تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي تۇتۇپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىمەن

  چاغانتوقاي ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم يېربولات بايقادان

  مەن پارتىيەنىڭ تەربىيەلىشى ۋە غەمخورلۇقىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر، مەن يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننىڭ ۋەتەننى، پارتىيەنى، يۇرتىنى قىزغىن سۆيۈشتەك ئالىيجاناب پەزىلىتىدىن ئۆگىنىمەن. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دانا رەھبەرلىكى بولمىغان بولسا، شىنجاڭنىڭ غايەت زور تەرەققىياتى، ئۆزگىرىشى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى بولمىغان بولاتتى. مەن مەيلى قاچان، قەيەردە بولاي، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى زىممەمگە ئېلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

  ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى تازىلاپ، پارتىيەگە سادىق ئۈلگىلەردىن بولىمەن. پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق بويسۇنۇپ، سىياسىيدا كۈچلۈك بولۇشنى باشتىن – ئاخىر بىرىنچى ئۆلچەم قىلىشتا چىڭ تۇرىمەن، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق زور پىرىنسىپال مەسىلىلەردە تونۇشتا مۈجمەل بولماسلىق، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولماسلىق، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرىمەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە باشلامچى، ئاۋانگارتلاردىن بولىمەن، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن. دىققەتنى باشتىن – ئاخىر شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىخۇدلۇق، بوشاڭلىق قىلىش، قارىغۇلارچە ئۈمىدۋار بولۇش ئىدىيەسىنى قەتئىي يېڭىپ، بۇنىڭدىن قاتتىق ساقلىنىپ، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، كادىرلار ئاساسىي قاتلامدا مۇلازىمەت قىلىش، مەسىلىنى ئاساسىي قاتلامدا ھەل قىلىش، ئۈنۈمنى ئاساسىي قاتلامدا نامايان قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىمەن.

  دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، دۈشمەن كۈچلەرگە زەربە بېرىشتە قەتئىي يۇمشاق قوللۇق قىلمايمەن. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، سىناقتىن ئۆتۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلىپ، مەيدانىم ۋە پوزىتسىيەمنى بىلدۈرىمەن، ئاممىغا ئىجابىي تەشۋىق قىلىپ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ئالدامچىلىق، قايمۇقتۇرۇش خاراكتېرى ۋە ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى پاش قىلىمەن، ئاممىنى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قارشى تۇرۇشقا يېتەكلەيمەن ۋە تەربىيەلەيمەن. كۆزۈمنى يوغان ئېچىپ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، مەيدانىم مۇستەھكەم، بايرىقىم روشەن ھالدا ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى پاش قىلىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى ئاشكارىلاپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر – ئۇرغا قاپتۇ، دېگەندەك ھالەتكە چۈشۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە ھېچقانداق پۇرسەت بەرمەيمەن.

  باش نىشان ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى باشلامچىلاردىن بولىمەن. ئەۋزەللىكىم ۋە رولۇمنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ئاڭلىق قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈندىلىك تۇرمۇشۇمدا، خىزمىتىمدە، ئۆگىنىشىمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈلىنى دائىم، ئۇزاققىچە پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرىمەن. تۈرلۈك يىغىن ئېچىش، ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، يېزىلارنى ھۆددىگە ئېلىپ كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى پۇرسىتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۆزۈم قول سېلىپ ئىشلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئاكتىپ تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن. ھەر مىللەت ئاممىنى ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش›› تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشكە پائال يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقۇمنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەيمەن.

  باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، ئىستىلىمنى ياخشىلايمەن. ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى باشتىن – ئاخىر ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى باشتىن – ئاخىر باش نىشاننى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، پولاتتەك ئىنتىزام ۋە پۇختا ئىستىل ئارقىلىق مۇقىلىقنى قوغداشنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملەيمەن. باش نىشاننى چۆرىدەپ، بارلىق پارتىيەلىك كادىرلارنى ئۆزىنىڭ بىرىنچى سالاھىيىتىنىڭ پارتىيە ئەزاسى ئىكەنلىكىنى، بىرىنچى مۇھىم تەلەپنىڭ پارتىيەگە سادىق بولۇش ئىكەنلىكىنى، بىرىنچى مەسئۇلىيىتىنىڭ پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاشقا يېتەكلەپ ۋە تەربىيەلەپ، چىن ھېسسىياتىم بىلەن ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىنى ئۇتۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇختا ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ