تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن ئارىلىشىپ تەرەققىي قىلىشىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى ئاچايلى

  ــــ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىدە سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقى توغرىسىدا (4)

«خەلق گېزىتى» ئوبزورچىسى

    جۇڭگونىڭ تەرەققىيات قەدىمى دۇنيادىن ئايرىلالمايدۇ، دۇنيانىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىمۇ جۇڭگودىن ئايرىلالمايدۇ.

  «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتتى، جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن ئارىلىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى كۈچەيتىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى ئاچتى». رەئىس شى جىنپىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىدە ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ، ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ گۈزەل كېلەچىكىگە نەزەر تاشلىدى، جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيانقى ئورتاق تەرەققىي قىلىش ۋە ئىلگىرىلەش ئۇلۇغ مۇساپىسىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئەسلەپ ئۆتتى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن ئارىلىشىپ تەرەققىي قىلىش يېڭى مۇساپىسىنى ئېچىشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى تەنتەنىلىك جاكارلاپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا جۇڭگو ئىشەنچىسىنى بەخش ئەتتى.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگونى دۇنيا بىلەن ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، يۈكسىلىپ، نۇرغۇن مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مارشىنى ياڭراتتى، دېيىشكە بولىدۇ. جۇڭگو خەلقى بۇ 40 يىلدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو يولىنى ئېچىپ، جۇڭگو كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدا ئۇلۇغ داستانلارنى پۈتۈپ چىقتى؛ 40 يىللىق مۇساپىدە، جۇڭگو خەلقى باشتىن- ئاخىر كەڭ قورساق بولۇپ، دۇنياغا كەڭ قۇچاق ئېچىپ، بېكىنمە، يېرىم بېكىنمە ھالەتتىن ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىشكە ئۆتۈشتەك ئۇلۇغ بۇرۇلۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن جۇڭگو تۆھپىسىنى قوشتى. بۈگۈنكى جۇڭگو دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسلىق مۇقىملاشتۇرغۇچ ۋە تۈرتكە، دۇنيا تىنچلىقىنى قۇرغۇچى، دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقۇچى، خەلقئارا تەرتىپنى قوغدىغۇچى بولۇپ، «دۇنيا ياخشى بولسا، جۇڭگو ياخشى بولىدۇ؛ جۇڭگو ياخشى بولسا، دۇنيا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ» دېگەن بۇ ئەقەللىي ھۆكۈمنى چوڭقۇر دەلىللەپ بەردى، «بىر دۆلەت، بىر مىللەت گۈللىنىمىز دەيدىكەن، چوقۇم تارىخنىڭ تەرەققىيات لوگىكىسى بويىچە ئىلگىرىلىشى، دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىدا تەرەققىي قىلىشى كېرەك» دېگەن بۇ چوڭقۇر پەلسەپىۋى ھۆكۈمنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى.

  بىز جاپالىق مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتكەن بولساقمۇ، يەنىلا توختىماي تاغ- داۋانلاردىن ئېشىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. يېڭى دەۋر جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن ئارىلىشىپ تەرەققىي قىلىشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى، بىز ھەم تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش ئېقىمى توختىماي ئىلگىرىلەۋاتقان دۇنياۋى چوڭ يۈزلىنىشكە، ھەم خىرىس ئۈزۈلمەي كۆرۈلۈۋاتقان، خەۋپ- خەتەر كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان پايدىسىز شارائىتقا دۇچ كەلدۇق. مۇشۇنداق پەيتتە، رەئىس شى جىنپىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىدە دۇنياغا ئېنىق قىلىپ مۇنداق جاكارلىدى: يېڭى دەۋردە جۇڭگو خەلقى توختىماي ئۆزىنى ئۆزى كۈچەيتىدۇ، ئۆزىنى ئۆزى يېڭىلايدۇ؛ جۇڭگو خەلقى داۋاملىق دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدۇ؛ جۇڭگو خەلقى ئىسلاھاتنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ؛ جۇڭگو خەلقى داۋاملىق دۇنيا بىلەن ماس قەدەمدە مېڭىپ، ئىنسانىيەتكە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ. بۇ ھەققانىيەت يولىدىن قايتمايدىغان جۇڭگونىڭ تاللىشى، دەۋر ۋەزىيىتىگە ماسلاشقان جۇڭگونىڭ ھەرىكىتى بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق، تەرەققىيات ئىشلىرىدىكى چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىنى تولۇق نامايان قىلدى، جۇڭگو خەلقىنىڭ دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەل خەلقلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەش سەمىمىي ئارزۇسىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  ئىشنى قىلغاندىلا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ، يول ماڭغاندىلا ئېچىلىدۇ. كەلگۈسى ھامان ئۈمىدكە ھەم خىرىسقا تولغان بولىدۇ، رېئاللىق مۇرەككەپ دەپ ئارزۇيىمىزدىن ۋاز كەچمەسلىكىمىز، غايە بەك يىراقتا دەپ ئىزدىنىشتىن ۋاز كەچمەسلىكىمىز كېرەك. يېڭى دەۋردە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشىمىز؛ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي بوشاشماي ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشىمىز؛ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تەڭ پايدا ئېلىشتەك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويۇپ، قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىزنىڭ ئىچى- سىرتى ھەمتۈرتكە بولىدىغان، شەرق- غەرب قوش يۆنىلىشلىك ھەمكارلىشىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن ئەندىزىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز؛ تىنچ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك، بىز جۇڭگونىڭ ئەتىسىنىڭ جەزمەن تېخىمۇ گۈزەل بولىدىغانلىقىغا، دۇنيانىڭ كەلگۈسىنىڭمۇ جەزمەن تېخىمۇ گۈزەل بولىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنىمىز. ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ «تىنچلىق مەشئىلىنى ئەۋلادتىن- ئەۋلادقا مىراس قالدۇرۇش، تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزۈلدۈرمەسلىك، مەدەنىيەت نۇرىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇش»تىن ئىبارەت ئومۇميۈزلۈك تەقەززاسىغا ئاساسەن، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۆز دۆلىتى بىلەن دۇنيانى، ئومۇمىيەت بىلەن كەلگۈسىنى كۆزلەپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلىسىلا، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكى جەزمەن رېئاللىققا ئايلىنىدۇ.

  بىر دەۋرنىڭ شۇ دەۋرگە خاس مەسىلىسى بولىدۇ، بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك بۇرچى بولىدۇ. دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىغا ماسلىشىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ماسلىشىپ، دەۋر يۈكلىگەن بۇرچنى ئاڭلىق زىممىمىزگە ئالساقلا، جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن ئارىلىشىپ تەرەققىي قىلىشىنىڭ يېڭى مۇساپىسى تېخىمۇ ھەيۋەتلىك، ئۇلۇغۋار بولىدۇ، بىز تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بۇ دۇنيانى جەزمەن ئىناق چوڭ ئائىلە قىلىپ قۇرۇپ چىقالايمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 13- ئاپرېل تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ