تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداپ، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرىمەن

  ئاقسۇ شۆبە تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش تەپتىش ئەنۋەر كەنجى

  تەپتىش ئورگىنىدا خىزمەت قىلىدىغان پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ھەقىقىي يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىنى ياخشى ئېتىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

  ھازىرقى ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن›› ئالاھىدە مەزگىلدە، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز قوينىدىن ئايرىپ چىقىشقا ئۇرۇنۇش سۇيىقەستىنى توختاتمىدى، ئۇلار ئۈزلۈكسىز پۇرسەت ئىزدەپ، بىزنىڭ گۈزەل، ئىناق تۇرمۇشىمىزغا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىپ، كىشىلەر قەلبىنى پاراكەندە قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ جىنايى مەقسىتىگە يېتىشكە ئۇرۇندى. كادىرلار قوشۇنىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر تېخىمۇ چوڭقۇر يوشۇرۇنىدۇ، بۇ، بىز دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى مەسىلە، خىزمىتىمىزگە قويۇلغان يېڭى تەلەپ. بىز جىنايەتكە زەربە بېرىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش يولىدا يىپ ئۇچىنى چىڭ تۇتۇپ، قاتتىق تەكشۈرۈپ، چوڭقۇر قېزىپ، بالدۇر، كىچىكىدىلا زەربە بېرىپ، مەسىلىلەرنى قەتئىي بىخ ھالىتىدە بىر تەرەپ قىلىشىمىز كېرەك. ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىشىمىز، دائىم ھوشيار بولۇشىمىز، يۇمشاق قوللۇق قىلماي قاتتىق زەربە بېرىشىمىز، قەتئىي بوشاڭلىق قىلماي ئالدىنى ئېلىشىمىز، ئۇلاپ جەڭ قىلىپ، بىر نۇقتا – بىر نۇقتىدىن تۇتۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قىلچە تىنغۇدەك پۇرسەت بەرمەي، ئۇلارنى خەلق ئۇرۇشىنىڭ بىپايان دېڭىزىغا غەرق قىلىشىمىز كېرەك.

  پىروكۇراتور بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش، قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش بۇرچۇمنى، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىمنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنى خاتىرجەم قىلىدىغان كادىر بولۇپ، خىزمىتىمنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ھەربىر دېلونى ئەستايىدىل، ياخشى بېجىرىپ، كەسپىي جەھەتتە تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇپ، تۇرمۇش جەھەتتە ئۆزۈمگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئاممىغا قىزغىن مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرىمەن.

  مەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش يولىدا جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەيمەن. دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى دەپسەندە قىلىشقا رۇخسەت يوق، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا رۇخسەت يوق، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلكىنى زىيانغا ئۇچرىتىشقا رۇخسەت يوق، مانا بۇ مېنىڭ ئەسلىي مەقسىتىم، بۇرچۇم، كۈرەش نىشانىم، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىم.

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى بىزگە ئىناق جەمئىيەت، گۈزەل تۇرمۇشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى سۈرەتلەپ بېرىپ، بىزگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغدايدىغان قەھرىمان جەڭچى بولۇپ، ئۆز ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ھەرمىللەت ئاممىنى يېتەكلەپ، تەشكىللەپ، ئىناقلىقنى، تىنچلىقنى ئورتاق قوغداپ، ۋەتەننىڭ چېگراسىنى قوغداپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ