تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سانجى ئوبلاستىدا يەر ئوبوروتى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتتى

  مۇخبىرىمىز گەي يوۋجۈن، گېزىتىمىزنىڭ سانجى مۇخبىرلار پونكىتىدىن مىڭ ۋېنتۈەن

  يېزا، يېزا ئىگىلىكى، دېھقانلار

  فۇكاڭ شەھىرىنىڭ چىڭگۇەن بازىرى ليۇشۇخېزى كەنتىدىكى جاڭ چۇنخۇا بۇ يىل 3- ئاينىڭ 1- كۈنى بىر نەچچە ھەمشىرىسى بىلەن بىللە شەھەردىكى قىلىۋاتقان تازىلىق خىزمىتىگە ماڭدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز شەھەردىكى 15 ئائىلىلىك بىلەن دائىملىق تازىلىق توختامى تۈزۈپ، ئايدا ھەر بىر ئائىلىنى تۆت قېتىم تازىلاپ، ھەر قېتىمدا 80 يۈەندىن 120 يۈەنگىچە ئىش ھەققى ئالىمىز. يەنە باشقىلارنىڭ ئۆي ئىچى- سىرتىدىكى تازىلىق ئىشلىرىنى قىلىپ، يەر تېرىغاندىن كۆپ كىرىم قىلىۋاتىمىز.

  ھازىر ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلى بولسىمۇ، سانجى ئوبلاستىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ئوبوروت قىلىنىشى بىلەن، نۇرغۇن دېھقان يېرىگە باغلىنىپ قالمايدىغان بولدى، ئۇلار تېرىلغۇ يەرلىرىنى ئوبوروت قىلىپ، باقمىچىلىق ياكى 2- ، 3- كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، يەنە كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولىنى كېڭەيتتى.

  ئوبلاست 2010- يىلىدىن باشلاپ تېرىلغۇ يەرلەرنى پۇختا، تەرتىپلىك ئوبوروت قىلىپ، «كۆجۈملەشكەن باشقۇرۇش، قېلىپلاشقان ئىشلەپچىقىرىش، ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت، كەسىپلەشكەن تەرەققىيات»تەك زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە تەدرىجىي ئىزدىنىپ، يېزا ئىگىلىك ئۈنۈمىنىڭ سىجىل ئېشىشى، دېھقانلار كىرىمىنىڭ كۆپىيىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  قېلىپلاشتۇرۇپ يۆلەش يەر ئوبوروتىنىڭ تەرتىپلىك ۋە سىستېمىلىق بولۇشىغا تۈرتكە بولدى

  ۋاڭ جى بۇ يىل 3- ئاينىڭ 5- كۈنى 8 مىليون يۈەنلىك ئەتىيازلىق تېرىلغۇ قەرز پۇلىنى بېجىرىپ بولۇپ يېنىك بىر تىنىۋالدى. ۋاڭ جى قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ دافېڭ بازىرى خۇڭ ليۇتاڭ كەنتىدىن بولۇپ، 2014- يىلى كەنتتە «خۇڭيۈنلەي» دېھقانچىلىق تېرىقچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغاندا، ئۇ بۇ كوپىراتىپقا كېڭەش باشلىقى بولۇپ سايلاندى. كوپىراتىپ خۇڭ ليۇتاڭ كەنتىنىڭ 7580 مو يېرىنى ئوبوروت قىلىپ، كۆلەملەشكەن تېرىقچىلىقنى يولغا قويۇپ، دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىش، سۇ ۋە ئوغۇتنى باشقۇرۇش، تېخنىكىلىق يېتەكچىلىك قىلىش، مەھسۇلات سېتىشنى بىرلىككە كەلتۈردى. بۇلتۇر بۇ كوپىراتىپ يەنە دافېڭ بازىرى گاۋ چياۋ كەنتىنىڭ 1850 مو يېرىنى ئوبوروت قىلىپ، ھازىرقى ئوبوروت يەر تېرىلغۇ كۆلىمىنى 10 مىڭ موغا يېقىنلاشتۇردى. ۋاڭ جى مۇنداق دېدى: كوپىراتىپنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتىنى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەت جەھەتتىن يۆلىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

  سانجى ئوبلاستلىق يېزا ئىقتىسادى ئىدارىسى بۇ يىل ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلانغاندىن بۇيان، يېزا يەرلىرىنى ئوبوروت قىلىش مەسىلىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ باردى. تېرىلغۇ يەر دېھقانلارنىڭ جېنى. 1988- يىلىدىكى «يەر باشقۇرۇش قانۇنى»، 1993- يىلىدىكى «دېھقانچىلىق قانۇنى»دا «دۆلەت يېرى ۋە كوللېكتىپ ئىگىدارچىلىقىدىكى يەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى قانۇن بويىچە ئۆتۈنۈپ بېرىلىدۇ» دەپ بېكىتىلدى. سانجى ئوبلاستى يېزا ئىگىلىك چوڭ ئوبلاستى بولغانلىقى ئۈچۈن، يېزا يەرلىرىنى ئوبوروت قىلىش خىزمىتىدە باشلامچىلىق قىلىپ، «كىچىك ئېتىزلارنى چوڭ ئېتىزلارغا قوشۇۋېتىش، تېرىلغۇ يەرلەرنى تېرىقچىلىق ماھىرى، چوڭ تېرىقچىلىق ئائىلىسى ۋە ھەمكارلىق كوپىراتىپى، كارخانىلارغا مەركەزلەشتۈرۈش»نى سىناق قىلدى.

  يېزا يەرلىرىنى ئوبوروت قىلىشنى باشلىغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، ئاددىي ئوبوروت قىلىش ئەندىزىسى شەكىللىنىپ، ئوبوروت باھاسى تۆۋەن بولۇش، ئوبوروت قىلمىشى ۋە توختام مەزمۇنى قېلىپلاشماسلىق، خەۋپ- خەتەردىن ساقلىنىش مېخانىزمى مۇكەممەل بولماسلىق، ھەتتا دېھقانلار خاھىشىغا خىلاپ مەجبۇرەن ئوبوروت قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلدى. سانجى ئوبلاستى بۇنىڭ ئۈچۈن «توختام قانۇنى» قاتارلىق قانۇن- نىزام ۋە جايلار تۈزگەن سىياسەت تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نەق مەيداندا كۆرەك قىلىش، سېلىشتۇرۇپ ھېسابلاش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن دېھقانلارنىڭ «ئوبوروت»نى «يوقىتىش» دەپ چۈشىنىدىغان كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، ئىختىيارىي، قانۇنلۇق، ھەقلىق ۋە قېلىپلاشقان تۆت پىرىنسىپ ئاساسىدا يەر ئوبوروتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يەر ئوبوروتىنىڭ ئۆلچەملىك، تەرتىپلىك ئىشلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

  گۇچۇڭ ناھىيەسى سانجى ئوبلاستىدىكى يېزا يەرلىرىنى ئوبوروت قىلىش كۆلىمى ئەڭ چوڭ ناھىيە. يەر ئوبوروت نىسبىتى تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ %56.8ىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، 944 مىڭ موغا يېتىدۇ. گۇچۇڭ ناھىيەلىك يېزا ئىقتىسادى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سۇن شوۋلىن مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بىر دېھقاننىڭ قولىدا 20- 30 مو تېرىلغۇ يەر بولسا، بەش- ئالتە پارچىغا بۆلۈنگەنىدى، ئېتىزلار بۇنداق پارچە- پۇرات ھالەتتە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش كاناپ تاغارغا كەشتە تىكىشتىنمۇ تەس ئىدى. ھازىر يەر ئوبوروتى ئارقىلىق بۇ مەسىلىلەر ھەل قىلىندى.

  ناھىيە، شەھەرلەر يەر ئوبوروتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئېتىبار سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. گۇچۇڭ ناھىيەسى مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ يەر ئوبوروتى مۇكاپات تولۇقلىمىسى تەسىس قىلىپ، 10 مىڭ مو يەر ئوبوروت قىلغانلارغا 10 مىڭ يۈەن، 20 مىڭ مو يەر ئوبوروت قىلغانلارغا 50 مىڭ يۈەن مۇكاپات تولۇقلىمىسى بەردى. قۇتۇبى ناھىيەسى يېزا يەر ئوبوروتى مەخسۇس يۆلەش مەبلىغى ئاجرىتىپ، يەر ئوبوروتى ئارقىلىق كۆلەملەشكەن تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ماھىرى ۋە كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلارنى مۇكاپاتلىدى ۋە يۆلىدى. تېرىقچىلىقتا تولۇق ماشىنىلاشقان، تېجەشچان تېمىتىپ سۇغىرىش تېخنىكىسى قوللىنىلغان تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ھەر موسىغا 100 يۈەندىن مۇكاپات تولۇقلىمىسى بەردى. 2016- يىلى يەنە دېھقانلارغا قارىتا ئېتىبار سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، يەر ئوبوروت ۋاقتى ئۈچ يىلدىن ئاشقان، ئىككىنچى قېتىملىق پايدا تەقسىملەشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ھەمكارلىق كوپىراتىپلارنىڭ ھەر مو تېرىلغۇ يېرىگە 100 يۈەندىن مۇكاپات بېرىپ، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ كۆلەملىشىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى زور دەرىجىدە تېزلەتتى.

  سانجى ئوبلاستلىق يېزا ئىقتىسادى ئىدارىسى ئۇنىۋېرسال بۆلۈمىنىڭ باشلىقى مېڭ يەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئوبلاست بويىچە يېزا كوللېكتىپ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 5 مىليون 834 مىڭ مو بولۇپ، بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە ئوبلاست بويىچە يېزا تېرىلغۇ يېرىنىڭ ئوبوروت ئومۇمىي كۆلىمى 2 مىليون 532 مىڭ موغا يېتىپ، كوللېكتىپ تېرىلغۇ يېرىنىڭ %43.4ىنى ئىگىلىگەن. ھازىر ئوبلاستتا 37 مىڭ 142 يەر ئوبوروت توختامى ئىمزالانغان. يەر ئوبوروت شەكلى ھۆددىگەرلىكنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، 1 مىليون 760 مىڭ موغا يېتىپ، %69.5نى ئىگىلىگەن؛ يەنە ئىجارە بېرىش، ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش، پاي ھەمكارلىقى، ھۆددىگەرلىكنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە باشقا شەكىللەر ئارقىلىق ئوبوروت قىلىنغان يەرلەر بار بولۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش تېخنىكىسىنىڭ قوللىنىلىشى %100كە، تولۇق ماشىنىلىشىشنىڭ ئومۇملىشىشى %95كە يەتكەن.

  سانجى ئوبلاستى يەر ھۆددىگەرلىك توختام تۈزۈمى ۋە رويخەتكە ئالدۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئوبلاستتا مۇكەممەل يېزا يەر ھۆددىگەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمەت تۈزۈمى ۋە بەلگىلىمىسىنى تۈزدى، ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ يېزا يەر ئوبوروت كۆلىمىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، ئەستايىدىل ئېنىقلاش، قېلىپلاشتۇرۇپ تۈزەش ۋە يەر ھۆددىگەرلىك ئارخىپ ماتېرىيالىنى مەڭگۈ ياخشى باشقۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ھۆددىگەرلىك توختامى، دەسلەپكى قونداق ھېسابات، يېزا يېرىنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى، ھۆددىگەرلىك كۆلىمىنىڭ «تۆتكە ئۇيغۇن بولۇش»ىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

  كوللېكتىپ ھەمكارلىقىدىكى تەرەققىيات دېھقانلارنىڭ ھەميېنىنى تومپايتتى

  گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ بەنجېگۇ بازىرى ياۋزەنزە كەنتىدە بۇلتۇر فېڭيۈ دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى سېتىش كىرىمىنى 75 مىليون يۈەنگە، پايدىنى 4 مىليون 600 مىڭ يۈەنگە، پاي سومما كىرىم نىسبىتىنى %24كە، ھەر بىر ئائىلىلىك دېھقاننىڭ ئوتتۇرىچە پايدىسىنى 8000 يۈەنگە، كىشى بېشى كىرىمىنى 1800 يۈەنگە، ئەڭ يۇقىرى پايدا تەقسىماتىنى 144 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزدى.

  ياۋزەنزە كەنتى 2009- يىلى 2- ئايدا «كەنت پارتىيە ياچېيكىسى + كەنت كومىتېتى + ھەمكارلىق كوپىراتىپى»دىن ئىبارەت «ئۈچ تەرەپ بىر گەۋدىلەشكەن» ئەندىزىنى قوللىنىپ، بۇ كەنتتىكى 350 ئائىلىلىكنى كوپىراتىپقا ئەزا قىلىپ، 16 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغنى رويخەتكە ئالدۇردى. بۇ كوپىراتىپ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان 61 مىڭ مو تېرىلغۇ يەرنى ئوبوروت قىلدى، ئوبوروت قىلىنغان يەر كەنت تېرىلغۇ يېرىنىڭ بەشتىن بىرىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، يېشىل، ئورگانىك دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى تېرىش، پىششىقلاش، سېتىش بىر گەۋدە قىلىنغان زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئۈلگە باغچىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى.

  ياۋزەنزە كەنتىدىكى كاڭ چىبىن بىر نەچچە يىل ئىلگىرى ئۆزى ھۆددىگە ئالغان تېرىلغۇ يېرىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا پاي قوشۇپ، ئۆزى كوپىراتىپتا ئىشلەپ كۆپ كىرىم قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر مائاش ۋە پايدا تەقسىملەشنى قوشقاندا 80 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىپتىمەن، كوپىراتىپقا ئەزا بولغاندىن كېيىن خېيىم- خەتەر ئازايدى، كۆپ پۇل تاپتىم، كۆپ مەنپەئەتلەندىم.

  ياۋزەنزە كەنتىدىكى خەن ۋەنباۋ نەچچە يىل ئىلگىرى ئۆزىنىڭ 60 مودىن كۆپرەك تېرىلغۇ يېرىنى كەنتتىكى كوپىراتىپقا ئوبوروت قىلىپ، ئۆزى سىرتتا 2000 مو يەرنى ئوبوروت قىلىپ ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانى قۇرۇپ، كۆلەملەشكەن تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللاندى. ھازىر ئۇنىڭ ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانى يىلدا 400 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىدۇ.

  فۇكاڭ شەھىرىنىڭ چىڭگۇەن بازىرى بىڭخۇ كەنتى بىر نەچچە يىل ئىلگىرى كەنتتە دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، ئورگانىك كۆكتات قاتارلىقلارنى تېرىدى ھەم ئەمەلىي كۈچى بار كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۈرۈمچىدە 15 بىۋاسىتە سېتىش دۇكىنى ئاچتى. بۇ كەنتتىكى ياڭ شۇاڭجياۋ ئائىلىسىدە 7.7 مو تېرىلغۇ يەر بولۇپ، نەچچە يىل ئىلگىرى ئۇنىڭ ئائىلىسى يىلىغا 500 يۈەنلىك باھا بىلەن تېرىلغۇ يېرىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئوبوروت قىلدى، ياڭ شۇاڭجياۋ كوپىراتىپتا ھەر يىلنىڭ 4- ئېيىدىن 10- ئېيىغىچە ئىشلەپ، 30 مىڭ يۈەن پۇل تاپتى، ئۇنىڭ ئېرى شەھەردە بېزەكچىلىك قىلىپ، يىلدا 60- 70 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى، ئۇلار ئۆزىنىڭ يېرىنى تېرىمايمۇ، ئائىلە كىرىمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى.

  دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى سانجى ئوبلاستىنىڭ يەر ئوبوروتى ۋە زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي كۈچىگە ئايلاندى. ھازىر سانجى ئوبلاستىدا دۆلەت دەرىجىلىك كوپىراتىپتىن 23ى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك كوپىراتىپتىن 107سى، ئوبلاست دەرىجىلىك كوپىراتىپتىن 222سى قۇرۇلۇپ، كوپىراتىپقا ئەزا بولغانلار 112 مىڭ 500 كىشىگە، دېھقان ئائىلىسى 80 مىڭدىن كۆپرەككە يەتتى.

  مېڭ يەن مۇنداق دېدى: يەر ئوبوروتى «ئادەم بار تۇرۇقلۇق تېرىيدىغان ئادەم بولماسلىق، يەر بار تۇرۇقلۇق تېرىيدىغان ئادەم بولماسلىق»، «كۆپنى تېرىيالماسلىق، ئاز تېرىسا بولماسلىق» زىددىيىتىنى ھەل قىلدى، يەر بايلىقىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، تېرىلغۇ يەرلەرنى ئاق قويۇش ۋە يىرىك باشقۇرۇشتىكى مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلدى. يەر بايلىقىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ئەنئەنىۋى شەكىلدىكى بىر ئائىلىدە بىر نوپۇس چېچىلاڭغۇ باشقۇرۇشتەك يەككە دېھقان ئىقتىسادى ۋەزىيىتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، تېرىلغۇ يەرلەرنى بىر تۇتاش كۆجۈملەپ، كۆلەملىك باشقۇرۇپ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىسى ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  سانجى ئوبلاستىدا يەر ئوبوروتى ۋە دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى بولغاچقىلا، بۇلتۇر يېزا ئاھالىسىنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 17 مىڭ 240 يۈەنگە يېتىپ، 2016- يىلىدىكىدىن 800 يۈەن ئېشىپ، يېزا ئاھالىسى كىشى بېشى كىرىمى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى.

  يەر ئوبوروتى يېزا ئىگىلىكىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى

  بىر قانچە يىللاردىن بۇيان، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ئوبوروت قىلىنىشى بىلەن چىڭگۇەن بازىرىدىكى نۇرغۇن دېھقان قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى، بازارلىق ھۆكۈمەت ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ھەر خىل تەربىيەلەش كۇرسلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تېخنىكا ئىگىلەپ، كىرىمىنى كۆپەيتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم قىلدى.

  نۇرانىگۈل ئابدۇللا مۇنداق دېدى: ئېتىزدا قىلىدىغان ئىش بولمىسا، كاللىمىز بىكار تۇرسا بولمايدۇ، ئىلگىرى سىرتقا چىقىپ جىسمانىي كۈچ كېتىدىغان ئىشلارنىلا قىلىپ، ھېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن كىرىمىممۇ يۇقىرى ئەمەس ئىدى. ھازىر غەربچە بولكا پىشۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىۋاتىمەن، ياخشى ئۆگىنىپ ئۆز ئالدىمغا ئىش باشلايمەن.

  يەر ئوبوروتى يەر بايلىقىنى «كاپىتاللاشتۇرۇپ»، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، يەر بايلىقىنىڭ ئىقتىسادىي يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلدى.

  سانجى ئوبلاستى يېزا ئۇنىۋېرسال مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشنى تېزلىتىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوبلاستتىكى يەتتە ناھىيە، شەھەردە ناھىيە دەرىجىلىك سودا سۇپىسى تەسىس قىلىپ، 70تىن ئارتۇق يېزا- بازاردا 61 يېزا- بازار ئۇنىۋېرسال مۈلۈك ھوقۇقى مۇلازىمەت مەركىزى قۇردى. يېزا ئۇنىۋېرسال مۈلۈك ھوقۇقى سودا مۇلازىمەت سىستېمىسى دېھقانلارنىڭ يەر ئوبوروت قىلىشىنى «بىر پونكىت»لىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، يەرلەرنىڭ تەرتىپلىك ئوبوروت قىلىنىشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى.

  سانجى ئوبلاستى يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ قەرز ئېلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، «تۆتنى بىر گەۋدە قىلىش» مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش شەكلىنى ئومۇملاشتۇردى. ھۆكۈمەتنىڭ خېيىم- خەتەر تولۇقلىما مەبلىغى تەسىس قىلىشى، سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ كېپىل بولۇشى، بانكىلارنىڭ قەرز پۇل بېرىشى بىلەن دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى ۋە يېزا ئىگىلىكىدىكى كەسىپلەشكەن كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى يۆلىدى ۋە قوللىدى.

  سانجى ئوبلاستى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان باشلامچى كارخانا، ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانى، كەسپىي چوڭ ئائىلە ۋە دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى يۆلەپ ۋە زورايتىشنى يېزا يەر ئوبوروتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىشتىكى مۇھىم نۇقتا قىلدى. بۇ ئاساستا يېزا ئىگىلىكىدە كەسىپلەشكەن باشلامچى كارخانىلارنى بازارنىڭ يۆنىلىشى بويىچە «كارخانا + بازا + دېھقان ئائىلىسى» قاتارلىق كۆپ خىل ئايلىنىش شەكىللىرى بىلەن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، پىششىقلاش، سېتىش ھالقىلىرىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك كەسىپ زەنجىرىنى ئۈنۈملۈك ئۇزارتتى، ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش شەكلىنى ياخشىلاپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ رايونلاشقان ئورۇنلىشىش، كۆلەملەشكەن باشقۇرۇش، كەسىپلەشكەن ئىشلەپچىقىرىش ۋە كارخانىلاشقان باشقۇرۇشتەك كەسىپلەشكەن باشقۇرۇش يولىدا مېڭىشنى ئىلگىرى سۈردى.

  سانجى ئوبلاستى يەنە «يېڭىچە يېزا ئىگىلىكىنى باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئوتتۇرىغا قويدى، گۇچۇڭ ناھىيەسى 2014- يىلىدىن بۇيان «10، 100، 1000» قۇرۇلۇشى، يەنى ئون باشلامچى كارخانا، 100 دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى، 1000 تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسىنى يېتىشتۈرۈش ۋە يۆلەشنى يولغا قويۇپ، يەر ئوبوروتى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ كەسىپلىشىشىنى تېزلەتتى. گۇچۇڭ شېكەر زاۋۇتى، گۇچېڭ ھاراقچىلىقى، شوخلا قىيامى زاۋۇتى، ئۇن زاۋۇتى قاتارلىق كارخانىلارنى كۈچلەندۈرۈپ، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىلىرىنىڭ كۆلەملىشىشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىقتىسادى قابىللىرى، كەسپىي تېخنىكا ماھىرلىرى، كەسپىي چوڭ ئائىلىلىرى ۋە باشلامچى كارخانىلارنى ھەر خىل كەسپىي ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرىنى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى ۋە يۆلىدى.

  يەر ئوبوروتى تېرىلغۇ يەرلەرنى جانلاندۇرۇپ، كەسىپلەرنى زورايتىپ، دېھقانلارنى بېيىتتى. سانجى ئوبلاستىدا 2017- يىلىغىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىسى 380گە، ئوبلاست دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يېزا ئىگىلىكىدە كەسىپلەشكەن باشلامچى كارخانا 185كە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت دەرىجىلىكتىن سەككىزى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكتىن 67سى بار بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىگە دائىر ماركا 173كە يەتتى. «زىيانسىز يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى، يېشىل يېمەكلىك، ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى» ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشكەن بازا كۆلىمى 3 مىليون 30 مىڭ موغا، «زىيانسىز يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى، يېشىل يېمەكلىك، ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ۋە جۇغراپىيەلىك بەلگىلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى» ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشكەن مەھسۇلات 362گە يەتتى. كۆلەملەشكەن، يېڭى تېخنىكا مەركەزلىك ئىشلىتىلگەن، ئۈنۈملۈك، باشلامچى كارخانىلار باشلامچىلىق قىلغان، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتى ۋە ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت تەشكىلاتى قاتناشقان بولۇشتەك «بەش بولۇش»قا ئىگە زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى 30غا يەتتى.

  ئاينۇر ئۆمەر تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ