بۇ يىل ئائىلىلەرگە كىرىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى تاماملىنىدۇ
مۇخبىرىمىز شيې خۇيبيەن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى 3 – ئاينىڭ 29 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مەملىكەت بويىچە بۇلغىما مەنبەسىنى 2 – قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
مەملىكەت بويىچە بۇلغىما مەنبەسىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش دۆلەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشتىكى مۇھىم خىزمەت، شۇنداقلا مۇھىت ئاسراشتىكى ئۇل خىزمەت. ‹‹مەملىكەت بويىچە بۇلغىما مەنبەسىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش نىزامى››دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، مەملىكەت بويىچە بۇلغىما مەنبەسىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ھەر ئون يىلدا بىر قېتىم قانات يايدۇرۇلىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق مەملىكەت بويىچە بۇلغىما مەنبەسىنى 2 – قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى ۋېي جۇڭيۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئون يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سانائەت ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ئاھالە قۇرۇلمىسى، شۇنداقلا بۇلغىنىش مەنبەسىنىڭ تىپى، تارقىلىشى، كۆلىمى ۋە خاراكتېرى قاتارلىقلاردا ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى. مەملىكەت بويىچە بۇلغىما مەنبەسىنى 2 – قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، بۇلغىما مەنبەلىرىنىڭ تارقىلىشى ھەم ئاساسلىق بۇلغىمىلارنىڭ شەكىللىنىش، چىقىرىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىنىش ئەھۋالىنى ئەتراپلىق ئىگىلىگىلى بولىدۇ، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىت ئەھۋالىغا توغرا ھۆكۈم قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە مۇھىت ئاسراش سىياسىتى، پىلانى قاتارلىقلارنى ئىلمىي تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ۋېي جۇڭيۇڭ مۇنداق دېدى: ئون يىل ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ قېتىمقى مەملىكەت بويىچە بۇلغىما مەنبەسىنى 2 – قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ چېتىلىش دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ، ۋەزىپىسى تېخىمۇ ئېغىر، كەسىپچانلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك. ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى بۇلغىما چىقىرىدىغان ئورۇن ۋە يەككە تىجارەتچىلەر بۇ قېتىمقى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ ئوبيېكتى. دائىرىسى سانائەت بۇلغىما مەنبەسى، يېزا ئىگىلىك بۇلغىما مەنبەسى، مەركەزلىك بۇلغىما مەنبەسىنى تۈزەش ئەسلىھەسى، كۆچمە مەنبە ھەم بۇلغىما پەيدا قىلىدىغان، چىقىرىدىغان باشقا ئەسلىھەلەرگە چېتىلىدۇ. ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ مەزمۇنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئوبيېكتلىرىنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرى، بۇلغىمىنىڭ تۈرى ۋە مەنبەسى، بۇلغىمىنىڭ شەكىللىنىش ۋە چىقىرىلىش ئەھۋالى، بۇلغىنىشنى تۈزەش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى ۋە ئۇلارنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئاپتونوم رايوننىڭ مەملىكەت بويىچە بۇلغىما مەنبەسىنى 2 – قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتى باسقۇچقا بۆلۈپ ئىشلىنىدۇ، ئۈچ يىل داۋاملىشىدۇ. 2017 – يىلى تۈرلۈك ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىق خىزمەتلىرى ئىشلىنىپ بولدى. 2018 – يىلى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش باسقۇچى بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش بويىچە تەربىيەلەش، ئېنىقلاپ تەكشۈرۈش ئامبىرى قۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش، ئائىلىلەرگە كىرىپ تەكشۈرۈش، سانلىق مەلۇماتلارنى تەكشۈرۈپ سېلىشتۇرۇش ۋە جەملەشنى باشلاش، سۈپەت تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەر نۇقتىلىق ئىشلىنىدۇ، ئائىلىلەرگە كىرىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى تاماملىنىدۇ. 2019 – يىلى سانلىق مەلۇماتلارنى تەكشۈرۈپ سېلىشتۇرۇش ۋە جەملەش، بۇلغىما مەنبەلىرىنىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزۇش، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر تاماملىنىدۇ.