تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئاشخانىدىكى سەككىز چوڭ ساغلاملىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان «دورىلار»

    ئامېرىكا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇتەخەسسىسى دوكتۇر مارك ھايماننىڭ ئېيتىشىچە، بەدەندىكى بەزى بىئاراملىق ئالامەتلىرىگە نىسبەتەن، يېڭى يېمەكلىكلەر ئەڭ ئۈنۈملۈك «دورا» بولالايدىكەن. ئامېرىكا «ساغلاملىق» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، يېمەكلىك ئارقىلىق سەككىز چوڭ ساغلاملىق مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدىكەن.
    ئىششىق: كەرەپشە يېيىش. «يېمەكلىك ۋە كەيپىيات» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى ئىلزابىت سوممېلنىڭ ئېيتىشىچە، تۇزنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلسا بەدەندىكى سۇنىڭ تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلۇپ، بەدەن ئىششىش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن. تەرخەمەك، كەرەپشە قاتارلىق يېمەكلىكلەر بەدەندىكى ئارتۇقچە ناترىينى بەدەن سىرتىغا ھەيدەپ، ئىششىقنى ياندۇرىدىكەن.
    قورساق كۆپۈش: كۈلى بېھىسى يېيىش. قورساق كۆپۈش ئۈچەي يولى ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلاشقانلىقىنىڭ ئىپادىسى. «يېمەكلىك دورا» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى دوكتۇر دالما سىنگېر كاسانىڭ ئېيتىشىچە، تاماقتىن كېيىن قورساق كۆپسە كۈلى بېھىسى يېسە بولىدىكەن. كۈلى بېھىسىدىكى ھەزىم قىلىش فېرمېنتىنىڭ ئاقسىلنى پارچىلاشقا ياردىمى بار ئىكەن، سېللۇلوزىنىڭ بولسا ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار ئىكەن. ھەر ھەپتىدە بىر نەچچە قېتىم كۈلى بېھىسى يېسە ئۈچەي ۋە ئاشقازاننىڭ ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك تەڭشىگىلى بولىدىكەن.
    ئاچچىقى يامان بولۇش: ناشتىنى ۋاقتىدا قىلىش. دوكتۇر سومولنىڭ ئېيتىشىچە، سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ بىر ياكى ئىككى سائەت ئىچىدە ناشتا قىلغانلارنىڭ كەيپىياتى تېخىمۇ تۇراقلىق بولىدىكەن، خىزمەت ئۈنۈمىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن. ناشتا قىلمايدىغانلارنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى بىر قەدەر ئاجىز بولىدىكەن ھەمدە چۈش بولماستىنلا ھارغىنلىق ھېس قىلىپ، ئۇيقۇسى كېلىدىكەن. ناشتىلىقتا دانلىق زىرائەتتىن ئېتىلگەن يېمەكلىكلەرنى، ئاقسىلنى ۋە بىر، ئىككى خىل مېۋە ۋە كۆكتاتلارنى ئىستېمال قىلىش كېرەك ئىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، سېلېننى ئاز ئىستېمال قىلىدىغان ئاياللار ئاسانلا تەشۋىشلىنىدىكەن. سېلىننى ھەر كۈنى 55 مىللىگىرام ئىستېمال قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدىغان بولۇپ، تۇخۇم، تۇننۇس بېلىقى (金枪鱼) نى يېيىش ئارقىلىق تولۇقلىسا بولىدىكەن.

    دانىخورەك چىقىش: باش پىيازنى كۆپ يېيىش. ئامېرىكا ماسساچۇسېتىس ئىشتاتى تېرە كېسەللىكلىرى ئىلمىنىڭ مۇتەخەسسىسى ۋالورىي تېرري روللېنىڭ كۆرسىتىشىچە، باش پىياز، كۈدە ۋە غولپىياز قاتارلىق تەركىبىدە گۈڭگۈرت مول بولغان كۆكتاتلار دانىخورەكنى پەيدا قىلىدىغان ياللۇغلارنى چەكلەيدىكەن. بۇ تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى ياخشىسى خام ھالەتتە ياكى ئازراق قورۇپلا يېيىش كېرەك ئىكەن.

    تەتۈر ۋاقىت پەرقى: ئايروپىلاندا پەقەت سۇ ئىچىش. ۋاقىت پەرقى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى دېگىنىمىز قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نەچچە ۋاقىت رايونىنى كېسىپ ئۆتكەنلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان بەدەن ئۆزگىرىشىنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن باش ئاغرىش، قۇلاق غوڭۇلداش، يۈرەك كېسىلى قوزغىلىش، كۆڭۈل ئېلىشىش، قورساق ئاغرىش، ئىچ سۈرۈش، بىئولوگىيىلىك سائەت قالايمىقانلىشىش قاتارلىقلار. ئامېرىكا ئاگون دۆلەت تەجرىبىخانىسىدىكى دوكتۇر داۋىد بىر ۋاقىت رايونىدىن يەنە بىر ۋاقىت رايونىنى ھالقىپ ئۇچقاندا سۇ ئىچكەندىن سىرت، باشقا يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېمەسلىكنى ئەسكەرتكەن. تاماقتىن پەرھىز تۇتۇش بەدەندە ساقلانغان ئېنېرگىيەنى خورۇتۇشقا پايدىلىق بولغاچقا، ئىككىنچى كۈنى سەھەردە غىزالانغاندا ئادەم روھلۇق بولۇپ كېتىدىكەن.

    ئۇيقۇسىزلىق: كەچتە ئازراق تاماق يېيىش. ھەممىمىز ئۇخلاشتىن ئىلگىرى تاماق يېمەسلىك كېرەكلىكىنى بىلىمىز. ئەمما تاماقتىن پۈتۈنلەي پەرھىز تۇتۇش ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، مەسىلەن، ئاچ قورساقلىق ئادەمنى قىزىققان قىلىپ قويىدۇ. ئامېرىكا ئۇيقۇ ئىلمى جەمئىيىتىنىڭ باياناتچىسى، ئامېرىكا غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتى نېرۋا كېسەللىكلىرى ئىلمىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور كېللىي گلاسېر باروننىڭ ئېيتىشىچە، بەدەننى ئەركىن قويۇۋەتكەندە ئاندىن خاتىرجەم ئۇخلىغىلى بولىدىكەن، قورساق ئېچىپ غولدۇرلىغاندا ئادەم ئاسانلا يېرىم كېچىدە ئويغۇنۇپ كېتىدىكەن. شۇڭا ئۇخلاشتىن يېرىم سائەت ياكى بىر سائەت ئىلگىرى مۇۋاپىق مىقداردا يېمەكلىك يېيىش، مەسىلەن، پېچىنە-پىرەنىك، بىر سىقىم ئۆرۈك مېغىزى ياكى بىر تال بانان يېيىش تەۋسىيە قىلىنىدىكەن.

    ئادەتتىن ئىلگىرىكى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى: پالەك يېيىش. تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، بەدىنىدە تۆمۈر كەمچىل ئاياللار ئادەتتىن ئىلگىرىكى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتىگە ئاسان گىرىپتار بولىدىكەن (ئىچى تىتىلداپ ئاسان ئاچچىقلىنىش، ئۇيقۇسى قېچىش، باش ئاغرىش، كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن). ھەر كۈنى 20 مىللىگىرام تۆمۈر ئىستېمال قىلىدىغان ئاياللارنىڭ ئادەتتىن ئىلگىرىكى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ھەر كۈنى 10 مىللىگىراممۇ تۆمۈر ئىستېمال قىلمايدىغان ئاياللارغا قارىغاندا %40 تۆۋەن بولىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە ئادەتتە ھايۋانات جىگىرى، پالەك، قارا قېلىنقۇلاق قاتارلىق تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىش كېرەك ئىكەن.
    ئاپتاپتا ئاسان كۆيۈپ كېتىش: سەۋزىنى كۆپرەك يەپ بېرىش. يېمەكلىكنى تەڭشەش ئارقىلىق تېرىنىڭ ئاپتاپتىن كۆيۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ. گىرمانىيە ھاينرىخ ھېينى ئۇنىۋېرسىتېتى بىيوخىمىيە پروفسسورى ۋىليام سىتارنىڭ ئېيتىشىچە، تەركىبىدە كاروتىن مول بولغان يېمەكلىكلەرنى (مەسىلەن سەۋزە، پالەك، كاۋا قاتارلىقلار) كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئۇلترا بىنەپشە نۇر زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن. ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى، بۇ خىل يېمەكلىكنى 10~12 ھەپتىگىچە يېگەندە ئاندىن ئاپتاپتىن ساقلىنىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ