كىشىلەر يېڭى ئاپتوموبىل سېتىۋالغاندىن كېيىن يول بويىغا توختىتىپ قويغاندا، ئاپتوموبىلنىڭ ئوغرىلىنىشىدىن تولىمۇ ئەنسىرەيدۇ. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا ئاپتوموبىلنىڭ ئوغرىلىنىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟
ئالدى بىلەن ئاپتوموبىلنى ئاپتوموبىل ئىسكىلاتى ياكى ئاپتوموبىل توختالغۇسىغا توختىتىش كېرەك، چۈنكى بۇ جايلارنىڭ ئوغرىدىن مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرى بىر قەدەر مۇكەممەل بولىدۇ، ئوغرىلارمۇ قول سېلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئاپتوموبىل ئىسكىلاتى ياكى ئاپتوموبىل توختالغۇسى تاپالمىغان ئەھۋالدا، كۆزەتكۈ ئورنىتىلغان جايلارغا توختىتىش لازىم. شۇنداق قىلغاندا، ئاپتوموبىل ئوغرىلانغان تەقدىردىمۇ كۆزەتكۈدىكى سىن ماتېرىيالىغا ئاساسەن، ئوغرىلانغان ئاپتوموبىلنى تېزلا تاپقىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئاپتوموبىلغا قىممەت باھالىق نەرسە-كېرەكلەرنى قويماسلىق كېرەك.