ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز چياۋ گو خەۋىرى: كاترىنا دۆربىلجىن ناھىيەسى شەھەر ئەتراپى يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئادەتتىكى بىر كادىرى، ئۇ 2016-يىلى 10-ئايدىن تارتىپ بارلىق كۇرە 2-كەنتىدىكى 66 ياشلىق يالغۇز بوۋاي لى گۇاڭجىن بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» بويىچە قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشتى.
لى گۇاڭجىن بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كۈنلەردە كاترىنا بوۋايغا ھەقىقىي مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزدى. ئۇ بوش ۋاقىتلىرىدا لى گۇاڭجىننىڭ ئۆيىنى يىغىشتۇرۇپ، تازىلاپ بەردى، كۆكتات سېتىۋېلىپ كېلىپ لى گۇاڭجىنغا تاماق ئېتىپ بەردى، كىر-قاتلىرىنى يۇيۇپ بەردى... چىن كۆڭلى، ھەقىقىي مېھىر-مۇھەببىتى، سەمىمىيىتى بىلەن بوۋاينىڭ قەلبىنى ئىللىتتى.
بوۋايغا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن كاترىنا مەخسۇس دەرس تەييارلاپ، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك يەرلىك تىلدا سۆزلەپ بەردى. ھەر دۈشەنبە كۈنى دۆلەت بايرىقى چىقارغاندا كاترىنا دەل ۋاقتىدا كەنت كومىتېتى دەرۋازىسى ئالدىدا لى گۇاڭجىننى ساقلاپ ئۇنى يۆلەپ، تەشۋىقات ئاڭلىدى، دۆلەت شېئىرى ئېيتىپ، دۆلەت بايرىقىنىڭ ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلۈشىنى كۆردى.
بۇ تۇغقانلىق مېھرى 2018-يىلى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، لى گۇاڭجىن بىلەن ھەر ۋاقىت ئالاقىلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كاترىنا دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ بىر يان تېلېفون سېتىۋېلىپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى چياۋ جىگونىڭ ھەمراھلىقىدا لى گۇاڭجىنغا ئاپىرىپ بەردى.
لى گۇاڭجىن دەسلەپتە قەتئىي ئالغىلى ئۇنىمىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: چاغاندىن ئىلگىرى خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىلەن كەنت پارتىيە ياچېيكىسى كومىتېتى، كەنت كومىتېتىدىكىلەر ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئېلىپ كەلدى. چاغاننىڭ 1-كۈنى خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ھېيتلاپ كەلگەندە ماڭا يەنە بىر يەشىك سۈت، كاترىنا كۆكتات ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ كەپتۇ، مەن ناھايىتى رازى! بۈگۈن بۇ قىز يەنە بىر يان تېلېفون ئېلىپ كەپتۇ، مەن قانداقمۇ قوبۇل قىلالايمەن...»
كاترىنا مۇنداق دېدى: «يان تېلېفوننى ئادەتتە ئالاقىلىشىش، سالامەتلىك ئەھۋالىڭىزنى ھەردائىم بىلىش ئۈچۈن سېتىۋالدىم، سالامەتلىك ئەھۋالىڭىزنى بىلسەم مەنمۇ خاتىرجەم بولىمەن.»
لى گۇاڭجىن يان تېلېفوننى قولىغا ئېلىپ: «بۇنچە كۆپ كادىر كەنتىمىزگە كېلىپ بىز بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىپ، قىيىنچىلىقىمىزنى ھەل قىلىشىمىزغا ياردەم قىلدى، بۇ قىز دائىم ئۆيۈمگە كېلىپ ھال-ئەھۋال سوراپ تۇردى، ئۆي ئىشلىرىمغا ياردەملەشتى، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدە يەنە بىر قىزىم كۆپەيدى، پارتىيەگە كۆپ رەھمەت!»
كاترىنا:«بوۋا، سىزنىڭ بىر قىزىڭىز كۆپەيدى، بۇنىڭدىن كېيىن ئىش بولسا ماڭا تېلېفون قىلىڭ» دېدى.