شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 4-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، شۇ كۈنى تاموژنا باش مەھكىمىسى تاموژنا ئېكسپورت مېلىنى تاموژنىغا مەلۇم قىلىش تالون ئىسپاتىنى بېسىشنى ئومۇميۈزلۈك بىكار قىلغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلغان.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ بۇ ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلىشى تاموژنىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مەشغۇلاتىنى قەغەزسىزلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قەغەز تالونلارنىڭ قولدىن-قولغا ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئازايتىپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان. 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى (4-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دىن كېيىن تاموژنا توشۇش باشلانغان پورتلاردا باج قايتۇرۇش سىياسىتى يولغا قويۇلۇپ، ئېكسپورت قىلىنىدىغان ماللارغا ئەمدى ئېكسپورت مېلىنى تاموژنىغا مەلۇم قىلىش تالون ئىسپاتى تارقىتىلمايدىكەن.