شەھەر ئىستېمالچىلار سەھەر گېزىتى خەۋىرى: تەييار ماينىڭ باھاسى يەنە بىر قېتىم تەڭشەلگەن بولۇپ، 3-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 24 تىن باشلاپ، ماي بېكى 50 لېتىرلىق ئاپتوموبىلغا تولۇق ماي قاچىلىغاندا، ئىلگىرىكىگە قارىغاندا 6 يۈەن ئەتراپىدا ئارتۇق چىقىم بولىدىكەن.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ تەسىرىدە خام نېفىتنىڭ ئۆزگىرىش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز يۇقىرىلاپ، ماي باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە سەۋەب بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ ئاساسىي قۇرۇلۇش ۋە زاۋۇت، كان قاتارلىق دالىدا مەشغۇلات قىلىدىغان قۇرۇلۇشلارنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشى، شەخسي ئاپتوموبىللارنىڭ كۆپەيگەنلىكى سەۋەبىدىن بېنزېنگە بولغان ئېھتىياج كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەن. دۆلەت ئىچىدىكى كۆپلىگەن تەييار ماي باھاسىنى ئانالىز قىلىش ئاپپاراتلىرىنىڭ مۆلچەرلىمە ھېسابىغا ئاساسلانغاندا، 92-نومۇرلۇق بېنزىن، 0- نومۇرلۇق دىزېل مېيى باھاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 0.12 يۈەن / لېتىر، 0.13 يۈەن / لېتىر تەڭشىلىدىكەن.
بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى رايونىدىكى 92-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى 6.62 يۈەن / لېتىر، 95-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى 7.12 يۈەن / لېتىر، 98-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى 7.98 يۈەن / لېتىر، 0- نومۇرلۇق دىزېل مېيىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى6.22 يۈەن / لېتىر بولغان.
ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2018-يىلى دۆلەت ئىچىدىكى تەييار ماي باھاسى ھازىرغىچە بەش قېتىم تەڭشەلگەن بولۇپ، تەھلىلچىلەرنىڭ ئانالىزىغا قارىغاندا، كېلەر قېتىمقى باھا تەڭشەش 4-ئاينىڭ 12-كۈنى كەچ سائەت 12 دە باشلىنىدىكەن.