تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

«ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر بىزنىڭ ئورتاق دۈشمىنىمىز

كۆكتوقاي ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جارقىن رىشات

   يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان بىر قاتار ئېتىبار سىياسەتنى يولغا قويدى، ھەر مىللەت ئامما بۇنىڭدىن نەپ ئېلىپ، تېخىمۇ ياخشى مائارىپقا، تېخىمۇ مۇقىم خىزمەتكە، تېخىمۇ رازى بولغۇدەك كىرىمگە، تېخىمۇ مۇكەممەل ئىجتىمائىي كاپالەتكە ئىگە بولدى. ئەمما «ئۈچ خىل كۈچ» «مىللەت» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، «دىن» تونىغا ئورىنىۋېلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان زور رېئال خەۋپكە ئايلاندى.

   «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە تۇتۇق پوزىتسىيە تۇتۇپ، تىلى بىلەن دىلىنى، ئىچى بىلەن تېشىنى بىردەك قىلمىدى، ھەتتا «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن تىل بىرىكتۈردى، ئۇلار تېخىمۇ خەتەرلىك، ئۇلارنىڭ زىيىنى تېخىمۇ ئۇزاق داۋاملىشىدۇ، تېخىمۇ ئېغىر. مەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باشتىن- ئاخىر پارتىيەنى قەلبىمدە ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ، بىرىنچى سالاھىيىتىمنىڭ كومپارتىيە ئەزاسى، بىرىنچى مەسئۇلىيىتىمنىڭ پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، بىرىنچى نىشانىمنىڭ خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەش ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلايمەن. سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىشنى ھاياتىم دەپ بىلىپ، بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىش خىزمىتىدە باشلامچىلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق قىلمىشلىرىنى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، زوراۋان- تېررورچىلارغا، مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە ۋە دىن ئەسەبىيلىرىگە ھېچقانداق پۇرسەت بەرمەيمەن، پارتىيە ئىنتىزامىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان ئالاھىدە پارتىيە ئەزاسىنىڭ بولۇشىغا يول قويماي، ئىنتىزامنى يۇقىرى بېسىملىق توك سىمىغا ھەقىقىي ئايلاندۇرىمەن.

   ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە بايراقنى كۆتۈرۈپ، زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، باشلامچى بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتا تارقاتقۇچى، ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچى ۋە ئۈلگە بولۇپ، ئائىلە ئەزالىرى چەمبىرىكى، ئۇرۇق- تۇغقانلار چەمبىرىكى، ساۋاقداشلار چەمبىرىكى، دوستلار چەمبىرىكىنى يېتەكلەپ ۋە ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۈزلۈكسىز ئاكتىپ كۈچ تارقىتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت»ىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى ئېتىش كېرەك.

   شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى كەم- كوتسىز ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، قەتئىي ئېغىشماي باش نىشاننى قەلبىمگە پۈكۈپ، چىڭ تۇتۇپ، زىممەمگە ئېلىپ، ھەرىكىتىمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي بەل قويۇۋەتمەيدىغان پوزىتسىيە، «تاغدا يولۋاس بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ تاغقا چىقىدىغان» جاسارەت بىلەن يېڭى دەۋردە تېگىشلىك تۆھپە قوشۇپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۈمىدىنى قەتئىي ئاقلايمەن.

   شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، تەڭ كۈچ چىقىرىپ، ئورتاق تىرىشىپ، ئۇيۇل تاشتەك ئۇيۇشساقلا، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى جەزمەن بەرپا قىلالايمىز، شىنجاڭ چوقۇم تېخىمۇ ئىتتىپاق- مۇقىم، تېخىمۇ ئاۋات- باي بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ