جۇڭگودا دۇنيا نوپۇسىنىڭ بەشتىن بىرىگە يېقىن نوپۇس بار بولۇپ، خەلق تۇرمۇشى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئالدىدا ئالدىدا تۇرماقتا، جۇڭگو ئاللىقاچان دۇنيا بويىچە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئەڭ تېز، يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ زور ئىستېمال بازىرىغا ئايلاندى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئاخىرقى ئىستېمالىنىڭ دۇنيا ئىستېمالىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان يىللىق ئوتتۇرىچە تۆھپە نىسبىتى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى. 2013-يىلدىن 2016-يىلغىچە، ئۆزگەرمىگەن دوللار قىممىتى بويىچە ھېسابلىغاندا، جۇڭگونىڭ ئاخىرقى ئىستېمالىنىڭ دۇنيا ئىستېمالىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان يىللىق ئوتتۇرىچە تۆھپە نىسبىتى %23.4 يەتتى، ئوخشاش مەزگىلدىكى ئامېرىكا، ياۋروپا رايونى ۋە ياپونىيەنىڭ ئىستېمال ئېشىشىغا قوشقان يىللىق ئوتتۇرىچە تۆھپە نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم %23، %7.9 ۋە %2.1 بولدى؛ جۇڭگونىڭ ئاخىرقى ئىستېمال يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى %7.5 يەتتى، ئوخشاش مەزگىلدىكى ئامېرىكا، ياۋروپا رايونى ۋە ياپونىيەنىڭ بولسا %2.2، %1 ۋە %6 بولدى، دۇنيا ئىستېمال بازىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى %2.4 بولدى.
جۇڭگو ئۇدا بىر قانچە يىل دۇنيا بويىچە چېگرىدىن چىقىپ ساياھەت قىلىدىغان ساياھەتچى مەنبەسى ئەڭ كۆپ دۆلەت ئورنىنى ساقلاپ كەلدى. مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 2017-يىلى جۇڭگو پۇقرالىرى 130 مىليون ئادەم/قېتىم چېگرىدىن چىقىپ ساياھەت قىلغان بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن %7 ئاشقان، خەلقئارالىق ساياھەت چىقىمى 115 مىليارد 290 مىليون دوللار بولۇپ، %5 ئاشقان. باشقا ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، 2016-يىلى جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ ئامېرىكىدىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان خىراجىتى 130 مىڭ دوللار بولۇپ، شۇ يىللىق ساياھەت چىقىمى 35 مىليارد 220 مىليون دوللارغا يەتكەن ، ئامېرىكىغا ياراتقان كۈنلۈك ئوتتۇرىچە كىرىمى 97 مىليون دوللار بولغان.