دۆربىلجىن ناھىيەسى دۆربىلجىن بازىرى چاۋنەن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئەھەتجان جۈمە
مەن «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ رەزىل قىلمىشلىرىدىن قاتتىق نەپرەتلىنىمەن، ئۇلار «مىللەت»، «دىن» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، قارىسىغا سۆزلەپ، ھەق- ناھەقنى ئاستىن- ئۈستۈن قىلىپ ئاممىنى ئالدىدى، تارىخ ۋە پاكىتنى بۇرمىلاپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە ئارازلىق سېلىپ، بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولۇپ، ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ئىناق، تىنچ تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ناھايتى زور خەۋپ ئېلىپ كەلدى. «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ قانلىق جىنايى قىلمىشى شۇنى يەنىمۇ ئىسپاتلىدىكى، ئۇلار ھەرگىزمۇ «مىللەت» مەنپەئىتى، «دىن» مەنپەئىتىنىڭ ۋەكىلى ئەمەس، «ئىنسانىي ھوقۇقنىڭ قوغدىغۇچىسى» تېخىمۇ ئەمەس، ئۇلار سېپى ئۆزىدىن زوراۋان - تېررورچى.
بىز كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، مەيدانىمىزدا مۇستەھكەم تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ھەقىقىي ئەپت- بەشىرىسىنى ئېنىق تونۇشىمىز كېرەك. پاكىت ئاللىبۇرۇن ئىسپاتلىدىكى، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ يىلتىزى مىللىي بۆلگۈنچىلىك، ئىدىيەۋى ئاساسى دىنىي ئەسەبىيلىك، ھەرىكەت ئۇسۇلى زوراۋانلىق، تېررورلۇق. «ئۈچ خىل كۈچ» مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتقا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئەڭ ئېغىر بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىگە ئىگە ئامىلغا ئايلاندى. ئەگەر«ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەشتە يېتەرلىك ئاڭ ۋە كۈرەش روھى بولمىسا، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ خەۋپى ئۇزاققىچە داۋاملىشىپلا قالماي، بەلكى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ.
ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، قەتئىي تۈردە سەپسەتىلەرنى ئېچىپ تاشلايمەن، يالغانچىلىقلارغا رەددىيە بېرىمەن. بۇ يەردە مەن «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە شۇنداق جەڭ ئېلان قىلىمەنكى: «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر «مىللەت»، «دىن» تونىغا ئورىنىۋېلىپ، يالغان سەپسەتە تارقىتىش خام خىيالىدا بولمىسۇن، بىزدىن ئىدېئولوگىيە بازىسىنى تالىشىش خام خىيالىدا بولمىسۇن، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى پىلانلاپ، مالىمانچىلىق پەيدا قىلىش ئارقىلىق ۋەتەننى پارچىلاش خام خىيالىدا بولمىسۇن.
مەن چوقۇم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ھىمايە قىلىمەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 -، 2 -، 3- ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى پائال ئۆگىنىمەن، تەشۋىق قىلىمەن، ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش يۈرۈشلۈك «بىرىكمە مۇشت»تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەت بىلىپ، تەۋرەنمەي، بوشاڭلىق قىلماي، ئىككىلەنمەي، شەكىلۋازلىق قىلماي، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى باشتىن- ئاخىر زىممەمگە ئېلىمەن، كۆڭلۈمگە پۈكىمەن، ھەر مىللەت ئاممىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەيمەن، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى ياخشى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا كەڭ قورساق بولۇشى، ئۆزئارا ئۆگىنىشى، ئۆزئارا ياردەم بېرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، يۇرت- ماكانىمىزنى ئورتاق ياخشى قوغدايمەن.