تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئوقۇتۇپ ئادەم تەربىيەلەشنىڭ مۇستەھكەم بازىسىنى پۇختىلايمەن

  ئۇلۇغچات ناھىيەلىك تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى نۇرئەلى تۇرسۇن

  ھازىر شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىغا ئايلاندى، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتى بىزنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

  مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەكتەپنىڭ بۆلگۈنچىلىككە، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى مۇھىم ساھە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، دىنىي ئەقىدىلەرنى بۇرمىلاپ، سەپسەتىلەرنى توقۇپ، ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، كىشىلەرنىڭ قەلبىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى، كىشىلەرنىڭ قاتتىق نەپرىتىنى قوزغىدى. ئۇلار يەنە قارا قولىنى مەكتەپلەرگە، ئوقۇغۇچىلارغا سۇنۇپ، بارلىق ئاماللار بىلەن دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ئارقىلىق ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى چىرىتىپ، بىزدىن ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى، مائارىپ بازىسىنى، ۋەتەننىڭ كەلگۈسىنى تالاشتى. مەكتەپنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ــــ مەكتەپنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ھەقىقىي ئىپادىسى. مەن بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى ئىدىيەۋى ھوشيارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كاللىنى سەگەك تۇتۇپ، بايرىقى روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە زەربە بېرىش، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قەتئىي تەلتۆكۈس يوقىتىش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىدىغان بارلىق سۆز – ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە يوشۇرۇنىدىغان جاي، قاچىدىغان يول قالدۇرماسلىققا تەربىيەلەيمەن ۋە يېتەكلەيمەن.

  پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن باشتىن – ئاخىر پارتىيەگە سادىق بولۇپ، سىياسىيدا سەزگۈر بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى ئاڭلىق قوغدايمەن، بۆلگۈنچىلىككە، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، ئۈلگە، باشلامچى بولىمەن، مۇناسىۋەتسىز كىشىلەر، سۈكۈت قىلغۇچىلار، ياخشىچاقلاردىن قەتئىي بولمايمەن. ئامما بارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىمىزدىكى ئالدىنقى شەرت ۋە تۈپ چىقىش نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى ھەر ۋاقىت ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنى ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش›› تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە يېتەكلەيمەن، بايرىقىم روشەن ھالدا ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹ پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنى تەنقىدلەپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل كۈرەش قىلىپ، ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى تارقاتقان ئاشۇ بىر قىسىم ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قەتئىي تارتىپ چىقىپ، پاكىز تازىلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئوقۇتۇپ ئادەم تەربىيەلەشنىڭ مۇستەھكەم بازىسىنى پۇختىلايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ