تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئىتتىپاقلىق ئىناقلىقنى بەرپا قىلىدۇ، ئىناقلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ

  بۇرچىن ناھىيەلىك ئورگان خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جادىرە سېرىك

  بۇلتۇردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ساھەلەردە ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ھەرخىل شەكىللەر ئارقىلىق ئارقا – ئارقىدىن پارتىيەگە، ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىق ساداسىنى، دۆلەتكە، خەلققە بولغان ساداقەتمەنلىك ساداسىنى، شۇنداقلا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشتىكى ھەققانىيەت ساداسىنى ياڭراتتى. كادىرلار ۋە ئامما ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ رەزىل ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ يەتتى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش كۆپچىلىكنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن مۇھىم مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. پارتىيە ئۇزاق يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەگە بولغان چەكسىز ساداقىتىمنى ۋە قىزغىن مۇھەببىتىمنى بىلدۈرىمەن، بارلىق بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق كۈچلىرىگە بولغان غەزەپ – نەپرىتىمنى ۋە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش ئىرادەمنى بىلدۈرىمەن.

  ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› مىللەت بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، دىن تونىغا ئورىنىۋېلىپ، ئاممىنى رەزىل ۋاسىتىلەر بىلەن ئالدىدى، مەجبۇرلىدى. پارتىيە ھەر مىللەت ئاممىنى يېتەكلەپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلسا، ئۇلار ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ھالدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى سادىر قىلدى؛ پارتىيە ھەر مىللەت ئاممىنى يېتەكلەپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرسە، ئۇلار ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن بۆلگۈنچىلىك قىلدى؛ پارتىيە ھەر مىللەت ئاممىنى يېتەكلەپ، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەرەققىياتنى كۆزلىسە، ئۇلار ھىيلە – مىكىر ئىشلىتىپ بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، ئۇلارنىڭ زوراۋانلىقى كىشىنىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ، بىز ئۇلارغا چوقۇم ئۈزۈل – كېسىل قەتئىي زەربە بېرىشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولغاندىن تارتىپ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغىچە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، دۆلەتنىڭ غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلغاندىن تارتىپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغىچە، بولۇپمۇ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتى ئىناق، مۇقىم بولدى، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى كۈنسېرى تەرەققىي قىلىپ، پەن – تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر.

  ھەر مىللەت خەلق ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىپ، بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ بىرلىكتە بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش ياراتتى. مىللەتلەر ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش مۇساپىسىدە، قان بىلەن گۆشتەك ئايرىلماس رىشتە ۋە قېرىنداشلارچە دوستلۇق ئورناتتى، ئايرىلماس چىن ھېسسىياتنى مۇجەسسەملىدى، بىزنىڭ پارتىيە يارىتىپ بەرگەن بەختلىك تۇرمۇشنى قەدىرلىمەسلىككە سەۋەبىمىز بارمۇ؟ بۇ ئىناق، تىنچ چوڭ ئائىلىمىزنى ياخشى قوغدىماسلىققا ئاساسىمىز بارمۇ؟

  مەن پارتىيەلىك كادىر، مەن ئاكتىپ، تولۇپ تاشقان خىزمەت قىزغىنلىقىم بىلەن ئاممىغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش جەھەتتە باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ رەزىل ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئېچىپ تاشلايمەن ۋە تەنقىدلەيمەن. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، كىچىك خىشلاردىن ئاسمان – پەلەك ئېگىز بىنالارنى سالغىلى بولىدۇ؛ تامچە سۇلار دېڭىزغا قويۇلغاندىلا مەڭگۈ مەۋجۇت بولىدۇ، مانا بۇ ئىتتىپاقلىق، ئىتتىپاقلىق ئارقىلىق ئىناقلىقنى بەرپا قىلغاندىلا، ئىناقلىق ئاندىن تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ ۋە قوغداپ، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلساقلا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا چوقۇم يېتەلەيمىز، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ