تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ئىچىملىكلەرنى راستتىنلا چۈشىنەمسىز؟

ماتېرىيال سۈرەت

    بازاردىكى كۆزنىڭ يېغىنى يەيدىغان ھەر خىل ئىچىملىكلەر نۇرغۇن ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. تاللا بازارلىرىنى ئايلانغاندا بىز دائىم يېمەكلىك ماركىلىرىغا «شېكەرسىز»، «0 ئېنېرگىيە»، «تەبىئىي مېۋە شەربىتى» دېگەندەك خەتلەرنىڭ يېزىلغانلىقىنى كۆرىمىز. ئۇلارنىڭ قانداق مەنىسىنىڭ بارلىقىنى بىلەمسىز؟

    بىرىنچى، «0 ئېنېرگىيە » دېگىنى ھېچقانداق ئېنېرگىيە قوبۇل قىلىنمايدۇ دېگەنلىكمۇ؟

    ئورۇقلاۋاتقان ياكى بەدەن ئېغىرلىقىنى چۈشۈرۈۋاتقانلار ئېنېرگىيەنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، دەل مۇشۇ خىل ئېھتىياج تۈپەيلىدىن بازاردا بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا «0 ئېنېرگىيە» لىك ئىچىملىك ۋە يېمەكلىكلەر پەيدا بولدى.

    ئېلىمىزنىڭ ئوزۇقلۇق بەلگە ئۆلچىمىدە «0 ئېنېرگىيە» لىك ئىچىملىكلەرگە قارىتا تەلەپ بار، يەنى ھەر 100 گىرام قاتتىق  يېمەكلىك ۋە سۇيۇق ئىچىملىكلەر تەركىبىدىكى  ئېنېرگىيە 17 كىلوجوئولدىن تۆۋەن بولغاندا ئاندىن ئۇنى «0 ئېنېرگىيە» لىك يېمەكلىك دېيىشكە بولىدۇ. دېمەكچى بولغىنىمىز، ئىچىملىك ماركىسىغا يېزىلغان  «0 ئېنېرگىيە» دېگەن بۇ سۆز ئىچىملىكتە ئازراقمۇ ئېنېرگىيە يوق، دېگەنلىكنى بىلدۈرمەيدۇ، بەلكى ئېنېرگىيە مىقدارىنىڭ ئازلىقىنى، ئادەم بەدىنىگە ئانچە چوڭ تەسىرىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    ئوزۇقلۇق تەركىبى «0» دېگەنلىكمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش. ئېلىمىزنىڭ بەلگە ئۆلچىمىدە، ئوزۇقلۇق تەركىبلەرنىڭ مىقدارىنىڭ تۆۋەن بولۇشى مەلۇم بىر چەككە يەتكەندە، ئېنېرگىيەسى تۆۋەن بولغاچقا، ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقىغا بولغان تەسىرى ئانچە چوڭ بولمايدۇ، مۇشۇنداق بولغاندا ئوزۇقلۇق تەركىبى «0» بولغان بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

    ئىككىنچى، «شېكەرسىز» دېگىنى تەركىبىدە ئازراقمۇ شېكەر يوق دېگەنلىكمۇ؟

    «شېكەرسىز» يېمەكلىكلەر دېگىنىمىز، يېمەكلىكلەردىكى كاربون سۇ بىرىكمىسى ياكى شېكەر تەركىبىنىڭ «0» چەك قىممىتىدىن تۆۋەن بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆرسىتىدۇ. يەنى ھەر 100 گىرام ياكى 100 مىللىلىتىر يېمەكلىك تەركىبىدىكى  شېكەر مىقدارىنىڭ 0.5 گىرامغا تەڭ ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. ئىستېمالچىلار بەلكىم ئىچىملىك تەركىبىدە شېكەرنىڭ يوقلۇقى ئېنىق تۇرسا، يەنە ئىچكەندە نېمىشقا تاتلىق بولىدۇ، دەپ قايمۇقۇپ قېلىشى مۇمكىن.  ئەمەلىيەتتە كارخانىچىلار تېخىمۇ ياخشىراق تەم پەيدا قىلىش ئۈچۈن، يېمەكلىك تەركىبىگە  شېكەرنىڭ ئورنىغا تاتلىق تەم كىرگۈزگۈچ قوشىدۇ. تاتلىق تەم كىرگۈزگۈچ يېمەكلىك خۇرۇچى ھېسابلىنىدىغان بولغاچقا، ماتېرىياللار جەدۋىلىگە ئاسپا تاتلىقلىرى، ئەنسا ھەسىلى، تاتلىق ماددا قاتارلىقلار قوشۇلغان، دەپ ئەسكەرتىپ قويۇشى كېرەك.

ماتېرىيال سۈرەت

    «شېكەرسىز» ئىچىملىك تۈرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان «تۆۋەن قەنتلىك» ئىچىملىكلەرمۇ ئىچىملىك تەركىبىدىكى كاربون سۇ بىرىكمىسى ياكى شېكەر مىقدارى تۆۋەن بولغان ئىچىملىكلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئېلىمىزنىڭ ئۆلچىمىدە ھەر يۈز مىللىلىتىر ئىچىملىك تەركىبىدىكى شېكەر مىقدارى بەش گىرامدىن تۆۋەن ياكى بەش گىرام بولسا بۇنداق ئىچىملىكلىكەر «تۆۋەن قەنتلىك » ئىچىملىكلەرگە كىرىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. ئىچىملىك سېتىۋالغاندا ئىستېمالچىلار ماركىسىغا چاپلانغان ئوزۇقلۇق جەدۋىلىدىكى شېكەر مىقدارىنىڭ تەلەپكە يەتكەن-يەتمىگەنلىكىگە قارىشى كېرەك.

ماتېرىيال سۈرەت

    « ۋىتامىن C تەركىبلىك» ياكى « ۋىتامىن C مول» دېگىنى ۋىتامىن C تەركىبى يۇقىرى دېگەنلىكمۇ؟

    ئېلىمىزنىڭ ئۆلچىمىدە « ۋىتامىن C تەركىبلىك» بولۇش ئۈچۈن ھەر 100 مىللىلىتىر ئىچىملىك تەركىبىدىكى ۋىتامىن C تەركىبىنىڭ NRV (ئوزۇقلۇق پايدىلىنىش قىممىتىنى كۆرسىتىدۇ) قىممىتى %7.5 كە يېتىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. «ۋىتامىن C مول» بولۇشنىڭ تەلىپى تېخىمۇ يۇقىرى، بۇ يەردىكى تەركىب يۇقىرىدا ئېيتىلغان تەلەپتىكى مىقدارنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. بىر بوتۇلكا ئىچىملىك ئىچكەندە بىر كۈنلۈك ئېھتىياجلىق بولغان ۋىتامىن C  نىڭ %70 ىنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ، بۇنىڭدىن ۋىتامىن C تەركىبىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    ئۈچىنچى، «%100 مېۋە شەربىتى» ئەسلىدىكى سىقىلغان مېۋە شەربىتىمۇ؟

    كۆپلىگەن ئىچىملىكلەرنىڭ ئورالمىسىغا «%100 مېۋە شەربىتى» ياكى «ساپ مېۋە شەربىتى» دېگەن خەتلەر يېزىلغان. ئەمما ماتېرىياللىرىغا ئەستايىدىل قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاساسەن سۇ ياكى مەلۇم مېۋىنىڭ قويۇلدۇرۇلغان شەربىتى قوشۇلغان دەپ يېزىلغانلىقىنى كۆرىمىز. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل مېۋە شەربىتىنىڭ توغرا ئاتىلىشى بولسا «ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن مېۋە شەربىتى» بولۇپ، ئاۋۋال مېۋە شەربىتىدىن بەلگىلىك نىسبەتتىكى سۇنى ئايرىۋېلىپ، ئاندىن قويۇلدۇرۇلغان شەربەتكە ئايلاندۇرۇشتۇر، بۇنداق قىلغاندا ساقلاشقا ۋە توشۇشقا قولايلىق بولىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ ئارىلاشتۇرۇپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن قىسىمى بىلەن ئەسلى شەربەت نىسبىتىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ ئىچىملىك تەييارلىنىدۇ. شۇڭا %100 مېۋە شەربىتى ھەرگىزمۇ ئەسلى سىقىپ تەييارلانغان ساپ مېۋە شەربىتى ئەمەس. ئۇنىڭغا شېكەر ۋە يېمەكلىك خۇرۇچلىرى قوشۇلغان بولىدۇ. ئىستېمالچىلار بازاردا يەنە «مېۋە شەربىتى ئىچىملىكى» ۋە «مېۋە تەملىك ئىچىملىك» لەرنىمۇ كۆرگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن، بۇ ئىككىسى ئوخشىمايدۇ. «مېۋە شەربىتى ئىچىملىكى» دىكى مېۋە شەربىتىنىڭ تەركىبى %10 كە يېتىدۇ. ئەمما «مېۋە تەملىك ئىچىملىك» كە شېكەر، تاتلىق خۇرۇچ، چۈچۈمەل خۇرۇچ ھەمدە يېمەكلىك مۇئەتتىرى قوشۇلۇپ تەييارلىنىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    تۆتىنچى، «قەھۋە تەملىك ئىچىملىكلەر» تەركىبىدە راستتىنلا قەھۋە بارمۇ؟

    قەھۋە ئىچىش كىشىلەرنىڭ مودا تاللىشىغا ئايلاندى، ئەمما سىز ئۆزىڭىزنىڭ قەھۋە ياكى قەھۋە تۈرىدىكى ئىچىملىكلەرنى ئىچىۋاتقانلىقىڭىزغا دىققەت قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟ ئەمەلىيەتتە، ئىككىسىنىڭ پەرقىنى ئۇنىڭ ماتېرىياللىرىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ، قەھۋەنىڭ ماتېرىيالى يەنە قەھۋە پۇرچىقى، قەھۋە تالقىنى ۋە تېز ئېرىيدىغان قەھۋە بولىدۇ. ئەمما قەھۋە تۈرىدىكىلەرنىڭ ماتېرىياللىرى ئۇنداق بولمايدۇ. ئۇنىڭغا شېكەر، ئۆسۈملۈك مېيى، ئۈزۈم قەنتى قىيامى، يېمەكلىك خۇرۇچى قوشۇلۇپ تەييارلىنىدۇ، شۇڭا تەمى تېتىشلىق، پۇرىقى ئۆزگىچە بولىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ