتىكى ئۆيىگە چىڭ باغلاندى

  «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» خەۋىرى: «ئۇلزات جېندىڭ بىر ئاددىي-ساددا، مۇلايىم ۋە سۆيۈملۈك ئانا. مەن ھەر قېتىم ئۇنىڭ ئىللىق تەبەسسۇمىنى كۆرگەندە، ئۆز ئاپامنى كۆرگەندەك بولىمەن». 4-ئاينىڭ 16-كۈنى دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر كۈچى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى چۆچەك توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى پارتىيە قۇرۇلۇشى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ خەييەن ھاياجانلىق ئىلكىدە بۇ قۇرلارنى بايان ئەيلىدى.

  خىزمەتتىكى تەڭشەش سەۋەبلىك ۋاڭ خەييەن بۇ يىل 2-ئايدا قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى تېبكىن ئۇسان يېزىسى چاغان ئادىرىغى كەنتىدىكى موماي بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان، ھەر قېتىم ئۇ 300 كېلومېتىر يىراقتىكى چۆچەك شەھىرىدىن ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ تۇغقىنىنى كۆرگىلى يايلاقتىكى ئۆيىگە كېلەتتى. ھەر قېتىم ئۇلزات جېندىڭ ئانا بىلەن پاراڭ سېلىشقاندا، ئۇ خۇددىي ئۆز ئانىسى بىلەن مۇڭداشقاندەك ئىللىقلىق ھېس قىلاتتى. شۇ ئەسنادا ۋاڭ خەييەن ئىللىق تەبەسسۇمنىڭ ھەممىگە جاۋاب بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى.

  4-ئاينىڭ باشلىرىدا چاغان ئادىرىغى كەنتىدە ئەتىگەن ۋە كەچتىكى تېمپېراتۇرا پەرقى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ، بۇ جايغا كەلگەن بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ۋاڭ خەييەن ھەر كۈنى يايلاق ئارىلاپ پىيادە مېڭىپ، ھەيۋەتلىك سەرۋەر تاغ چوققىلىرىغا بېقىپ، بۇ يەرنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن قانغۇچە نەپەس ئالىدۇ، ئۇ ئاقكۆڭۈل موماي بىلەن بىللە تۇرۇپ، باھاردەك ئىللىقلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان ئىدى.

  ۋاڭ خەييەن بىلەن ئۇلزات جېندىڭ 4-ئاينىڭ 6-كۈنى سۈرلەنگەن گۆش سېلىپ كەسمە چۆپ تەييارلىماقچى بولدى، بۇ ئارىلىقتا ئۇلار گەرچە شۇنداق ئاز پاراڭ سېلىشقان بولسىمۇ، ۋاڭ خەييەن بۇ چېۋەر ئانىدىن گۆش شىلىشنى، قۇرۇتۇشنى ئۆگىنىۋالدى. بۇ يىل 68 ياشقا كىرگەن ئۇلزات جېندىڭ ئانىنىڭ ھەرىكەتلىرى ئىنتايىن تېتىك ئىدى، ئۇنىڭ ئەپتىدىن ياش چاغلىرىدا ئائىلە ئىشلىرىنى بىر قوللۇق باشقۇرۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولاتتى. تاماقنى يەپ بولاي دېگەندە، بۇ مېھرىبان ئانا يانچۇقىدىن بىر مەرۋايىت مارجاننى چىقىرىپ ئىشارە قىلدى، ۋاڭ خەييەن تاقاپ قويۇشىنى ئېتتى، دەپ بىلگەن ئىدى، ئەمەلىيەتتە موماي ئۇ مارجاننى ۋاڭ خەييەننىڭ بويىنىغا تاقاپ قويدى. موماي ۋاڭ خەييەننىڭ بوينىغا مارجاننى تاقاپ قويغاندا، ئۇ بۇ ئانىنىڭ تېنىدىن ئانىسىنىڭ ھىدىنى پۇرىغاندەك بولۇپ، ئۆز ئانىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ قالغاندەك ھېسىياتتا بولدى.

  بىر چەتتە ئولتۇرغان موماينىڭ ئوغلى ناكا توختىماي چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: موڭغۇللارنىڭ ئۆرپ-ئادىتى بويىچە قىز ئانىسىنىڭ ئۆيىگە قايتقاندا ئانىسى ئەسلىدە قىزىغا بىر رومال ئارتىپ ياكى تون كىيگۈزەتتى، ھازىر ئاپامنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ياخشى بولمىغاچقا يىڭنە ئىشلىرىنى قىلالماي قالدى، ئۇ سىزنىڭ بۇ مارجاننى ياقتۇرۇپ تاقىشىڭىزىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

  دانە-دانە مەرۋايىتتەك بۇ موماي بىلەن ۋاي خەييەننىڭ چىن مۇھەببىتى بىر ساۋاق يىپكە ئۆتكۈزۈلدى.

  ئەتىسى ئەتىگەندە يايلاقتا قاتتىق بوران چىقىپ كەتتى. ۋاڭ خەييەن مېڭىش ئالدىدا موماي چوڭ بىر بوپىدىن قوڭۇر رەڭلىك پوپايكىنى ئېلىپ چىقىپ، قىزىنىڭ مۈرىسىنى سىلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا سۇندى. گەرچە ئۇ قىزىغا ھېچ گەپ قىلمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ سەمىمىيلىك تولغان كۆزلىرىدىن «بالام، قېلىنراق كىيىنىۋېلىڭ» دېمەكچى بولغانلىقى چىقىپ تۇراتتى. ۋاڭ خەييەن سىرتمىسىنى ئېچىپ ئىچىگە قېلىن كىيگەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويدى، ئانا خاتىرجەم بولغان ھالدا بېشىنى لىڭشىتتى. كىچىككىنە غەمخورلۇقتىن بىر ئانىنىڭ قىزىغا بولغان چىن ھېسسىياتى ئىپادىلىنىپ تۇراتتى. جەم بولغاندىكى خۇشاللىق مىنۇتلار ئىنتايىن قىسقا بولىدۇ، ئۇلار ئۆزئارا قارشى تەرەپكە قېرىنداشلىق مېھرىنى يەتكۈزدى.

  ۋاڭ خەييەن كىچىكىدىن تارتىپلا شەھەردە چوڭ بولغان ئىدى، ئۇلزات جېندىڭ موماي بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشقاندىن كېيىن، كەنتىكى يايلاق تۇرمۇشىنى باشتىن كەچۈرۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى. چاغان ئادىرىغى كەنتى چارۋىچىلار ئولتۇراقلاشقان يېڭى كەنت، ئادەتتە ئۇلزات جېندىڭ كىچىك ئوغلى بىلەن ئۆيىدە بىر قىسىم كالا، قويلارنى باقىدۇ، ئىككىنچى ئوغلى بولسا چارۋىلارنى توپ-توپ بىلەن ھەيدەپ يازلىق ۋە كۈزلۈك يايلاقلارغا ئاپىرىپ ئوتلىتىدۇ. «بۇ يىل يازدا مەن ۋاڭ خەييەننى يايلاقنىڭ ئەڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىنى كۆرۈپ كېلىشكە ئاپىرىمەن. يەنە تېخى ئۇنىڭغا يايلاق قىزلىرىنىڭ ماھارەتلىرىدىن قېتىق ئۇيۇتۇش، قۇرت ياساش، قىمىز ئېچىتىشىنى ئۆگىتىمەن»، سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئۇلزات جېندىڭ ئانا ئىچ-ئىچىدىن كۈلۈپ كەتتى، ئۇ خۇددى ئۆز قىزىغا ماھارەت ئۆگىتىدىغاندەك ھېسسىياتتا بولغاندەك قىلاتتى.

  ۋاڭ خەييەن يايلاقنى ئۆزۈمنىڭ ئىككىنچى ئۆيۈم، دەپ بىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مېنىڭ يايلاقتىكى ئانام بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىم ئانچە ئۇزۇن ئەمەس، ئەمما ھەر قېتىم ئۇنىڭدىن ئۇرۇق-تۇغقاندىنمۇ يېقىن ئىللىقلىقىنى ھېس قىلىمەن. يايلاق ئانامغا مېھرىبانلىق، قەيسەرلىك ئاتا قىپتۇ، مەن ئانام بىلەن چارۋىچىلار تۇرمۇشىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۇنىڭغا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ۋە پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى سۆزلەپ بېرىمەن، ئانامنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىنىڭ بەختكە تولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شىنجاڭدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى داۋاملاشماقتا، گەرچە ھەربىر كىشىنىڭ قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش ھېكايىسى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ھەر مىللەت ئامما ئوتتۇرىسىدىكى چىن ھېسسىيات ئۆزئارا مەھكەم باغلانغانماقتا، ھەر مىللەت ئارىسىدىكى ئالاقە، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش بارغانچە قويۇقلاشماقتا، تىيانشان باغرىدىكى ئەڭ گۈزەل گۈل مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈلىدۇر.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ