شىنخۇا تورى خەۋىرى. جۇڭگو «شەرق» مۈلۈك باشقۇرۇش پاي چەكلىك شىركىتى يېقىندا بېيجىڭدا «2018-يىللىق جۇڭگو پۇل مۇئامىلىسىنىڭ ناچار مۈلۈك بازىرىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى» نى ئېلان قىلدى.
دوكلاتتا مۇنداق قارالدى: تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، «مۇردا كارخانىلار» نى بازاردىن چىقىرىش، كۆمۈر، پولات، تۆمۈر قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تۈگىتىش، پىشاڭلىق رولىنى تۈگىتىش قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ ئۈنۈمى تەدرىجىي نامايان بولدى، دۆلەت ئىچىدىكى كارخانىلارنىڭ تىجارەت مۇھىتى ۋە پايدا ئېلىش ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ماكرو ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەۋپ-خەتەرنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئارقا كۆرۈنۈشلەردە بانكىلارنىڭ كىرېدىت مۈلۈك سۈپىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، پۇل ئاجرىتىشنىڭ قاپلىنىش نىسبىتى ۋە مال ئاجرىتىش نىسبىتى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ تەلىپىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولدى. مۆلچەر بويىچە 2018-يىلى بانكىلارنىڭ ناچار قەرز ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن بىر ئاز ياخشىلىنىدۇ.
نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سانلىق مەلۇماتلىرىدىن قارىغاندا، ئېلىمىزنىڭ سودا بانكىلىرىنىڭ ناچار قەرز ۋەزىيىتى مۇقىملىشىشقا يۈزلەنگەن. 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدا سودا بانكىلىرىنىڭ ناچار قەرز قالدۇقى 171 تىرىليون يۈەن، ناچار قەرز نىسبىتى %1.74 بولۇپ، 2016-يىلىدىكىدىن 0.01 پىرسەنت پوئىنتى كېمەيگەن. ئەمما بانكىلاردىن باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ كىرېدىت تۈرىدىكى ناچار مۈلۈك كۆلىمى بىرقەدەر تېز كېڭەيگەن، ناچار قەرز مۈلۈك نىسبىتى سودا بانكىلىرىدىن يۇقىرى بولغان.