تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ خەينەننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قوللاش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى ئېلان قىلىندى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 14- ئاپرېل تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا خەينەننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قوللاش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرىنى ئېلان قىلدى. «پىكىر» ئون جەھەتكە چېتىلىدىغان 31 ماددىدىن تۈزۈلگەن.

  «پىكىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىرگەن چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشتە، خەينەن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىغا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى بۇرچىنى يۈكلەش باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى پىلانلىغان، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرغان، ئۆزى ئىلگىرى سۈرگەن زور دۆلەت ئىستراتېگىيەسى بولۇپ، ئۇنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىگە مۇھىم ۋە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىشى مۇقەررەر. خەينەننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قوللاش ئۆرنەك قىلغىلى، كېڭەيتكىلى بولىدىغان تەجرىبە ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىسلاھاتنى پۇختىلاپ ۋە كېڭەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا؛ دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش مۇساپىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ قاتلامدىكى ئوچۇق ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشىگە؛ خەينەننىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش قەدىمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق.

  «پىكىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، خەينەن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىغا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى بۇرچىنى يۈكلەپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى ۋە جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇش كېرەك.

  خەينەننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى توغرىسىدا، «پىكىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: خەينەننى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش سىناق رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تىنچ ئوكيان ۋە ھىندى ئوكيانغا يۈزلەنگەن مۇھىم ئېچىۋېتىش دەرۋازىسىغا ئايلاندۇرۇش؛ دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سىناق رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، مەملىكىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىش؛ خەلقئارا ساياھەت ئىستېمالى مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، كەسىپلىرى مول، كۇرسلۇق مەھسۇلاتلار توپلاشقان، مۇھىتى راھەت، خاسلىقى روشەن خەلقئارا ساياھەت ئىستېمالى مەنزىلگاھىغا ئايلاندۇرۇش؛ دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەلىك مۇلازىمەت كاپالەت رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، كۈچلۈك دېڭىز- ئوكيان دۆلىتى قۇرۇش، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى، ئارمىيە- خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتى قاتارلىق زور ئىستراتېگىيەلەرگە كىرگۈزۈپ، كاپالەت ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكلىگەن مۇھىم بۇرچنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىپ، خەينەننىڭ دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ئەندىزىسىدىكى ئورنى ۋە رولىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: خەينەننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قوللاشتا، پارتىيەنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ۋە پۇختا قەدەم بىلەن يولغا قويۇشتا، قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىز- ئوكياننى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاشتا، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2020- يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە يېتىپ، ھازىرقى ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا، نامرات ناھىيەلەرنىڭ قالپىقىنى تولۇق ئېلىۋېتىشكە كاپالەتلىك قىلىش؛ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىدا مۇھىم ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلقئاراغا ئېچىۋېتىش سالمىقىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇش؛ جامائەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىش؛ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈمىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىدە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى سەۋىيەنى داۋاملىق ساقلاش كېرەك.

  2025- يىلى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، ئەركىن سودا پورتى تۈزۈمىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىپ، سودا مۇھىتىنى دۆلىتىمىز بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى سەۋىيەگە يەتكۈزۈش؛ دېموكراتىك قانۇن- تۈزۈمنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش؛ جامائەت مۇلازىمىتى سەۋىيەسى ۋە سۈپىتىنى دۆلىتىمىز بويىچە ئىلغار سەۋىيەگە يەتكۈزۈپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىدە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى سەۋىيەنى داۋاملىق ساقلاش كېرەك.

  2035- يىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىش؛ ئەركىن سودا پورتىنىڭ تۈزۈم سىستېمىسى ۋە مەشغۇلات ئەندىزىسىنى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلدۈرۈپ، سودا مۇھىتىدا مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتارغا كىرىش؛ خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ باياشات قىلىپ، ئومۇمىي خەلقنى ئورتاق بېيىتىش قەدىمىنى پۇختا بېسىپ، جامائەت مۇلازىمىتى، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتىنى خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە يەتكۈزۈش؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى ۋە بايلىقتىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى سەۋىيەگە يەتكۈزۈش؛ زامانىۋى جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش ۋە جەمئىيەتنى ئىناق، تەرتىپلىك قىلىش كېرەك.

  مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىشنى ئالدىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۈكسەك بازارلاشقان، خەلقئارالاشقان، قانۇنچىللاشقان، زامانىۋىلاشقان تۈزۈم سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچى ۋە مەدەنىيەت تەسىرى جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان رايونغا ئايلىنىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىساد گۈللەنگەن، جەمئىيەت مەدەنىي بولغان، ئېكولوگىيەسى ياشاشقا ماس كېلىدىغان، خەلق بەختكە تولغان گۈزەل يېڭى خەينەننى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ