گۇچۇڭ ناھىيەسى گۇچۇڭ بازارلىق پارتكومنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ كادىرى شۆھرەت
يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن يازغان ‹‹ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب›› ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت كادىرلار، ئامما داۋاملىق دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى. دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى قەلبىمگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى، مەنمۇ شۇنداق خىتاب قىلىمەنكى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىپ، پارتىيە بىزگە يارىتىپ بەرگەن تىنچ، ئىناق، بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى قوغدايمەن.
كىچىكىمدىنلا ئوقۇتقۇچىلىرىم، ساۋاقداشلىرىم، دوستلىرىم ئىچىدە ئۇيغۇرمۇ، خەنزۇمۇ، خۇيزۇمۇ، قازاقمۇ بار ئىدى، بىز تۇرمۇشتا، ئۆگىنىشتە، خىزمەتتە بىللە بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق، خۇشال – خۇرام ئۆتەتتۇق. مەن 2008 – يىلى شىنجاڭ ساقچى – ئوفىتسېرلار ئالىي تېخنىكومىنى پۈتكۈزۈپ، 2012 – يىلى ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ، مەمۇرلار قوشۇنىغا كىردىم، پارتىيەنىڭ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشى بولغاچقىلا، توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزدۇم، مەن ئۆزۈمنىڭ كومپارتىيە ئەزاسى بولغانلىقىمدىن ناھايىتى پەخىرلىنىمەن.
ھازىر پارتىيەنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە تۇرمۇشىمىز بەختلىك، خاتىرجەم ئۆتمەكتە، ھەرمىللەت ئامما پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىدىن بەھرىلەنمەكتە، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان، كېسەللەر داۋالىنالايدىغان بولدى، ئۆيى يوقلارنىڭ ئۆيى بار بولدى. ھالبۇكى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز قوينىدىن ئايرىپ چىقىشقا ئۇرۇنۇپ، ھەرمىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، بىز بۇنىڭغا ھەرگىز قوشۇلمايمىز، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمىز.
پارتىيە ئۇزاق يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مېنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قەتئىي قوغداش مەسئۇلىيىتىم، مەجبۇرىيىتىم بار، مەن مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى كۈرەشتە زەربىدارلىق بىلەن ئاتاكىغا ئۆتۈپ، ئاممىنى يېتەكلەشتە ئۈلگە بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، سىياسىي مەسئۇلىيەت سۈپىتىدە چىن قەلبىمدىن ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خاتا كۆز قاراش ۋە خاتا خاھىشلارغا باشلامچىلىق بىلەن رەددىيە بېرىپ، كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغان بولۇۋېلىپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىدىغان ئىشلارنى ھەرگىز قىلمايمەن؛ كۆكرەك كېرىپ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىمەن. ئۈلگىلىك رولۇمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىگە پائال ئاتلىنىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئاۋانگارتى بولۇپ، ھەرمىللەت ئامما بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئورتاق قوغداپ، بارلىق بۆلگۈنچىلىك سۆز – ھەرىكەتلىرىگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ، گۈزەل يۇرت – ماكانىمىزنى قەتئىي قوغدايمەن.