تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

لەۋزىدە تۇرمىغانلار باھالاشقا قاتناشسا بولمايدۇ

    يېقىندا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق تارماقلار بىرلىكتە لەۋزىدە ئېغىر تۇرمىغان بىر قانچە سۇبيېكتلارغا بىرلىكتە جازالاشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئەسلەتمىنى ئېلان قىلدى، بۇ ئۆيلىنىشقا تىزىملىتىش، خەير-ساخاۋەت ئىئانىسى، ئائىلە مۇلازىمىتى، جامائەت بايلىقى سودىسى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، يەنە بەلگىلىك مۆھلەت ئىچىدە لەۋزىدە ئېغىر تۇرمىغانلارنىڭ پويىز، ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشىنى مۇۋاپىق چەكلەش توغرىسىدىكى پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، لەۋزىدە تۇرمىغانلارنىڭ كۈنى بارغانسېرى تەسلىشىدىغان بولدى.
    ئەگەر سىز ئۆيلىنىشكە تىزىملىتىشتا لەۋزىڭىزدە ئېغىر تۇرمىغان بولسىڭىز، ئەخلاق نەمۇنىچىسى قاتارلىق باھالاشلارغا قاتنىشىشىڭىز چەكلىنىدۇ. «ئەسلەتمە» گە ئاساسەن، ئۆيلىنىشكە تىزىملىتىشتا لەۋزىدە ئېغىر تۇرمىغان دەۋالاشقۇچىلار ئەخلاق نەمۇنىچىسى،  «4-ماي» ياشلار مۇكاپاتى، «8-مارت» قىزىل بايراقدارى، مەملىكەتلىك بەشتە ياخشى مەدەنىي ئائىلىلەر، ئەڭ گۈزەل ئائىلە قاتارلىقلارنى باھالاشقا قاتنىشىشى چەكلىنىدۇ، بۇ شان-شەرەپكە ئېرىشكەنلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.
    ئائىلە مۇلازىمەت ساھەسىدە لەۋزىدە تۇرمىغانلارنىڭ تەرتىپ بويىچە شەرەپ نامى دەل ۋاقتىدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى كېرەك. جازالاش ئوبيېكىتلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر بولۇپ باھالىنىش سالاھىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، جازالاش ئوبيېكىتلىرىغا «مەدەنىي ئورۇن»، «ئەخلاق نەمۇنىچىسى»، «ئەمگەك نەمۇنىچىسى»، «1-ماي» ئەمگەك مۇكاپاتى قاتارلىق شەرەپلەر بېرىلمەيدۇ.
    مۇناسىۋەتلىك «ئەسلەتمە» گە ئاساسەن، خەير-ساخاۋەت ئىئانە ساھەسىدە لەۋزىدە تۇرمىغانلارنىڭ شەرەپ نامى ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشىشى چەكلىنىدۇ، شەرەپ نامى ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشىپ بولغانلارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. جامائەت بايلىقى سودىسى ساھەسىدە لەۋزىدە تۇرمىغانلارنىڭ، تەرتىپ بويىچە مۇناسىۋەتلىك تەقدىرلىنىشى ۋە مۇكاپاتلاشقا ئېرىشىشى دەل ۋاقتىدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. ئىلغارلارنى باھالاش، مۇنەۋۋەرلەرنى باھالاش سالاھىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ