تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

بايرىقىم روشەن، مەيدانىم مۇستەھكەم ھالدا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئالىمەن

  شەرقىي جۇڭغار ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى جياڭجۈنمياۋ خىزمەت باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى، ئىقتىساد تەرەققىيات ئىدارىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى سادىق سەمەت

  پارتىيەگە كىرىش قەسىمىمنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاپ، كاللامنى ھەر ۋاقىت سەگەك تۇتۇپ، ھەر ۋاقىت يۈكسەك ھوشيار بولۇپ، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش›› تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، بايرىقىم روشەن ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، پارتىيەگە باشتىن – ئاخىر قەتئىي سادىق بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشىمەن.

  بايرىقىم روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىمەن. سىياسىي نەزەرىيە ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، سىياسىيدا زېرەك ئادەم بولىمەن. سىياسىي مەيداننى مۇستەھكەملەشنى بىرىنچى تەلەپ قىلىپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن. توغرا يۆنىلىشنى ئىگىلەش، سىياسىي ئىرادىنى ساقلاش، سىياسىي خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىمنى، ھەق – ناھەقنى ئايرىش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىمنى ئۆستۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىمنى ۋە ئۇنىۋېرسال ساپايىمنى ئاشۇرۇپ، مەيلى سەھنىدە بولسۇن، ياكى سەھنىدىن چۈشكەندە بولسۇن، ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا، ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن بولسۇن ھەرگىز خاتا قاراشتىكىلەر بىلەن بىر ئېقىندا ئاقمايمەن، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇش سىياسىي پەزىلىتىمنى قەتئىي ساقلايمەن.

   مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ، مۇقىملىقنى قوغدايمەن. ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن›› ئالاھىدە مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممەمگە ئېلىپ، خاتا قاراشلارغا قەتئىي تاقابىل تۇرۇپ، ماڭا مۇناسىۋەتسىز دەپ كارى بولمايدىغان ياخشىچاقلىق ئىدىيەسىنى، كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالىدىغان پاسسىپ ئىستىلنى قەتئىي تۈگىتىپ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، خاتا ئىدىيە، خاتا قاراشلارغا قارشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن، ھەققانىيەت سادايىم، بىردەك قەدىمىم ئارقىلىق بارلىق بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەلىرى ۋە سۆز – ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولىمەن. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى خىزمەت ئورنۇمغا قويۇپ، مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئېتىپ، ھالقىلىق پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئاتاكىغا ئۆتۈپ، بەرداشلىق بېرىپ، غەلىبە قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشقا بارلىق ئەقىل – پاراسىتىم ۋە كۈچۈمنى بېغىشلايمەن.

  جان – دىلىم بىلەن ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرىمەن. ئاممىغا تەربىيە بېرىش، ئاممىنى تەشكىللەش، ئاممىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئورتاق قوغداشقا سەپەرۋەر قىلىشتىن ئىبارەت مۇھىم مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، ئاممىنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئېجىل – ئىناق ئۆتۈشكە، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز – ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ