تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

تېرىنىڭمۇ بىيولوگىيەلىك سائىتى بارمۇ؟

    يېقىندا، « تېرىنىڭ بىيولوگىيەلىك سائەت ۋاقىت جەدىۋىلى» توردا كەڭ تارقالدى. مەسىلەن، بۇ ۋاقىت جەدىۋىلىدە كۆرسىتىلىشىچە، كەچ سائەت 11 دىن سەھەر سائەت 5 كىچە بولغان مەزگىلدە ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆسۈشى ۋە ئەسلىگە كېلىشى ئەڭ تېز بولىدىكەن، ھۈجەيرىلەرنىڭ بۆلۈنۈش سۈرئىتى ئادەتتىكى ۋاقىتنىڭ 8 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدىكەن، تېرىنىڭ تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى ئالاھىدە كۈچىيىدىكەن. بۇ ۋاقىت جەدىۋىلىدە يەنە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ۋاقىتتا ئوزۇقلۇق ماددىلار مول بولغان تېرىنى يۇمران قىلىدىغان كەچلىك مەلھەم ئىشلىتىپ، تېرىنى ئاسراش ئۈنۈمىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇش كېرەك ئىكەن.
    ئاڭلىماققا ئاساسىي باردەك بىلىنىدىغان «تېرە بىئولوگىيىلىك سائىتى» نىڭ راستىنلا ئىلمىي ئاساسىي بارمۇ؟ ھاۋا ئارمىيە باش دوختۇرخانىسىنىڭ تېرە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى ليۇ ۋېي بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى دېدى.

    ليۇ ۋېي: ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئاتالمىش «تېرە بىيولوگىيەلىك سائەت ۋاقىت جەدىۋىلى» نىڭ ئىشەنچىلىك ئىلمىي ئاساسى يوق، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ بۇ ۋاقىت جەدىۋىلىگە ئاساسەن تېرە ئاسىرىشى تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.
    ئالدى بىلەن كەچ سائەت 11 دىن سەھەر سائەت 5 كىچە بولغان مەزگىلدە ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆسۈشى ۋە ئەسلىگە كېلىشى ئەڭ تېز بولىدۇ دېگەن قاراش تېببىي بىلىملەر بىلەن دەل ئەكسىچە. بۇ ۋاقىتتا ئادەم بەدىنى ئۇيقۇ ھالىتىگە ئۆتىدىغان بولغاچقا، ئادەم بەدىنىدىكى توقۇلما ھۈجەيرىلىرىنىڭ ماددا ئالماشتۇرىشى ئىنتايىن ئاستا بولىدۇ، تېرىنىڭ يۈز مېيىنى سۈمۈرۈش ئىقتىدارىمۇ كۈندۈزدىكىدەك كۈچلۈك بولمايدۇ.
    توردا تارقىلىپ يۈرگەن «تېرە بىيولوگىيەلىك سائەت ۋاقىت جەدىۋىلى» دە يەنە چۈشتىن كېيىن سائەت 1 دىن 3 كىچە بولغان مەزگىلدە، قان بېسىم ۋە ھورموننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى تۆۋەن بولىدۇ، بەدەن ھارغىنلىق ھېس قىلىپ، تېرىدە ئاسانلا ئىنچىكە قورۇقلار پەيدا بولىدۇ دېيىگەن بولۇپ، بۇ خىل كۆز قاراشمۇ ئوخشاشلا ئىلمىي ئاساسىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ.

    كەچ سائەت 8 دىن 11 غىچە بولغان مەزگىلدە، بەدەن ئەڭ سەزگۈرلىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، قىلدام تومۇرلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىزلاپ، قان بېسىمى تۆۋەنلەپ، بەدەن ئاسان ئىششىپ، قاناپ ۋە ياللۇغلىنىدۇ دېگەن قاراشنىڭمۇ ئىلمىي ئاساسى يوق. زىيادە سەزگۈرلۈك سەھەر ياكى كەچ بولۇش بىلەن مۇناسىۋەتسىز، بەدەن ئانافىلاكتوگېن بىلەن ئۇچراشسىلا، تېرىدە زىيادە سەزگۈرلۈك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
    بۇنىڭدىن سىرت، «ۋاقىت جەدۋىلى» دە كۆرسىتىلگەن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8 دىن 12 گىچە بولغان مەزگىلدە، تېرىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ، ياغ بېزىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىمۇ ئەڭ كۆپ بولىدۇ، شۇڭا بۇ ۋاقىتتا بەدەندىكى تۈكلەرنى ئېلىش، داغنى يوقۇتۇش، مەڭنى ئالدۇرۇش، قاشنى چەكتۈرۈش، كۆزنى سىزدۇرۇش قاتارلىق ھۆسىننى گۈزەللەشتۈرۈش تۈرلىرىنى قىلىشقا ماس كېلىدۇ دېيىشنىڭمۇ ئىلمىي ئاساسى يوق. تۈك چۈشۈرۈش، داغنى يوقۇتۇش، مەڭنى ئالدۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تېببىي ھۆسىن تۈزەشكە كىرىدىغان بولۇپ، مۇنتىزىم دوختۇرخانىلاردىكى تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمى دوختۇرلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىش، قارىغۇلارچە ئىش كۆرمەسلىك كېرەك.

    سەھەر سائەت 6 دىن 7 گىچە بولغان مەزگىلدە بەدەندىكى سۇ ھۈجەيرىگە يىغىلىپ، لىمفانىڭ ئايلىنىشى ئاستىلايدۇ دېگەن قاراش ھەقىقەتەنمۇ توغرا. چۈنكى كېچىدە ئادەم ئۇخلىغاندا ھۈجەيرىلەرنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش نىسبىتى تۆۋەن، قان ۋە سۇنىڭ ئايلىنىشى ئاستا بولۇپ، ئاسانلا قاپاقنىڭ ئىششىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، كۆز ئاسراش گىمناستىكىسىنى ئىشلىسە ياكى كۆز مەلھىمى سۈرۈش ئارقىلىق كۆز ئەتراپىدىكى قان ۋە سۇنىڭ ئايلىنىشىنى تېزلەتسە بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
    ئەگەر تېرىنىڭ بىيولوگىيەلىك سائىتىنى مۇھاكىمە قىلىش توغرا كەلسە، ئۇنداقتا بوۋاق مەزگىلدىن ياشلىق مەزگىلىگىچە، ئوتتۇرا ياش مەزگىلدىن قېرىلىق مەزگىلىگىچە بولغان ھاياتلىق دەۋرى ئۆزگىرىشىنى ھەمدە 28 كۈنلۈك ماددا ئالمىشىشنىڭ دەۋرىيلىك ئۆزگىرىشىنى مۇھاكىمە قىلسا ئەھمىيىتى ۋە رولى تېخىمۇ زور بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ