قوشماقلاشقان تۇغقانلار يامالىق تاغ چوققىسىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە. (جياڭ شياۋ فوتوسى)
شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىكى 20دىن ئارتۇق كادىر 4-ئاينىڭ 10كۈنى قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنى ئېلىپ يامالىق تېغىغا چىقىپ، «تاغنى يېشىللاشتۇرۇش» تۈرى قۇرۇلۇش جەريانىنى كۆزىدىن كەچۈرۈپ، مېترو قۇرۇلۇشى بازىسىغا بېرىپ مېترو 1-لىنيەسىدە سىناپ ئولتۇرۇپ، ئۆزلىرى ياشاۋاتقان گۈزەل يۇرتنىڭ زور تەرەققىياتىنى بىرلىكتە ھېس قىلدى ھەمدە شەھەر قۇرۇلۇشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇشقا ۋەدىلەشتى.
خۇڭمياۋزى بۆلەك رايون باشقۇرۇش كومىتېتى فۇدى مەھەللە كومىتېتى تەۋەلىكىدە ئولتۇرۇشلۇق ئامىنە تۇنىياز سايباغ رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كادىرى سۇڭ جۈەننىڭ تۇغقىنى، ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقىنىغا سەككىز يىل بولدى. مەھەللە كومىتېتىنىڭ ياردىمىدە ئۇ ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، بالىلىرى مەھەللە كومىتېتىنىڭ ئوقۇشتىن ئىلگىرىكى سەۋىيە ئۆستۈرۈش كۇرسىدا ھەقسىز ئوقۇۋاتىدۇ.
ئامىنە تۇنىياز ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئاپتوموبىل بىلەن تاغ ئېتىكىدىن تاغ چوققىسغا چىقىش جەريانىدا يولبويى باغ-ئورمان ئىشچىلىرىنىڭ كۆچەت تىكىش بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، مەنمۇ كۆچەت تىكىش پائالىيىتىدە تۇغقىنىم بىلەن ئىتتىپاقلىق كۆچىتى تىكىمەن.
مېترو 1-لىنىيەسى ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى بېكىتىدە شىنجۈ مەھەللە كومىتېتى تەۋەلىكىدە ئولتۇرۇشلۇق ئايگۈل ئابلىمىت تۇغقىنى بىلەن مېترودا سىناپ ئولتۇردى.
سايباغ رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ما چۈن مۇنداق دېدى: قوشماقلاشقان بۇ تۇغقانلار ئاساسەن خۇڭمياۋزى بۆلەك رايونى شىنجۈ مەھەللە كومىتېتى ۋە فۇدى مەھەللە كومىتېتى تەۋەلىكىدىن كەلگەن، ئۇلار ھازىر مەھەللە كومىتېتىنىڭ گۈل ياساش سىنىپى ۋە پىشۇرۇقچىلىق سىنىپىدا ھەقسىز تەربىيەلىنىۋاتقان بولۇپ، ھال-كۈنى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە ئۇلار تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ، تۇغقانلىرى بىلەن يۇرتىدىكى زور تەرەققىياتلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، شەھەر قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە بىرلىكتە قاتنىشىپ، ئورتاق گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇش ئىشەنچى ئاشۇرۇلىدۇ.