بىر كۈنى خوتۇنۇمنىڭ دوستى ئۆيگە كەلدى، ئۇ بىر ئىشنى دەپ بېرىۋىدى، ھەممىمىز ئۆزىمىزنى باسالماي كۈلۈپ كەتتۇق.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئېرى ئىككى كۈن بۇرۇن ئۆيدە باقىدىغانغا بېلىق ئېلىپ كەپتۇ. ئېرى : بېلىق باققاندا سۈيىنى دائىم ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك، سىز ئالماشتۇرۇشنى بىلەمسىز؟-دەپتۇ.
ئايال ئۆزىنىڭ سۇ ئالماشتۇرۇشنى ئۇقمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئېرى نەچچە قېتىم ئۆگەتسىمۇ ئۆگىنەلمىگەن قىياپەتكە كىرىۋاپتۇ. «بېلىقنىڭ پۇرىقىنى ياقتۇرمىغانلىقتىن شۇنداق قىلدىڭىزمۇ» دەپ سورىدىم مەن. ئۇ «ياق، ئۇنىڭ بۇ ئىشنى ماڭا تاشلاپ قويۇپ، ئۆيگە خالىغان چاغدا قايتىپ كەلمەسلىكى ئۈچۈن شۇنداق قىلدىم» دېدى.
ئۇ ئايال بۇنىڭدىن بۇرۇن دائىم ئېرىنىڭ ئۆيگە كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلىقى توغرىسىدا قاقشاپ يۈرەتتى. بۇ ئۆينى ئۆزىلا تۇتۇۋاتقاندەك، ئېرىنى ئۆزىنى بۇرۇنقىدەك سۆيمەس بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ئاغرىنىپ تۇراتتى.
ئۇلار ھەر قېتىم ئۇرۇشۇپ قالسا دوستلىرى ئايالنىڭكىنى راست قىلاتتى. چۈنكى ئۇ ھەقىقەتەنمۇ لاياقەتلىك ئايال ئىدى. ئۆيدىكى چوڭ-كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە باش قاتۇرۇپلا قالماي، قىيىنئانا، قىيىنئاتىلىرىنىڭ ھالىدىنمۇ شۇنداق ياخشى خەۋەر ئالاتتى. ئۇنىڭ دوستلىرى :سەندەك ياخشى ئايالنى ئېرىڭ نەدىن تاپىدىكەن؟-دېيىشەتتى.
ئەمما بۇ تەگىشىشلەر ئېرىدا قىلچە ئۆزگىرىش پەيدا قىلالماپتۇ، شۇندىلا ئايال ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىشقا باشلاپتۇ. ئۇنىڭ مۇشۇنداق بولۇپ كېتىشىدە مېنىڭمۇ مەسئۇلىيىتىم بار، چۈنكى مەن ھەممە ئىشنى جاي-جايىدا قىلىۋېتىپتىمەن، ئۇ ئائىلىگە لازىمى قالمىغاندەك ھېس قىلغاچقا، ۋاقتىدا ئۆيگە قايتقۇسى كەلمەس بولۇپ قاپتۇ،-دېدى ئۇ.
«ھوشى» نى تاپقان ئايال ئۆزىنى ئۆزگەرتىشنى قارار قىلىپتۇ. شۇڭا ئۇ بېلىقنىڭ سۈيىنى ئالماشتۇرماسلىقنى نىيەت قىپتۇ، ئېرى نەچچە كۈن كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتسىمۇ، بېلىقنىڭ سۈيى ئازراق پۇراپ قالسىمۇ ئالماشتۇرماپتۇ. ئېرى قايتىپ كەلگەندىن كېيىن شۇنچە ئاددىي ئىشنىمۇ بىلمەيدىغانلىقى توغرىسىدا كوتۇلداپتۇ، ئىلگىرى ئۇنداق دېسە قاتتىق ئاچچىقى كېلىدىغان ئايال ھازىر ئېرىم بىلسىلا بولدى دەيدىغان بوپتۇ.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئېرى ھازىر ئۆيگە بالدۇر قايتىدىكەن، ئۇنىڭغا كۆپ ھەمراھ بولىدىكەن، ئىككىيلەننىڭ پىكىر ئالماشتۇرىدىغان ۋاقتىمۇ بۇرۇنقىدىن كۆپىيىپتۇ، ئۆيدە كۈلكە ئاۋازلىرى ياڭرايدىغان بوپتۇ. مەن بەزىدە باشقا ئىشلاردىمۇ دۆترەك بولۇۋالىمەن، ئەرلەر بەزىدە دۆترەك ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىكەن. چۈنكى شۇندىلا ئۇلار ئۆزلىرىنى ئائىلە ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان قالتىس ئادەم، دەپ ھېس قىلىدىكەن. شۇڭا ئەقىللىق ئايال بەزىدە دۆترەك بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىشى، ھەممىگىلا قابىل بولۇۋالماسلىقى كېرەك ئىكەن.