شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4-ئاينىڭ 11-كۈنى تېلېگراممىسى. قانداق قىلغاندا كارخانىلارنى ھەرۋاقىت «ئۆزىنىڭ كىملىكىنى» ئىسپاتلاتقىلى بولىدۇ؟ مۇخبىرنىڭ 4-ئاينىڭ 11-كۈنى دۆلەتلىك بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، مەملىكەت بويىچە يان تېلېفوندا ئېلېكتىرونلۇق تىجارەت كىنىشكىسىنى ئىشلىتىشنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق، تىجارەت كىنىشكىسىنى ئىشلەتكۈچىنىڭ سالاھىيىتى ۋە كىنىشكىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ھەرۋاقىت تەكشۈرۈشكە بولىدىكەن، ھازىر تيەنجىن شەھىرى، جياڭسۇ ئۆلكىسىدە نۇقتىدا سىناق قىلىنىۋېتىپتۇ.
ئېلىمىزدە بۇلتۇر ئېلېكتىرونلۇق تىجارەت كىنىشكىسى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ھەق ئالماسلىق پىرىنسىپىدا تارقىتىلغان ئىدى. ئېلېكتىرونلۇق تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا مەملىكەت بويىچە ئورتاق قوللىنىلىدۇ، دۆلەتلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئىشەنچلىك مەنبەدە بازار سۇبيېكتىنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاش سىستېمىسىنى ئورناتقان بولۇپ، يان تېلېفونغا چۈشۈرۈلگەن ئېلېكتىرونلۇق تىجارەت كىنىشكىسىدا مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن نۇسخا يولغا قويۇلغان ، بۇ قەغەزلىك تىجارەت كىنىشكىسى بىلەن ئوخشاش قانۇنىي كۈچكە ئىگە، بۇ ئارقىلىق ھەرۋاقىت كارخانىنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ، تىجارەت كىنىشكىسىنى كۆرمەيلا بېجىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
تىجارەت كىنىشكسى بازار سۇبيېكتىنىڭ «كىملىكى»، بۇنى كارخانىلارنىڭ توختام ئىمزالىشى، ئالاقىدار تۈرلەرنى ئىلتىماس قىلىشى، تەستىقلىتىشى، گۇۋاھلىق بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشى، پاتېنت، ماركا، بانكا ھېساباتى ئېچىشى قاتارلىقلاردا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، يەنە كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ چەت ئەلگە چىقىش ۋىزىسىنى بېجىرىش، پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىش، ئۆي سېتىۋېلىش، قەرز ئېلىش، تۇرۇش كىنىشكىسى بېجىرىش قاتارلىق ئىشلارغىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئالاقە تورى مۇھىتىدا بىرلىككە كەلگەن، قېلىپلاشقان، نوپۇزلۇق بازار سۇبيېكتىنى ئىسپاتلاش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، كېيىنكى قەدەمدە ئېلېكتىرونلۇق تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ «ئالاقە تورى+ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى» ۋە «ئالاقە تورى+ئېلېكتىرونلۇق سودا» دىن ئىبارەت يېڭى قوللىنىشچان ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، ئېلېكتىرونلۇق تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ رايون، دەرىجە، تارماق ئاتلاپ ئۆزئارا ئىسپاتلاش، بەھىرلىنىش مېخانىزمى بەرپا قىلىنىپ، كارخانىلارنىڭ يان تېلېفون ئارقىلىقلا «بىر كىنىشكا بىلەن ھەممە جايغا بېرىشى» ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن.