تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

قەھرىمان قۇربانلارنى ھۆرمەتلەپ، مەنىۋى ماكانىمىزنى قوغدايلى

  — «مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن. قەھرىمان قۇربانلار شەجەرىسى» ئىستونىنىڭ ئېچىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  تارىخ ئاسمىنىدا، قەھرىمان قۇربانلار يۇلتۇز كەبى نۇر چېچىپ، كۆزنى چاقنىتىپ تۇرىدۇ.

  ئۇزاق تارىخىي مۇساپىدە، سانسىزلىغان ئەزىمەتلەر ئالدىنقىلار يىقىلسا، كېيىنكىلەر ئىزىنى بېسىپ، مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش، دۆلەتنى بېيىتىپ قۇدرەت تاپقۇزۇش، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پىداكارلىق بىلەن ئۆزىنى بېغىشلىدى، ئۇلار غايىسىنى ئىسسىق قېنى بىلەن سۇغۇرۇپ، ئېتىقادىنى ھاياتى ئارقىلىق قوغداپ، سانسىزلىغان ئۆچمەس ئابىدىلەرنى تىكلىدى. خەلق گېزىتى 4- ئاينىڭ 6- كۈنىدىن باشلاپ «مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن. قەھرىمان قۇربانلار شەجەرىسى» ئىستونىنى ئېچىپ، قەھرىمان قۇربانلارنىڭ پىداكارلىق بىلەن ئۆزىنى بېغىشلاشتەك شانلىق ئىش - ئىزلىرى ۋە ئۆمۈر بويى تىرىشىپ كۈرەش قىلىشتەك يۈكسەك روھىنى، قەھرىمان قۇربانلارنى خاتىرىلەش ئەسلىھەلىرىنى ياخشى قوغداش ھەققىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلەرنى، قەھرىمان قۇربانلار ئەۋلادلىرىنىڭ ياخشى ئائىلە ئىستىلى ھەم ئۇلارنىڭ يۇرتىدىكى تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەرنى تولۇق خەۋەر قىلىدۇ.

  قەھرىمانلارنى ھۆرمەتلەش ئىنسانلاردىكى ئەڭ چوڭقۇر ھېسسىيات، قەھرىمانلار مىللەتنىڭ ئەڭ يارقىن بەلگىسى. مىللەت ۋە دۆلەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، قەھرىمانلار تارىخنىڭ مۇھىم ئىپادىسى، مىللەت روھىنىڭ مۇھىم مەنبەسى، ئۇلار ئەڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق. «قەھرىمانى يوق مىللەت بەختسىز مىللەتتۇر، قەھرىمانى بار، ئەمما قەھرىماننى ھۆرمەتلەش ۋە قەدىرلەشنى بىلمەيدىغان مىللەتنى قۇتقۇزغىلى بولمايدۇ». جاھانغا نەزەر سالساق، دۇنيادا ئۆز قەھرىمانلىرىنى قوغدىمايدىغان ۋە ھۆرمەتلىمەيدىغان دۆلەت ياكى مىللەت يوق، ھەرقايسى دۆلەتلەر، ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆز قەھرىمانلىرىنى ھۆرمەتلەيدۇ، دۆلىتىمىز تېخىمۇ شۇنداق. مەيلى خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارى ئورنىتىش، قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنى تەسىس قىلىش ياكى قانۇن قورالى ئارقىلىق قەھرىمان قۇربانلارنى قوغداش بولسۇن، ھەممىسىدە كىشىلەرنىڭ قەھرىمان قۇربانلارنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقى ۋە ياد ئېتىدىغانلىقى ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ.

  ۋاھالەنكى، بىر مەزگىلدىن بۇيان، جەمئىيەتتە قەھرىمان قۇربانلارغا «داغ تەگكۈزىدىغان» خاھىش پەيدا بولۇپ، تارىخىي ئىنكارچىلىق ئىدىيەۋى ئېقىمى باش كۆتۈرۈپ قالدى. بەزىلەر «تارىخ ئۈستىدە ئويلىنىش»، «فورما ئالماشتۇرۇش» قاتارلىق ناملار بىلەن سۇبيېكتىپنى ئوبيېكتىپنىڭ ئورنىغا، تەسەۋۋۇرنى تارىخىي رېئاللىقنىڭ ئورنىغا، ئۇششاق ئىشلارنى پۈتۈن گەۋدىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، ھەدەپ دېلو ئاغدۇرۇۋاتىدۇ. بەزىلەر ھەتتا «ليۇ خۇلەن بەك كىچىك تۇرسا، ئۇنىڭ ئىنقىلابقا قاتنىشىشى مۇمكىن ئەمەس»، «چيۇ شاۋيۈننىڭ يېلىنجاپ كۆيۈۋاتقان ئوت ئىچىدە قىلچە مىدىرلىماسلىقى مۇمكىن ئەمەس» دەپ بىلجىرلاۋاتىدۇ، بەزىلەر لېي فېڭنى «بەك ساختا» دەپ قارىلاۋاتىدۇ... خىلمۇخىل ئاجايىپ- غارايىپ پەتىۋالار جەمئىيەتتىكى جامائەت پىكرىگە ئېغىر سەلبىي تەسىر كۆرسەتتى. بۇ ئىدىيەۋى ئېقىملار تارىخنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەمەس، بەلكى تارىخنى بۇرمىلاش؛ تارىخىي رېئاللىقنى بايقاش ئەمەس، بەلكى ئاق- قارىنى ئاستىن- ئۈستۈن قىلىش؛ ئىلمىي تەتقىقات ئەمەس، بەلكى يامان غەرەزدە بولۇش، ئەمەلىيەتتە ئۇلار تارىخ سېپىلىنىڭ «خىش»ىنى بىر- بىرلەپ كولاپ، يۈكسەكلىكنى ئىنكار قىلىپ، ئىنقىلابنى يوققا چىقىرىپ، ھەق- ناھەقنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلماقتا.

  تارىخىي ئىنكارچىلىقنىڭ مەقسىتى ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى ئىنكار قىلىشتىن ئىبارەت. ئەگەر تارىخىي ئىنكارچىلىقنىڭ يامراپ كېتىشىگە، قەھرىمان قۇربانلارغا خالىغانچە ھۇجۇم قىلىدىغان سۆز- ھەرىكەتلەرگە يول قويىدىغان بولساق، مۇقەررەركى، كىشىلەرنىڭ مىللەت ئېڭى، دۆلەت تونۇشى يوقىلىپ، سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيە زەربىگە ئۇچرايدۇ. ئالدىنقىلاردىن ساۋاق ئالىدىغان بولساق، لېنىن، سىتالىننى ئىنكار قىلىشتىن سوۋېت كومپارتىيەسىنىڭ تارىخى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تارىخىنى ئىنكار قىلىشقىچە، تارىخىي ئىنكارچىلىق ئەينى چاغدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىدا بەك بازار تېپىپ، جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلغان قەھرىمان قۇربانلارغا قارا چاپلاش ۋە ئۇلارنى ھاقارەتلەش «مودا»غا ئايلانغان، نەتىجىدە، تارىخىي ئىنكارچىلىق ئۆتمۈشنى ماختاپ، ھازىرنى سۆكۈشنى، ئىدىيە مالىمانچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنى ھالاك قىلىدىغان مۇھىم جارچىغا ئايلىنىپ قالغان. تارىختىكى ئېچىنىشلىق ساۋاقلار بىزگە ھەر ۋاقىت ھوشيار تۇرۇپ، تارىخىي ئىنكارچىلىققا بايرىقىمىز روشەن ھالدا قارشى تۇرۇپ، قەھرىمانلارنى ھاقارەتلەشكە، ئۇلارغا داغ تەگكۈزۈشكە ھەرگىز يول قويماسلىقنى قايتا- قايتا ئەسكەرتىدۇ!

  «ھەممە ئالغا قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ، ئەمما بېسىپ ئۆتكەن يولىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك؛ قانچىلىك يىراققا كەتسەكمۇ، قانچىلىك شانلىق كەلگۈسىگە يەتسەكمۇ، ئۆتمۈشىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك». تارىخ ھامان تارىخ، پاكىت ھامان پاكىت، ھەرقانداق كىشى ئۇنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. تارىخىي ئىنكارچىلىقنى توسۇش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشتا، ماتېرىيالىزملىق تارىخ قارىشى ئارقىلىق تارىخنى تونۇپ ۋە بايان قىلىپ، ماركسىزم ئارقىلىق تارىخ تەتقىقاتىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، تارىخنى توغرا تونۇپ، ئۆتمۈشنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى كۆرۈپ، ئورتاق مەنىۋى ماكانىمىزنى ياخشى قوغدىيالايمىز. قەھرىمان قۇربانلارنىڭ روھى ۋە توغرا ئىجتىمائىي كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە قەھرىمان قۇربانلارنى خاتىرىلەيدىغان، ياد ئېتىدىغان، ھۆرمەتلەيدىغان، ئۇلاردىن ئۆگىنىدىغان مەردانە خىسلەت ۋە قويۇق كەيپىيات يارىتىپ، قۇدرەتلىك ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى ۋە يېتەكلەش كۈچىگە ئىگە سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيە بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچنى ئۇرغۇتايلى.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4- ئاپرېل تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ