تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون مالىيەسى سىناق نۇقتىسى قىلىنغان 32 ناھىيەگە 11 مىليارد 420 مىليون يۈەن يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق مەبلەغ چۈشۈرۈپ بەردى

  مۇخبىرىمىز خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 4 – ئاينىڭ 17 – كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئۇقۇشۇمچە، مەركەز بۇ يىل شىنجاڭغا 2018 – يىللىق بىرىكتۈرۈش دائىرىسىدىكى 19 مىليارد 656 مىليون يۈەن يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق مەبلەغنى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈپ بەرگەن، ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى نامرات ناھىيەلەرنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق مەبلىغىنى بىرىكتۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش سىياسىتىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، سىناق نۇقتىسى قىلىنغان 32 ناھىيەگە 11 مىليارد 420مىليون يۈەن يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق مەبلەغ چۈشۈرۈپ بەرگەن.

  بىر تۇتاش ئىشلىتىلىدىغان يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق مەبلەغ دائىرىسى مەركەز مالىيەسى ۋە ئاپتونوم رايون مالىيەسى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەرگە ئىشلىتىشكە ئورۇنلاشتۇرغان مەبلەغ، ئۇ، جايلارنىڭ شۇ يىللىق ئورۇنلاشتۇرغان مالىيە مەبلىغى، ئاغدۇرغان مەبلىغى، ساقلانما مەبلىغى ۋە ئاشۇرما مەبلىغى، شۇنداقلا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق ياردەم مەبلىغىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت بېكىتكەن 27 نامرات ناھىيە ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغان بەش ناھىيە نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن. نامرات ناھىيەلەردە يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق مەبلەغنى بىر تۇتاش بىرىكتۈرۈپ ئىشلىتىش مېخانىزمى ئورنىتىش مالىيەدىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى قوللاشتىكى مۇھىم تەدبىر. ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار، تارماقلار دۆلەتنىڭ نۇقتىدا سىناق قىلىش سىياسىتىدىكى بەلگىلىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئېشىش دەرىجىسىگە كاپالەتلىك قىلىش، دائىرىگە بۆلۈپ چۈشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق سىناق نۇقتىسى قىلىنغان ناھىيەلەرگە بىرىكتۈرۈش دائىرىسىدىكى يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق مەبلەغنى تەقسىملەپ، نامرات ناھىيەلەرگە تۈر مەبلىغىنى ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش ھوقۇقى بېرىپ، سىناق نۇقتىسى قىلىنغان ناھىيەلەرنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى تولۇق قوزغاپ، بىر تۇتاش بىرىكتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىمە مەبلەغ جۇغلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى يېزا ئىگىلىك باشقارمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى شېڭ ۋېنشيۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى بۇنىڭدىن كېيىن ئالاقىدار سىياسەت، تۈزۈملەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئورنىتىپ، سىناق نۇقتىسى قىلىنغان ناھىيەلەرنىڭ ماسلىشىش، يۈرگۈزۈش، باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق مەبلەغنى بىر تۇتاش بىرىكتۈرۈپ ئىشلىتىشنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئىلمىي تۈزۈپ، مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۆلەش ئوبيېكتى دەل جايىدا بولۇش، تۈر ئورۇنلاشتۇرۇش دەل جايىدا بولۇش، مەبلەغ ئىشلىتىش دەل جايىدا بولۇش، تەدبىرلەرنى ئائىلىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش دەل جايىدا بولۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈنۈمى دەل جايىدا بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  شېڭ ۋېنشيۇ مۇنداق دېدى: بىز مەبلەغ ئىشلىتىش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ قايتما ئىنكاس قىلىش – تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە سىناق نۇقتىسى قىلىنغان ناھىيەلەرنىڭ سىياسەت، تۈزۈملەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى، مەبلەغ ئىشلىتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرىمىز. بايقالغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، مەبلەغنىڭ بىخەتەر، قائىدىگە ئۇيغۇن، ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ