تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ تەشۋىقاتچىسى، ئەمەلىيەتچىسى بولىمەن

  قابا ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رەئىس قادىشا ئاقان

  شىنجاڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ۋەتەننىڭ بىرلىكى، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئورتاق قوغداپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتىدۇ. بىراق، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر شىنجاڭنىڭ گۈللەپ راۋاجلانغان ياخشى ۋەزىيىتىنى كۆرۈشنى خالىماي، ‹‹مىللەت››، ‹‹دىن››نى دەستەك قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزدى، ئۇلار ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. مەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشكە تۆھپە قوشىمەن.

  مەن باشتىن – ئاخىر سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئۇنى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە سىڭدۈرىمەن. سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم – كوتسىز ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. سىياسىي جەھەتتىكى چېنىقىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى بايقاش ئىقتىدارىمنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتچانلىقىم ئارقىلىق ساداقىتىمنى بىلدۈرۈپ، نەتىجەم ئارقىلىق قىممىتىمنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق گۈزەل يۇرت – ماكانىنى قەتئىي قوغدايمەن.

  تارىخ شۇنى قايتا – قايتا ئىسپاتلىدىكى، ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق ــــ ئامەت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق ــــ ئاپەت. يېڭى ۋەزىيەتتە، بىز پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى تەشۋىق – تەربىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى پائالىيىتىنى قەتئىي بوشاشماي قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار تىپلارنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىش ۋە تەقدىرلەش ئارقىلىق، مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىشى، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشى، ئۆزئارا ئۆگىنىشى، ئۆزئارا قوللىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باشتىن – ئاخىر ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى ئورتاق قوغدىشىمىز كېرەك. يېزا – كەنت (مەھەللە) لەردە كادىرلار، ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، لېكسىيە سۆزلەش ئارقىلىق ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

  مەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 –، 3 – ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشنى ھەر ۋاقىت بوشاشتۇرۇپ قويماي، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە بارلىقىمنى بېغىشلايمەن، پارتىيەگە، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرىمەن. ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممەمگە ئېلىپ، تۈرلۈك خاتا ئىدىيەنىڭ ئازدۇرۇشىغا ئۇچرىماي، ئالدىدا بىر خىل، كەينىدە بىر خىل ئىش قىلىدىغان، كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىدىغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى›› لەرنى پەرقلەندۈرۈشكە ماھىر بولۇپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى›› لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن. ئاڭلىق ھالدا ئېتىقادى مۇستەھكەم زېرەك ئادەم، تىلى بىلەن دىلى بىردەك سەمىمىي ئادەم، ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىدىغان قائىدىلىك ئادەم بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغدايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ