مۇخبىرىمىز ما شاۋبىن خەۋىرى. 2018-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئېلېكتىر تورىنىڭ دەرىجىسىنى كۆتۈرۈپ، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان مەبلەغنىڭ تۆتتىن بىر ئۈلۈشى 261 ئېغىر نامرات كەنتتىكى تۇرمۇشقا ئىشلىتىلىدىغان توك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.
مۇخبىرنىڭ 3-ئاينىڭ 23-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 2018-يىلى ئاپتونوم رايونىمىز 13 ۋىلايەت، ئوبلاست (شەھەر) نىڭ 87 ناھىيە (شەھەر، رايون) سىدىكى يېزا ئېلېكتىر تورىنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئۆزگەرتىدىغان بولۇپ، قۇرۇلۇشقا جەمئىي 2 مىليارد 652 مىليون 900 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئېغىر نامرات كەنتلەردە 2018-يىلى يېزا ئېلېكتر تورىنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىغا 618 مىليون يۈەن ئىشلىتىلىپ، 261 ئېغىر نامرات كەنتلەردىكى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشقا ئىشلىتىلىدىغان توك مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىنىدۇ.
ئېغىر نامرات كەنتلەرنىڭ 2018-يىللىق يېزا ئېلېكتىر تورىنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى 35 كىلوۋولتلۇق ترانسفورماتور پونكىتىدىن ئالتىنى، توك يولىدىن 112 كىلومېترنى يېڭىدىن ياسايدۇ ياكى ئۆزگەرتىدۇ؛ 10 كىلوۋولتلۇق توك يولىدىن 1059 كىلومېترنى، تۆۋەن بېسىملىق توك يولىدىن 1615 كىلومېتىرنى، توك تەقسىملەش ترانسفورماتورىدىن 910 نى يېڭىدىن ياسايدۇ ۋە ئۆزگەرتىدۇ.
بۇ قۇرۇلۇشنىڭ يولغا قويۇلۇشى نامرات رايونلاردىكى يېزا ئېلېكتىر تورىنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش، راۋاجلاندۇرۇشتىكى نۇقتىلىق ناھىيە، مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە نامرات رايونلارنى توك بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، 261 نامرات كەنتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باي بولۇشتا توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا يېڭىش ئۈچۈن ئېلېكتر كاپالىتى ئاساسىنى پۇختىلايدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى دۆلەتنىڭ ھاللىق سەۋىيەدە توك ئىشلىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسىگە تاللانغان باغراش ناھىيەسى، توقسۇن ناھىيەسى، ساۋەن ناھىيەسى، كۇچا ناھىيەسىدا يېزا ئېلېكتر تورىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىغا 155 مىليون يۈەن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھاللىق جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان ناھىيە تەۋەسىدىكى ئېلېكتىر كۈچى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 2018 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ھاللىق سەۋىيەدە توك ئىشلىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 35 كىلوۋولتلۇق ترانسفورماتور پونكىتىدىن يەتتىنى، توك يولىدىن 37 كىلومېتىرنى يېڭىدىن قۇرىدۇ ۋە ئۆزگەرتىدۇ؛ 10 كىلوۋولتلۇق توك يولىدىن 237.6 كىلومېتىرنى، تۆۋەن بېسىملىق توك يولىدىن 227.32 كىلومېتىرنى،توك تەقسىملەش ترانسفورماتورىدىن 119نى يېڭىدىن ياسايدۇ ۋە ئۆزگەرتىدۇ.