تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونلارنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ،سەۋىيەسىنى ئۆستۈرەيلى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەينەن ئۆلكىسى قۇرۇلغانلىقى، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى توغرىسىدا (2)

‹‹خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى


    باشقىلار مېڭىپ باقمىغان يولدا ماڭغاندىلا، ئۆزگىچە نەتىجە ياراتقىلى بولىدۇ.
    ‹‹يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى خىرىس ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونلارغا يېڭى تارىخىي بۇرچ يۈكلىدى، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونلار ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇدىكى يېڭى ئورنى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭى ئورنىنى ياخشى ئىگىلىشى كېرەك››—باش شۇجى شى جىنپىڭ خەينەن ئۆلكىسى قۇرۇلغانلىقى، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىرىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئەسلىدى، خەينەن قاتارلىق ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونلارنىڭ ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن قالتىس نەتىجىلىرىنى يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈردى، تېخىمۇ يۇقىرى يۈكسەكلىك، تېخىمۇ كەڭ نەزەر، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋردە ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونلارنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. چىن سۆز، سەمىمىي تاپشۇرۇق دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلىرىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى پىلانلىشىنى قوللانمىغا ئىگە قىلدى، قايتىدىن تەييارلىنىپ سەپەرگە ئاتلىنىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتتى.
    ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون قۇرۇش—پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن چىقارغان مۇھىم تەدبىرى. نەچچە ئون يىل جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش جەريانىدا، شېنجېن، جۇخەي، شەنتۇ، شيامېن، خەينەندىن ئىبارەت بەش ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون بۇرچىنى ئادا قىلىپ، تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىكى ‹‹تەجرىبە ئېتىزى››لىق رولى ۋە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم ‹‹كۆزنەك››لىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىنى مول خام ماتېرىيال ۋە جانلىق تەجرىبە بىلەن تەمىنلىدى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونلارنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنىڭ مۇھىم تارىخىي گۇۋاھچىسى بولۇپ قالدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون قۇرۇش  دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم مېتودولوگىيەسى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون قۇرۇش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى تامامەن توغرا.
    ھازىر يېڭى دەۋرگە كىرگەن جۇڭگو يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇۋاتىدۇ. يېڭى پەللىدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولىدا قۇرۇلغان، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولىدا گۈللەنگەن ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونلارنى داۋاملىق قۇرۇپلا قالماي، يەنە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتنى ئۆرنەك قىلغىلى، كېڭەيتكىلى بولىدىغان تېخىمۇ كۆپ تەجرىبە بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

    ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونلارنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇش ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە، ئاچقۇچىلار روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئالاھىدە رايونلارنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ تەجرىبە سۇپىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئاۋۋال يولغا قويۇش، ئاۋۋال سىناق قىلىش  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەجرىبە، شۇنداقلا ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونلارنىڭ مۇھىم مەسئۇلىيىتى. نۇرغۇن ساھەدىكى ئىسلاھات تۇيۇقسىز ‹‹ئادەمزاتسىز رايون››غا كىرىپ قالغان بۈگۈنكى كۈندە، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونلار تارىخىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، يول ئېچىش، سىناق قىلىش، باشقىلاردىن جۈرئەتلىك بولۇش، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەشتەك ئالاھىدە رايون روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىش قىلغاندا ئېھتىياتچان بولۇش، تاغقا يولۇققاندا يول ئېچىش، سۇغا يولۇققاندا كۆۋرۈك سېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈلمە، مېخانىزم ئىسلاھاتى قاتارلىقلاردا ئاۋۋال يولغا قويۇپ، ئاۋۋال سىناق قىلىپ، دادىل ئىزدىنىپ، ئەمەلىيەت جەريانىدا ھەقىقىي بىلىمنى كۆزلەپ، ئىزدىنىش جەريانىدا قانۇنىيەتنى تېپىپ، يېڭى تەجرىبىلەرنى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈرۈپ، يېڭى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى لايىھە بىلەن تەمىنلەپ، باشتىن – ئاخىر ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇشى كېرەك.
    ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونلارنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇش ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە، ئەمەلىي ئىشلەش پوزىتسىيەسى ئارقىلىق ئالاھىدە رايونلارنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ مۇھىم كۆزنىكىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ ئاۋۋال ئېچىۋېتىلگەن رايون، سىرت بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىدىكى ئەڭ ئاۋات رايون، شۇنداقلا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە ئەڭ ۋەكىللىك قىلالايدىغان رايون بولغان ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونلار داۋان ھالقىشتىكى بېسىم تۇيغۇسى، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتىكى بۇرچ تۇيغۇسى، ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ساقلاپ، دۆلەت دەرۋازىسىنى ئېچىپ قۇرۇلۇش قىلىش، كىرگۈزۈش ۋە چىقىرىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان قوش يۆنىلىشلىك سودا ۋە سېلىنما ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى ئورتاق قۇرۇپ، ئەمەلىي ئۆزگەرتىش، ئەمەلىي يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىي ئىلگىرىلەشنى كۆزلەپ، كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت بىلەن ئىسلاھاتنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى، ئېچىۋېتىش قەدىمىنىڭ توختاپ قالماسلىقىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
    ‹‹توپا يىغىلسا تاغ، سۇ يىغىلسا دېڭىز بولىدۇ››. ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر داۋاملىق كۈرەش قىلىشنىڭ نەتىجىسى، ئۇلۇغ ئىشلار ئۆتكەنگە ۋارىسلىق قىلىپ، كەلگۈسىگە يول ئېچىش جەريانىدا ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئۆتمۈشنى ئەسلىسەك، نەچچە ئەۋلاد ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون قۇرغۇچىلىرى ئەقىل – پاراسىتى، جاسارىتى، قان تەرى بىلەن پارلاق سەھىپە پۈتكەن. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونلارنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 – ئاينىڭ 14 – كۈنى تېلېگراممىسى)            

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ