شېنجېن شەھىرىدىكى «جويۆ» گۇرۇھى، شېنجېن شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسى، شېنجېن شەھەرلىك خەير-ساخاۋەت جەمئىيىتى، شېنجېندىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن داۋالاش تارماق ئەترىتى، قەشقەر 2-دوختۇرخانىسى، تاشقورغان ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان تۆتىنچى قارارلىق «قۇياش پەرزەنتى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى» يېقىندا قەشقەر شەھىرىدە قانات يايدۇرۇلدى.
ۋەچە يېزىسىدىن كەلگەن ئالتە ياشلىق قازاق قىزى گۈلنىسا تۇغما ئوڭ يانپاش بوغۇمى يېرىم چىقىپ كېتىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغاچقا يول ماڭغاندا بەدىنى لىڭشىپ تۇرىدىغان بولۇپ قالغانىدى، ئۆيىدىكىلەر داۋالىتىشنى ئويلىغان بولسىمۇ بىراق ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن بۇ كېسەلنى ۋاقتىدا داۋالىتىشقا يار بەرمىگەنىدى. بۇ قېتىم گۈلنىسانىڭ تەلىيى كېلىپ بۇ قېتىملىق «قۇياش پەرزەنتى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى» مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيىتى ياردەم بېرىش تىزىملىكىگە كىرىپ يەتتە سائەتلىك ئوپېراتسىيەنى تاماملىدى، شېنجېن شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسى سۆڭەك بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى فۇ گۈيبىڭ مۇنداق دېدى: گۈلنىساغا ئوخشاش بۇ خىلدىكى كېسەللىكنى ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش ئارقىلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىغىلى بولىدۇ. ئالتە ياشتىن سەككىز ياشقىچە بولغان مەزگىل بۇ كېسەلنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، شېنجېن شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر داۋالاش ئەترىتىنىڭ بۇ مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيىتى بىر ھەپتە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، بۇ پائالىيەت گۈلنىسانى ئۆز ئىچىگە ئالغان قەشقەر، تاشقورغان ناھىيەسى قاتارلىق رايونلاردىكى ئون نەچچە بالىغا ساغلاملىق ئاتا قىلىدىكەن.