شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: ئۈرۈمچى تاموژنىسى قارمىقىدىكى ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇم تاموژنىسى 4-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە ئىككى كۈندىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ «جىڭدۇڭ» تور سۇپىسى ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 5 دانە مۇسادىرە قىلغان خوتەن قاشتېشى خام ئەشياسىنى كىمئارتۇق قىلىپ ساتقان. بۇ خام ئەشيانىڭ ئېغىرلىقى جەمئىي 29 مىڭ گىرام بولۇپ، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش باھاسى 192.5 يۈەندىن باشلىنىپ، 1089 قېتىملىق كەسكىن باھا تالىشىش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا 50022.5 يۈەنگە سېتىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇم تاموژنىسى تۇنجى قېتىم تور ئارقىلىق ئاشكارا كىمئارتۇق قىلىپ ساتقان مۇسادىرە قىلىنغان بۇيۇم بولۇپ، ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇم تاموژنىسى بۇ كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئارقىلىق ۋاقتى قىسقا بولۇش، خېرىدار كۆپ بولۇش، پۈتۈشۈش ئۈنۈمى يۇقىرى بولۇش نىشانىغا يەتكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ تاموژنا مۇسادىرە قىلىنغان بۇيۇملارنى نەق مەيداندا كىمئارتۇق قىلىپ ساتقان بولۇپ، بۇ خىل ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدىكى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ۋاقىت ۋە رايون چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن ئۈنۈمى تۆۋەن بولغان. تاموژنا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش سودىسىنى ئالاقە تورى بىلەن بىرلەشتۈرگەندىن كېيىن، بۇرۇنقى ئەنئەنىۋى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش شەكلىنى تېخىمۇ قولايلىق، قاتنىشىشچانلىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان توردا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش شەكلىگە ئۆزگەرتكەن.
نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە 30 غا يېقىن تاموژنا ئورۇنلىرى مۇسادىرە قىلىنغان بۇيۇملارنى توردا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىپ، كەڭ ئىستېمالچىلارغا ئادىل رىقابەتلىشىش پۇرسىتى ئېلىپ كەلگەن.