تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىمەن

  تولى ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى ئېلمۇرات رىزابېك

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـــ شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنىڭ ئۇل تېشى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئورتاق قەدىرلەيدىغان بىباھا گۆھەر. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز قوينىدىن ئايرىپ چىقىشقا ئۇرۇندى، ئۇلار دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقاتتى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى پەيدا قىلدى، ئۇلارنىڭ قىلمىشى ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئاساسىي ئەخلاق مىزانىغا خىلاپ بولۇپ، ئىنسانىيەتكە قارشى، جەمئىيەتكە قارشى، مەدەنىيلىككە قارشى رەزىل قىلمىش، ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان، شىنجاڭنى قىزغىن سۆيىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەيدىغان ھەرمىللەت خەلق بۇنىڭدىن يىرگىنىدۇ. شىنجاڭدا مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ، مۇقىملىق بولمىسا ھەممىسى نۆلگە تەڭ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلىغاندىلا، چېگرا رايوننى مۇستەھكەملەش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ، ھەرمىللەت خەلق خاتىرجەم ياشىيالايدۇ.

  پارتىيە ئۇزاق يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەرقانداق زامان، ھەرقانداق ماكاندا، مەن پارتىيەگە بولغان تولۇپ تاشقان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئارزۇسىنى، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلققە بولغان چەكسىز مېھىر – مۇھەببەتنى باشتىن – ئاخىر ساقلاپ كەلدىم. مەن بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ سىناقلىرىدا، مەيدانىمدا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنىدىغان بارلىق سۆز – ھەرىكەتلەرگە قارشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن، باشقىلارنىڭ ھەرمىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمەن. چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈشى ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشى ئالدىدا، ھەر ۋاقىت كاللامنى سەگەك تۇتۇپ، يۈكسەك ھوشيار بولۇپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىمنى باشتىن – ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەگە مەڭگۈ مۇتلەق سادىق بولىمەن؛ سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىمەن؛ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ياخشى باشلامچى، ئۈلگە بولۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن.

  ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمەن. پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىنى، شۇنداقلا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىمەن. ھەرمىللەت ئاممىنى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ رەزىل ماھىيىتىنى تولۇق تونۇشقا يېتەكلەپ، تەربىيەلەپ، ئىزچىل سەگەك بولۇپ، يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ قۇتراتقۇلۇقىغا، ئىغۋاسىغا ئاڭلىق تاقابىل تۇرۇپ، ئىغۋاغا ئىشەنمەيمەن، ئىغۋا تارقاتمايمەن، ئالدانمايمەن، چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە، باشتىن – ئاخىر تونۇشتا مۈجمەل بولماي، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولماي، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەي، بايرىقىم روشەن ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى كۈچلۈك قوغدىغۇچى بولىمەن.

  پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى تۇرۇشتا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش بايرىقىنى ھەر ۋاقىت ئېگىز كۆتۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تەپتىش كەسپىي خىزمىتىگە سىڭدۈرۈپ، قىلچە تەۋرەنمەي ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم – كوتسىز، ئۆزگەرتمەي ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە باتۇرلۇق بىلەن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ