تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

ۋاڭ شىنخۇي: كۈرەش قىلىشنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك

     شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 30-كۈنى، ۋاڭ شىنخۇي كورلىدىن سانجىدىكى ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بۇ ھەپتە ئاخىرىنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزمەكچى بولدى. ئۇ بۇ يىلنىڭ، قالغان كۈنلىرىنىڭ ئالدىراش ئىچىدە ئۆتىدىغانلىقىنى بىلەتتى، چۈنكى باغراش كۆلى بويىغا جايلاشقان راك بېقىش بازسى پىلانى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل بولغان بولۇپ، 4-ئايدىن باشلاپ، ئۇ بارىلىق كۈچىنى بۇ يەرگە سەرپ قىلاتتى.

    راك بېقىش بازسى ئۈچۈن ۋاڭ شىنخۇي يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرىپ قىلىپ، ئاخىرى بىڭتۈەن 2-دېۋىزىيە 22-تۈەن بىلەن توختام ئىمزالاپ، 1000 مو يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ باقمىچىلىق بازىىسى ئۈچۈن ئىشلەتتى. ئۇ مۇخبىرغا،بۇ جاينىڭ سۇ، تۇپراق ئەۋرىشكىسىنى نەنجىڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتكەنلىكىنى، تەكشۈرۈشتە 22-تۈەننىڭ سۇ، تۇپراق، كىلىماتىنىڭ راك بېقىشقا ماس كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ «جۇڭگو راك ماكانى» جىياڭسۇ شۈيى ناھىيەسىگە بېرىپ راك باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، ئالدى بىلەن 3 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ باقمىچىلىق بازىسى قۇرۇشنى قارار قىلدى.

     بەش يىل بۇرۇنقى مەلۇم بىر كۈن، ۋاڭ شىنخۇي ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىغا كەلگەندە، يۈك-تاقىدىن سىرت يېنىدا ئاران 69 يۈەنلا پۇل بار ئىدى.

    بۇ يىل 43 ياشقا كىرگەن ۋاڭ شىنخۇي ئىلگىرى جىياڭسۇدىكى بىر كىيىم-كېچەك زاۋۇتىنى باشقۇراتتى، 2011-يىل 3-ئايدا، ياپونلۇق بىرەيلەن ئۇنىڭدىن 40 نەچچە مىليون يۈەن قىممىتىدىكى كىيىم زاكاز قىلغان بولۇپ، يۈك پاراخوتى ياپونىيە پورتىغا يېتىپ كەلگەندە، ياپونلۇق خوجايىن مالنى ئالغىلى كەلمىگەن، ئەسلىدە بىر قېتىملىق دېڭىز شاۋقۇنىدا بۇ خوجايىن قازا قىلغان ئىكەن. ئۇ: بۇ سودا مېنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتتى، ئۇ كىيىملەرنىڭ ھەممىسى ياپونىيەلىكلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى بويىچە لايىھەلەنگەن بولۇپ، قايتۇرۇپ كېلىنسە سېتىش يولى يوق ئىكەنلىكىنى، ئېيتتى.

     ئايالىنىڭ ئىلھام بېرىشى بىلەن، ۋاڭ شىنخۇي سەنشى ئۆلكىسى يۈنچىڭ شەھىرىگە كېلىپ ئىشلىدى، شۇ مەزگىلدە شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانى ئۇنى قىزىقتۇردى شۇنىڭ بىلەن ئۇ يۇرتدىشى بىلەن شىنجاڭغا بېرىپ سىناپ بېقىشنى ئويلىدى.

    ۋاڭ شىنخۇي مۇخبىرغا: مەن شىنجاڭغا كەلگەن دەسلەپكى كۈنلەردە تۈر دېرىكتورى بولۇپ ئىشلىدىم، شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى مېنى ھاياجانلاندۇرغان بولسىمۇ، لېكىن خىزمەتتىن  زېرىكىشلىك ھېس قىلدىم، دېدى. ئۇ تۈر دىرېكتورى، توك ئىشچىسى قاتارلىق كەسىپلەرنى قىلغاندىن كېيىن ئىگىلىك تىكلەشنى پىلان قىلدى، ئۇنىڭ دادىسى يۇرتىدا ياغاچچىلىق قىلىدىغان بولۇپ، ئۇ بېزەكچىلىك شىركىتى ئېچىشنى قارار قىلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ۋاڭ شىنخۇينىڭ « جىياڭسۇ چېڭشىن بېزەكچىلىك شېركىتى» تىجارەت باشلىدى، ئىچكىردىكى ئەڭ مودا، يېڭى لايىھە ۋە سودىدىكى ئىشەنچ ئۇنىڭ سودىسىنى كۈنسېرى ياخشىلىدى. ئۇنىڭ بېزەكچىلىك شىركىتىدە 20 دىن ئارتۇق خىزمەتچى بار ئىدى. 2014-يىلى، ئۇ ئايالى ۋە ئىككى ئوغلى بىلەن شىنجاڭدا جەم بولدى.

    ۋاڭ شىنخۇي: بېزەكچىلىك شىركىتىمنىڭ تىجارىتى ياخشى، مەن يەنە باشقا ئىشلارنى قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن، دېدى. ۋاڭ شىنخۇينىڭ ئايالى كىچىكىدىن باشلاپ دېڭىز رايونىدا چوڭ بولغان بولۇپ، شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ دېڭىز مەھسۇلاتىغا ئېھتىياجى بارلىقىنى بىلدى. شۇنىڭ بىلەن 2017-يىلى، ۋاڭ شىنخۇينىڭ «گۋادار پورتى سۇ مەھسۇلاتلىرى دۇكىنى» سانجى شىنجاڭ خەيلىيەن يېمەكلىك ئەشيا ئوبوروت رايونىغا كىردى، راك، سېرىق گوبىل بېلىقى، تاسما بېلىق......قاتارلىق پاكىستان گۋادار پورتىدىن كەلتۈرۈلگەن 100 گە يېقىن ئەلا سۈپەتلىك دېڭىز مەھسۇلاتى نۇرغۇن خېرىدارلارنى جەلپ قىلدى.

   ۋاڭ شىنخۇينىڭ پىلانىدا، 1000 مولۇق راك باقمىچىلىق بازىسى ئۇنىڭ پەقەت دەسلەپكى پىلانى بولۇپ، كېينكى مەزگىلدە ئۇ 10 مىڭ موغا يېقىن چوڭ كۆلەمدىكى نىلۇپەر ۋە راك باقمىچىلىق بازىسىنى قۇرىماقچى، ئۇ: سودىدا مالنىڭ سۈپىتىگە ۋە سەمىمىيلىكىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، شىنجاڭ ياخشى جاي، تەرەققىيات پۇرسىتى كۆپ، ئىزچىل كۈرۈش قىلغاندىلا چوقۇم ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيمىز، دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ