تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئاچچىقسۇنىڭ راستلا ساقلىقنى ساقلاش رولى بارمۇ؟

  مۇۋاپىق مىقداردا ئاچچىقسۇ ئىستېمال قىلىش سالامەتلىككە پايدىلىق بولۇپ، ئۇنىڭ ساقلىقنى ساقلاش جەھەتتىكى رولىنى تۆۋەندىكى سەككىز تەرەپكە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:

 1.ئاشقازان – ئۈچەينىڭ باكتېرىيە يوقىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ. ئاچچىقسۇ كۈچلۈك باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش رولىغا ئىگە بولۇپ، ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيەسى ۋە چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسىنى ئۆلتۈرەلەيدۇ، شۇڭا مۇۋاپىق مىقداردا ئاچچىقسۇ ئىستېمال قىلغاندا ئاشقازان – ئۈچەينىڭ باكتېرىيە يوقىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاشقازان – ئۈچەي ساغلاملىقىنى قوغداشقا پايدىلىق.

 2.ھۆسن گۈزەللەشتۈرىدۇ. ئاچچىقسۇ تەركىبىدىكى سىركە كىسلاتاسى، سۈت كىسلاتاسى ۋە ئامىنو كىسلاتاسى قاتارلىقلارنىڭ قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تېرىنىڭ سىلىقلىقى ۋە پارقىراقلىقىنى ئاشۇرۇش رولى بولىدۇ، شۇڭا مۇۋاپىق مىقداردا ئاچچىقسۇ ئىستېمال قىلغاندا ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش ۋە تېرە ئاسراش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

 3.ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ. ئاچچىقسۇ تەركىبىدىكى پارلىنىشچان ماددا ۋە ئامىنو كىسلاتالار چوڭ مېڭە نېرۋا مەركىزىنى غىدىقلاپ ھەزىم قىلىش ئەزالىرىغا كۆپ مىقداردا ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ بېرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھەزىم ئەزالىرىنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.

 4.ھارغىنلىقنى تۈگىتىدۇ. ئاچچىقسۇ تەركىبىدىكى مول ئورگانىك كىسلاتا قەنت مېتابولىزمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەندىكى ھارغىنلىق پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنى پارچىلاپ، ھارغىنلىقنى تۈگىتىدۇ.

  5.تېرە قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئاچچىقسۇنىڭ ئوكسىدلىنىشقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغاچقا، ئادەم ئورگانىزمىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىدىغان پېروكسىدلىق ياغلارنىڭ ھاسىل بولۇشىنى تورمۇزلاپ قېرىلىق دېغىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئازايتىدۇ.

  6. قان شېكىرىنى كونترول قىلىدۇ. ئاچچىقسۇ يەنە يۇقىرى قان شېكىرى ئاغرىقلىرىنىڭ قان شېكىرىنى كونترول قىلىشىغا ياردەم بېرىپ قان شېكىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلايدۇ، بولۇپمۇ دىيابېت كېسىلى ئاغرىقلىرىنىڭ تاماقتىن كېيىنكى قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمى بىرقەدەر ياخشى بولىدۇ. شۇڭا گۈرۈچ تامىقى ۋە ئۇن تامىقى قاتارلىق كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنى ئاساس قىلغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا قورۇمىلارغا مۇۋاپىق مىقداردا ئاچچىقسۇ قوشۇۋېتىش كېرەك.

    7. كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردا ئاچچىقسۇ ئىستېمال قىلغاندا كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، سۆڭەك شورپىسى قايناتقان ياكى بېلىق دۈملىگەندە مۇۋاپىق مىقداردا ئاچچىقسۇ قوشۇۋەتسە، سۆڭەكتىكى كالتسىينى تېخىمۇ كۆپ ئېرىتىپ كالتسىينىڭ ئادەم بەدىنىگە سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

 8. تۇزنى ئاز ئىشلىتىشكە ياردىمى بولىدۇ. قورۇما قورۇغاندا مۇۋاپىق مىقداردا ئاچچىقسۇ ئىشلىتىش ئارقىلىق تۇزنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

  گەرچە ئاچچىقسۇنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى كۆپ بولسىمۇ، يەنىلا ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ:

  1) مىقدارى مۇۋاپىق بولۇشى، ئاشقازىنىنىڭ كىسلاتالىقى ئېشىپ كەتكەنلەر چوقۇم پەرھىز تۇتۇشى كېرەك. چۈنكى ئاچچىقسۇ كىسلاتالىق بولۇپ مىقدارى ئېشىپ كەتسە ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ شىللىق پەردىلىرىنى چىرىتىپلا قالماي، يەنە ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنىڭ ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، نەتىجىدە ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئېشىپ كېتىشى سەۋەبىدىن ئاشقازان يارىسى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.

  2) ئاچچىقسۇغا زىيادە سەزگۈرلەر پەرھىز تۇتۇشى كېرەك. زىيادە سەزگۈرلۈك سەۋەبىدىن، بەزى كىشىلەردە ئاچچىقسۇ ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ئەسۋە چىقىش، قىچىشىش، سۇلۇق ئىششىق، زىققا قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا ئاچچىقسۇغا زىيادە سەزگۈر كىشىلەر چوقۇم ئاچچىقسۇدىن پەرھىز تۇتۇشى كېرەك.

  3) غەرب تېبابىتىنىڭ دورىلىرىنى ئىچىۋاتقانلارمۇ پەرھىز تۇتۇشى كېرەك. چۈنكى سىركە كىسلاتاسى ئادەم بەدىنىدىكى بەزى ئورۇنلارنىڭ كىسلاتالىق – ئىشقارلىق دەرىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولغاچقا، ئىستېمال قىلىنغان دورا ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالماي قالىدۇ. مەسىلەن، سۇلفۇنىلامىد تۈرىدىكى دورىلار كىسلاتالىق مۇھىتتا ئاسانلا بۆرەك كىرىستالى ھاسىل قىلىپ، بۆرەك نەيچىلىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، شۇڭا بۇ تۈردىكى دورىلارنى ئىستېمال قىلىۋاتقاندا ئاچچىقسۇدىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك.

  ئېرفانجان ياسىن تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ