4-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرى ئاھالىسى مۇھاكىمە يىغىنىدىن ئىلگىرى «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشى توغرىسىدا» ناملىق كىتابنى كۆرمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئىككىنچى توم كۆپ خىل تىللىق «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشى توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ يۈرۈشلۈك تەشۋىقات پائالىيىتى بولغان «يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو» خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى لوندوندا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ مۇھاكىمە يىغىنىنى دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى تەتقىقات جەمئىيىتى، جۇڭگو چەت ئەل تىلى ئىدارىسى ۋە 21-ئەسىر كېڭىشى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئۆتكۈزۈشنى قوللىغان.