تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

[مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش] تۇغقانلىرىمنى ئەسلىگىنىمدە يۈرىكىم ئىللىقلىققا تولىدۇ

  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: 4-ئاينىڭ 9-كۈنى قۇياش ئىللىق نۇرىنى كائىناتقا چاچتى. مەدەنىيەت قورۇسىنىڭ پۈتەي دەپ قالغىنىنى كۆرگەن تۇراپ قادىرنىڭ كۆڭلى يايراپ كەتتى.

  «تۇغقىنىم ياردەملەشمىگەن بولسا، بۇ مەدەنىيەت ھويلىسىنى پۈتتۈرەلمىگەن بولاتتىم، تۇغقىنىمنى ئەسلىسەم، يۈرىكىم ئىللىقلىققا تولىدۇ»، سانجى شەھىرى يۇشۇگۇ بازىرى يۇشۇگۇ كەنتىنىڭ ئامانلىق ساقلاش مۇدىرى تۇراپ قادىر شۇنداق دېدى.

  تۇراپ پارىڭىنى قىلىۋاتقان تۇغقىنى سانجى دۆلەتلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ شياۋۋېي ئىدى. 2016-يىللىق «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىدە ئىككىيلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان بولۇپ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇلارنىڭ تۇغقانلىق رىشتىسى ئۈزۈلۈپ باقمىدى.

  2017-يىل 1-ئاينىڭ 28-كۈنى چاغاننىڭ تۇنجى كۈنى بولۇپ، جاۋ شياۋۋېي ئايالىنى ئېلىپ، تۇراپنى يوقلاپ باردى. ئۇلار تاماق ئۈستىلىدە بەھۇزۇر پاراڭلاشتى. تۇراپنىڭ سەمىمىي پارىڭى جاۋ شياۋۋېينى تەسىرلەندۈردى.

  تاماق ئۈستىلىدە تۇراپ: «دادام دەۋرىدىكى كىشىلەر جاپاكەش ئىدى، ھازىر پارتىيە تۇرمۇشىمىزنى ياخشىلىدى، مەن چىن قەلبىمدىن پارتىيەگە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن، بۇ يىل 60 ياشقا كىردىم، پارتىيە ئەزاسى بولايمىكى دەيمەن» دېدى.

  «ئاكا، سىزگە ئاپىرىن»، دېدى جاۋ شياۋېي تۇراپنىڭ قولىنى چىڭ سىقىمدىغىنىچە.

  «تۇراپ ئاكامنىڭ تىل قابىلىيىتى ياخشى، باشقىلار بىلەن مۇناسىۋېتى ياخشى، نېمە ئۈچۈن مۇشۇ ئالاھىدىلىكىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، يۇشۇگۇ كەنت ئاھالىلىرىنى بىللە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلدۇرمايمىز؟» جاۋ شياۋۋېي كۆڭلىدە شۇنداق ئويلىدى.

  بۇ ئىككى يىلدىن بۇيان، يېزا-بازارلاردا دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقىنى ئۆستۈرۈش، زامانىۋى مەدەنىيەت ئارقىلىق دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق رايونى ئىستېھكامىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، سانجى شەھىرى مەخسۇس «سانجى شەھىرى يېزا مەدەنىيەت قورۇسى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش مۇلازىمىتى چارىسى» تۈزۈپ چىقىپ، يېزا مەدەنىيەت قورۇسى خىزمەت فۇنكسىيەسى، تەشكىلىي كاپالىتى، مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى، مۇلازىمەت پائالىيىتى ۋە باھالاش، مۇكاپاتلاش، جازالاشنى قېلىپلاشتۇردى.

  «يۇشۇگۇ كەنتىدە مەدەنىيەت قورۇسى يوق ئىكەن، تۇراپ ئاكامغا بىرنى قۇرۇپ بېرەيمۇ يا؟» جاۋ شياۋۋېي كۆڭلىدە شۇنداق ئويلىدى.

  2017-يىلى 7-ئايدا جاۋ شياۋۋېي پىژغىرىم ئىسسىققا قارىماي يەنە يۇشۇگۇ كەنتىگە باردى ۋە تۇراپنىڭ ئۆيىگە سىنچىلاپ قارىدى.

  «ئاكا، بۇ ئۆينى سالغىلى خېلى يىللار بوپتۇ، خەتەرلىك ئىكەن. بىز بۇ ئۆينى چېقىۋېتىپ، ئورنىغا مەدەنىيەت قورۇسى سالايلى. سىزمۇ ئىقتىدارىڭىزدىن پايدىلىنىپ، تەشۋىقات ئېلىپ بېرىڭ، قانداق؟» دېدى ئۇ.

  «بۇنداق قىلساق قانداق بولار؟» دېدى تۇراپ، «ھېچقانداق بولمايدۇ، مەن سىزگە ئىشىنىمەن» دېدى جاۋ شياۋۋېي. شۇنىڭ بىلەن مەدەنىيەت قورۇسى سېلىنىدىغانلىقى كەنتتكە پۇر كەتتى. «3 ئۈچتىن بىر» مەبلەغ ھەل قىلىش پىلانى بويىچە، سانجى دۆلەتلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى، يۇشۇگۇ بازىرى، تۇراپ ئايرىم-ئايرىم پۇل چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن مەدەنىيەت قورۇسى قۇرۇلۇشى باشلىنىپ كەتتى.

  بۇلتۇردىن باشلاپ ھازىرغىچە، ئالدىراش جاۋ شياۋۋېي بۇ قۇرۇلۇشنى ئېسىدىن چىقارمىدى. ئۇ ھەر قېتىم تۇراپقا: «مەدەنىيەت قورۇسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، كەنت مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش، كەنتتىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلىپ، ئۇلارنى بېيىش يولىغا باشلاش جەھەتتە يېتەكچى رول ئوينايدۇ، قۇرۇلۇش خىزمىتىگە ياخشى كۆز-قۇلاق بولۇڭ» دەيتتى.

  «خاتىرجەم بولۇڭ، مەن چوقۇم بۇ خىزمەتنى ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ شەرەپلىك ئىش دەپ قىلىمەن» دەيتتى تۇراپ ۋەدە بېرىپ.

  بۇلتۇر 9-ئايدا جاۋ شياۋۋېي يەنە كىشىلەرنى تۇراپنىڭ ئۆيىگە ياردەملىشىشكە ئەۋەتتى. خىش، سېمونت قاتارلىق كەم ماتېرىياللارنى تولۇقلاپ بەردى. بۇنىڭدىن سىرت، ئۇ يەنە بەزى ئىدارىدىكىلەرنى تۇراپنىڭ ئۆيىگە كىتاب ئىئانە قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.

  يۇشۇگۇ كەنتتىكىلەرنىڭ نەزەرىدە ئىلگىرىكى كۈلكە ساداسى ئاڭلانمايدىغان تۇراپلارنىڭ ئائىلىسىدىن ئاستا-ئاستا جاراڭلىق كۈلكە سادالىرى ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان بولدى، تېخى مۇھىمى بۇ يەردە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ خەلق تۇرمۇشى ۋە تەرەققىيات ھەققىدىكى پاراڭلىرى كۆپلەپ ئاڭلىنىدىغان بولدى.

  تۇراپنىڭ كۆڭلىدە مەدەنىيەت قورۇسى ئۈچۈن جاۋ شياۋۋېي كۈندە دېگۈدەك كەنتكە قاتراپ، ئەھۋال ئىگىلەپ، پىكىر ئېلىپ، چارچاپ ئورۇقلاپ كەتكەنىدى، بىراق ئۇنىڭ يۇشۇگۇ كەنتىدىكى ئوبرازى تېخىمۇ ئېسىل كۆرۈنۈشكە باشلىدى.

  ئارىلاشقانسېرى مۇناسىۋەت قۇيۇقلىشىدۇ. 2016-يىلى جاۋ شياۋۋېي بىلەن تۇغقانلاشقاندىن كېيىن پەقەت مەدەنىيەت قورۇسى سېلىنغانلىقىدىنلا ئەمەس، يەنە نۇرغۇنلىغان ئۇششاق ھالقىلار تۇراپنىڭ قەلبىدە ئىللىق سېزىم پەيدا قىلغان ئىدى.

  بۇلتۇر يىل ئاخىرى «قوشماقلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتى باشلانغان بىر كۈنى جاۋ شياۋۋېي يوتقان-كۆرپە ۋە بىر يەشىك پەن-تېخنىكا، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىغا ئائىت كىتابنى ئېلىپ تۇراپنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلدى. شۇ ھەپتىدە ئىككىيلەن كۈندە 19-قۇرۇلتاي روھىدىن تارتىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا قاراپ مېڭىشقىچە بولغان تېمىلار ھەققىدە كېچىچە پاراڭلاشتى. پاراڭلاشقانسېرى تۇراپنىڭ قەلبى پاللىدە يورىغاندەك بولدى. كېيىن ئۇ ئاكتىپلىق بىلەن پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى سۇندى.

  تۇراپنى ئەڭ تەسىرلەندۈرگىنى، سىياسەتنى تولۇق چۈشىنىدىغان، كىبىرى يوق جاۋ شۇجى ئۆيىدە قونغاندىن باشلاپ، ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرى تۇراپنىڭ ئۆيىگە يىغىلىپ جاۋ شۇجىدىن يېزىدىن چىقىپ ئىشلەش، خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىقلار توغرىسىدا ئۇچۇر ئىگىلەيتتى.

  ھەممەيلەن جاۋ شياۋۋېينى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭدىن توختىماي سوئال سورايتتى. تۇراپ بولسا ئۇنىڭ چارچاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيتتى، شۇنداق ۋاقىتلاردا جاۋ شياۋۋېي: «ئۇلارنىڭ بۇ يەرگە كېلىشى ئاساس ئەمەس، قىيىنچىلىق بولمىسا، تونۇشمايدىغان ئادەمدىن كىممۇ ياردەم سورىسۇن؟ ئۇلارنىڭ سوئالىنى جاۋابسىز قالدۇرمايلى، قەلبىنى سوۋۇتمايلى» دەيتتى.

  نۆۋەتتە، تۇراپ پۈتۈن كۈچى بىلەن مەدەنىيەت قورۇسى قۇرۇلۇشىغا كىرىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇزۇنغا قالماي مەدەنىيەت قورۇسىمۇ پۈتۈشى مۇمكىن.

  جاۋ شياۋۋېينىڭ ياردىمى بىلەن تۇراپ يەنە يۇشۇگۇ كەنتىدە ئەمگەك كۈچى شىركىتى قۇردى. قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئۇ 160 تىن ئارتۇق ئادەمنى توپلاپ، سانجى دۆلەتلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنىڭ ئەمگەك كۈچىگە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا كۈچ چىقاردى.

  «سۈزۈك بۇلاق سۇلىرى سۇغا تەشنا كىشىلەرگە ئۈمىد بېغىشلايدۇ، مېنىڭ تۇغقىنىم جاۋ شياۋۋېي كىشىلەرگە ئۈمىد بېغىشلايدىغان ئاشۇ بۇلاققا ئوخشايدۇ» دېدى تۇراپ مۇخبىرنىڭ زىيارىتى ئاخىرلاشقاندا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ