تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

لياڭ دۇڭ: ھۈنەر روھى ئارقىلىق جۇڭگو ياسىمىچىلىقىغا كۈچ چىقىرايلى

   شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: « يېڭى مۇساپە ، ئۇلۇغ ئارزۇلار ئۈچۈن ئالغا» لياڭ دۇڭنىڭ خاتىرىسىدە يۇقارقى سۆزلەر يېزىلغان ئىدى.

   بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ئالاھىدە تىرانسفورماتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»نىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى، 20 مىڭدىن ئارتۇق كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەر كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق باش شۇجى شى جىنپڭنىڭ  مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگەندى. مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھى سېخ، ئىسمېنا-گۇرۇپپىلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

   لياڭ دۇڭ بولسا ئالاھىدە تىرانسفورماتور سانائىتى شىركىتىنىڭ شىنجاڭ تىرانسفورماتور زاۋۇتى پەۋقۇلئاددە يۇقىرى بېسىملىق مەركىزىي سىم ئوراش سېخىنىڭ مۇدىرى، ئۇ ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 9 دا سېخقا دەل ۋاقتىدا كېلىپ بولىدۇ، ئۇ: ھەممەيلەن كاتۇشكا ترانسفورماتورنىڭ «يۈرىكى» دەيدۇ، كاتۇشكىنىڭ سۈپىتى ترانسفورماتورنىڭ ئۆمرىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، بۇ خىزمەتچىلەرنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە كەسپىي سەۋىيەسىگە نىسبەتەن بىر خىل سىناق، دېدى. ئۇنىڭ خىزمەتتىكى ھالىتى ناھايىتى ئەستايىدىل ئىدى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دە، لياڭ دۇڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا سۈپەت تەكشۈرۈش ۋە كەسپىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك خىزمىتى ئېلىپ بېرىۋاتاتتى، ئۇ مۇنداق دېدى : بىز ھەركۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئەتىگەنلىك يىغىن ئاچىمىز، ئالدىنقى بىر نەچچە كۈن ئالاھىدە تىرانسفورماتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش بۆلۈمى مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»نىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى، سېخ چوڭ ئېكرانىدا مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»نىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشقا ئائىت ئۇچۇرلار كۆرسىتىلدى، ھەر سەيشەنبە كۈنى بىز خىزمەتچىلەرنى يەنە ئۆگىنىشكە تەشكىللەيمىز.

     باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېگەن، «بەخت كۈرەشتىن كېلىدۇ»، « يېڭى دەۋر بولسا كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ دەۋرى». لياڭ دۇڭ: بۇ بىزدەك بىرىنچى سەپتە كۈرەش قىلىۋاتقان خىزمەتچىلەرگە چوڭقۇر ئىلھام بولدى، بۇ بىر نەچچە كۈندە ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا سېختىكى خىزمەتداشلارنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى مۇنازىرە قىلىۋاتقانلىقىنى داۋاملىق ئاڭلاپ تۇردۇق،-دېدى.

    «يېڭى مۇساپە ، ئۇلۇغ ئارزۇلار ئۈچۈن ئالغا »، بۇ لياڭ دۇڭ دائىم ئۆزىگە ئىلھام بېرىدىغان سۆز، ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى : جۇڭگونىڭ گۈللەپ تەرەققىي قىلىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە، مىللەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاچقۇچى بولسا بىز ياشلاردا. خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا، بىز مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»نىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزىمىزنىڭ بۇرچ تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كارخانىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشىشىمىز كېرەك.

   لياڭ دۇڭ ئادەتتىكى ئىشچىدىن «تېخنىكا ماھىرى»شۇنداقلا سېخ مۇدىرى بولۇشقىچە ئۆگىنىشنى ئىزچىل ئۇنتۇپ قالمىدى. ئۇ مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەنگەندىن كېيىن، ھەر سەيشەنبە كۈنىدىن پايدىلىنىپ سېختىكى خىزمەتچىلەرگە يىغىن روھىنى تەشۋىق قىلدى، ئۇ مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان«يېڭىلىق يارىتىشتىكى تۈرتكە» دېگەن مەزمۇنغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ: دۆلىتىمىز ياسىمىچىلىقتا چوڭ دۆلەت بولسىمۇ، مەھسۇلات سۈپىتى، تېخنىكا سەۋىيەسىنى يەنىلا يۇقىرى كۆتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئېھتىياجلىق. بىرىنچى سەپتىكى ئىشچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز چوقۇم پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەلەپنى قاتتىق قويۇپ، ھۈنەر روھى ئارقىلىق جۇڭگو ياسىمىچىلىقىغا كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك،-دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ