تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

چىش پاستىسى قېرىلىق دېغىنى يوقىتالامدۇ؟

    چىش پاستىسى ئادەتتە تۇرمۇشىمىزدا چىش تازىلاشقا ئىشلىتىدىغان زۆرۈر بۇيۇم، ئەمما يەنە نۇرغۇن كىشىلەر چىش پاستىسىنى باشقا ئىشلارغىمۇ ئىشلەتمەكتە. چىش پاستىسى ئارقىلىق قېرىلىق دېغىنى يوقۇتۇش ئۇسۇلىنى بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر سىناپ باققان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ تېخى ئىلمىي ئاساسىي يوق بولغاچقا، خالىغانچە سىناق قىلماسلىق كېرەك.
    چىش پاستىسىنىڭ راستىنلا قېرىلىق دېغىنى يوقۇتۇش ئۈنۈمى بارمۇ؟
    چىش پاستىسىنىڭ قېرىلىق دېغىنى يوقۇتۇش ئۈنۈمى ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس. داغ يوقۇتۇش كەسپىي خادىملىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، قېرىلىق دېغىنىڭ شەكىللىنىشى ئادەم بەدىنى ئورگانىزىمىنىڭ قېرىشىغا ئەگىشىپ، بەدەندىكى قارا پىگمېنتنىڭ ۋاقتىدا بەدەن سىرتىغا ھەيدەپ چىقىرىلمىغانلىقىدىن پەيدا بولىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، قېرىلىق دېغى ئاساسلىقى ئىچكى ئاجرالمىلارنىڭ ئۇزۇن مەزگىل قالايمىقانلىشىشىدىن پەيدا بولىدىكەن. ئادەم بەدىنىدىكى ئىچكى ئاجراتمىلار سىستېمىسى ھەر خىل ھورموننى ئاجرىتىپ چىقىرىش، نېرۋا سىىستېمىسى بىلەن بەدەننىڭ فىزىئولوگىيەسىنى ھەمدە ماددا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى تەڭشەش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن. چىش پاستىسىنىڭ ئىچكى ئاجراتمىلارنى تەڭشەش تەرەپلەردىكى رولى تېخى تەجرىبىدە ئىسپاتلانمىغاچقا، چىش چوتكىلاشقا ئىشلىتىدىغان چىش پاستىسىنىڭ داغ يوقۇتۇش تەرەپلەردىكى رولى ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس ئىكەن.

    بىز ئادەتتىكى يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق قېرىلىق دېغىنىڭ چۈشۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز ۋە ئۇنى يوقۇتۇشىمىز كېرەك. قېرىلىق دېغى بەدەندىكى ئانتى ئوكسىدازا بىلەن ئوكسىدلىنشقا قارشى ماددىنىڭ ئازلاپ كەتكەنلىكىدىن پەيدا بولىدۇ، شۇڭا مۇۋاپىق مىقداردا ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىلارنى تولۇقلىسا بىۋاسىتە ئۈنۈمى بولىدۇ. مەسىلەن ۋىتامىن E نىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى رولى ئەڭ ياخشى. ئادەتتە، كۈنجۈت، سويا پۇرچاق (دادۇر)، ياڭاق قاتارلىق قاتتىق پوستلۇق مېۋە، تۇخۇم، كۆممىقوناق، ھايۋانات جىگىرى قاتارلىق تەركىبىدە ۋىتامىن E مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىش كېرەك. قېرىلىق دېغىغا نىسبەتەن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش كېرەك، ئەگەر قېرىلىق دېغى پەيدا بولغان بولسا، يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەش سۈرئىتى بىلەن پىگمېنتلارنىڭ تېرىگە چۆكۈشىنى يوقۇتۇش بىر قەدەر تەس بولىدۇ.
    قېرىلىق دېغىنى يوقۇتۇشقا قارىتا، خەلق ئارىسىدا نۇرغۇن يەرلىك رېتسېپلار تارقالغان مەسىلەن: ئاق ئاچچىقسۇ، زەنجىۋىل، سامساق ياپىلاقچىسى قاتارلىقلارنى داغ چۈشكەن ئورۇنغا سۈرۈپ بەرسە ياكى يېقىپ بەرسە بەلگىلىك ئۈنۈمى بولىدۇ. ئەمما بۇ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىش جەريانىدا تېرە غىدىقلىنىپ ئېچىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ